ئامرىكىنىڭ ھۆكۇمەت قۇرۇلمىسى

From Wikipedia

ئامرىكىنىڭ ھۆكۇمەت قۇرۇلمىسى

ئامرىكىنىڭ ھۆكۇمەت قۇرۇلمىسى فدىراتسىيە ، شىتات ۋە يەرلىكتىن ئىبارەت ئۇچ دەرىجىلىك ھۆكۇمەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۇمەت 3 تارماق ئورگاندىن تەركىپ تاپقان . ئۇلار مەمۇرى ئورگان ، قانۇن تۇرغۇزغۇچى ئورگان ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاندىن ئىبارەت . ئامرىكا ھۆكۇمىتىنىڭ بۇ ئۇچ تارماق ئورگىنى بىر- بىرىدىن مۇستەقىل ھەم بىر - بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ ، ئۇلار بىر - بىرىنى پۇتۇنلەي كۇنتۇرۇل قىلالمايدۇ ، بىراق بىر - بىرنى نازارەت قىلالايدۇ . ئۇلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ قارارىنى تەستىقلاش ھەم ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بار .

[Uzgartish] مەمۇرى ئورگان

فىدىراتسىيە ھۆكۇمىتىنىڭ مەمۇرى ئورگىنى ئاق ساراي ، مىنىستىرلىك ۋە مۇستەقىل ئاگىنىتلىغىدىن ئىبارەت 3 قىسىمدىن تەشكىل تاپقان . ئاق ساراي --- ئامرىكىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەمۇرى ئورگىنى ھىساپلىنىدۇ . مىنىستىرلىك --- ئامرىكا مىنىستىرلىگى جەمى 15 مىنىستىرلىكتىن تەشكىل تاپقان . ئۇلار 1 . يىزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى . 2 .سودا مىنىستىرلىكى . 3 . دولەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى 4 . مائارىپ مىنىستىرلىكى . 5 . ئىنىرگىيە مىنىستىرلىكى . 6 . سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەت مىنىستىرلىكى 7 . ئۆي - مۇلۇك ۋە شەھەر تەرەقىيات منىنىستىرلىكى 8 . ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى . 9 . ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 10 . ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى . 11 . ئەمگەك مىنىستىرلىكى 12 . دولەت مىنىستىرلىكى 13 . دۆلەت مىنىستىرلىكى 14. مالىيە مىنىستىرلىكى 15 . ھەربىلىكتىن قايتقانلار مۇلازىمەت مىنىستىرلىكىدىن ئىبارەت . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى دۆلەت مىنىستىرلىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ كابىنىت دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇلارنى پىرىزدىنت سايلايدۇ . مۇستەقىل ئاگىنىتلىق 30 چوڭ 18 كىچىكرەك بولغان مۇستەقىل ئورگاندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، بۇ ئورگانلار بىرەر مىنىستىرلىككە تەۋە ئەمەس . ئۇلارنى فىدىرال ھۆكۇمەت بىۋاستە باشقۇرىدىغان بولۇپ ، ھوقۇق دائىرىسى خىلىلا يۇقۇرى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزگە تونۇشلۇق بولغانلىرى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ، فىدىراتسىيە تەكشۇرۇش ئىدارىسى ، پۇخرالار ھوقۇق كومۇتىتى ، ئامرىكا پوچتا مۇلازىمىتى ، ئىستىمال بۇيۇملار بىخەتەرلىك كومۇتىتى ، مۇھىت قوغداش كومىتىتى قاتارلىقلار بولۇپ ، ئۇلارنىمۇ پىرىزدىنت سايلايدۇ .


[Uzgartish] قانۇن تۇرغۇزغۇچى ئورگان .

فىدىرال ھۆكۇمەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى پارلامىتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئاۋام پالاتاسى ۋە كىڭەش پالاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كىڭىەش پالاتاسىنىڭ جەمى 100نەپەر ئەزاسى بولىدۇ . ھەر بىر شىتاتتىن 2 ئىككىدىن ئەزا بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى 6 يىل بولۇپ . ھەر ئىككى يىلدا 3 دەن 1 قىسىم ئەزا قايتا سايلىنىدۇ ، سايلىنىش قىتىم سانى چەكلەنمەيدۇ . ئاۋام پالاتاسىنىڭ 435 ئەزاسى بولۇپ ، ھەر بىر شىتاتتىن بىرىلگەن ۋەكىل شۇ شىتاتنىڭ نوپۇسىغا قاراپ بەلگۇلىنىدۇ . كۆپ نوپۇسلۇق شىتاتىن كۆپرەك ، ئاز نوپۇسلۇق شىتاتتىن ئازراق ئەزا سايلىنىدۇ ، ئەڭ كەم بولغاندىمۇ بىر ئەزا سايلىنىدۇ . ۋەكىللەرنىڭ بىر قارار ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2 يىل بولۇپ ، سايلىنىش قىتىم سانى چەكلەنمەيدۇ

[Uzgartish] قانۇن ئىجار قىلغۇچى ئورگان .

فىدرال ھۆكۇمەتنىڭ قانۇن ئىجار قىلغۇچى ئورگىنى فىدرال سوت مەھكىمىسىدىن تەرركىپ تاپقان بولۇپ ، ئۇ بىر ئالى سوت مەھكىمىسى ، 94 رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئالى سوت مەھكىمىسى 9 سوتچىدىن تۇزۇلىدۇ ، بۇ 9 سوتچىنىڭ ئىچىدە بىر سوتچى باش سوتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالىدۇ . بۇ سوتچىلارنىڭ ئادەتتە ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى بولمايدۇ . ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشقا توغرا كەلگەندە پىرىزدىنت نامزات كۆرسىتىدۇ ، پارلامىت تەستىقلايدۇ ، بىراق پارلامىت ئۇلارنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىۋىتەلمەيدۇ .

يۇقارقىلار ئاساسلىغى فىدىرال ھۆكۇمەتنىڭ ھۆكۇمەت قۇرۇلمىسى بولۇپ ، شىتات ۋە يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مەمۇرى ئورگىنى ، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى بولىدۇ .شىتات ھۆكۇمەتنىڭ باشلىغى گوۋىرنور ، يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ باشلىغى مايۇر دەپ ئاتىلىدۇ .


anayurt tori torem yollanmisi