Üjme
From Wikipedia
ئۈجمە
ئۈجمە- ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق، ككپ شاخلىق ئىگىز ئۆسىدىغان مىۋىلىك دەرەخ. ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىدە دىگۈدەك ئۆستۈرىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ ئۆزى كۆركەم، مېۋىسى ئىنتايىن شىرىن بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ھويلا ئارام ۋە مەھەللىنىڭ ئەتراپلىرىدا ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭ مېۋىسى 5-ئاينىڭ كىيىنكى يېرىمىدا پىشىشقا باشقاپ 6- ئاينىڭ باشلىرىدا تاشا ۋايىغا يىتىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ھەممە كىشى تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. ئۈجمە ناھايىتى تىز ئۆسىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئاسان كۆپەيىتكىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ مېۋىسى بارلىق ھۆل مىۋىلەر ئىچىدە ئەڭ بورۇن پىشىدۇ. ئۈجمە ئۆستۈرۈش ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ناھاتىيى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. يەنى خەلقىمىز ئۇنى پىلە يىپەكچىلىكىنى راۋاجىلاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ماددى ئەششاسى قىلىپ كەلەەن. ئۈجمىنىڭ مېۋىسىنى يىيىش، توپۇرمىقىدىن پىلە بېقىشتىن باشقا، ئۇنى ھارۋا ماللارنىڭ يەم خەشىكى قىلغىلىمۇ بولىدۇ. ئونىڭ غولى ئەلە سۈپۈتلىك تاغاچ ماتىرىيالى ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنڭ غول قىسمىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى، ئىچكى تالالىرى رەڭدار بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۆي ئىمارەتلەرنىڭ تۈۋرۈكلىرىن، دوتار ،تەمبۇر، راۋاپ قاتارلىق ھەرخىل موزىكا ئەسۋابلىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ. شاى شۇمبىلىرى، يىلتىزى ۋە كۆتەكلىرىئوتۇن بولىدۇ. ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقى قەغەز ياساشتىكى مۇھىم خام ئەششا ھىسابلىنىدۇ. تارىختىكى داڭلىق خوتەن قەغىزى ئجمە دەرىخنىڭ قوۋزىقىدىن ياسالغان. ئجمە مېۋىسىنىڭ رەڭگى ۋە چوڭ كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇ ئاق ئۈجمە، قارا ئۈجمە، چېقىر ئۈجمە، شاتۇت ئۈجمە، ئەركەك ئۈجمە قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئەركەك ئۈجمىدىن باشقىسى مىۋىلەيدۇ. شاتۇت ئۈجمە 8-ئايلاردا پىشىدۇ. كىشىكەرنىڭ ككپ ئىستىمال قىلىدىغىنى ئاق ئۈجمە. ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە روتىن، كاروتىن، ئاقسىل، ئالااتىك مايلار،كسلاتالىق ماددىلار، ئۇچۇچان ياغلارۋە تانىنىن قاتارلىقلار بار.ئۇنىڭدىن باشقا A,B,C,PPقاتارلىق ھەرخىل ۋىتامىنلار، گىلىكوزا، فىروكتوزا،ئالما كىسلاتاسى،ناترىي، كالىي، كالتىسى، قاتارلىق ئىلمىنىتلارۋە ئانئورەانىك تۇزلاربار.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن موھىم بولغان زۈرۈر ئىلمىنىتلاردۇر. ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەبئىيىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ قاننى كۆپەيتىش مېىنى ھۆللەشتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تال جىگەرنىڭ ھەركىتىنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش بەدەننى سەمرىتىش خوسىسىيىتىگە ئىگە.تىبابەتچىلىكتە يەنە ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقى، ياش نوقتىسى ۋە يىلتزىنى موھىم دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.ھازىر تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردە ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن ئايرىپ ئېلىنغان دورا ئارقىلىق قان دانىچىلىرىنىڭ يوقىرلاپ كېتىش كىسەللىكىنى داۋالىماقتا.
"ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ" ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.