ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى
From Wikipedia
10 - سىنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى
1984 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى، فروفىسسور ۋاڭ زىكۈن ئۇشتۇمتۇت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمى يوقلىقىنى ئويلاپ قالىدۇ ۋە بۇخىيالىنى "بىيجىڭ كەچلىك گىزىتى" دە ئېلان قىلىدۇ . بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىدۇ . 1985 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 9 - سانلىق يىغىنى قارار ماقۇللاپ ھەريىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىنى ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بىكىتىدۇ . 1985 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىنكى تۈنجى قىتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مەخسۇس ئۆزىنىڭ بايرىمى بار بولىدۇ . 1932 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن بولۇپ، ئازادلىقتىن كىيىن >1 - ماي< ئەمگەكچىلەر بايرىمىغا قوشۇۋىتىلگەن . جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىدا 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يەنى كوڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەيۋەندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمى قىلىپ بىكىتىلگەن .
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئوخشاش بولمىغان كۈنلەردە ئۆتكۈزىلىدۇ . ۋېنېسۇئېلا :1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، تايلاند :1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، سۇدان :2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كورىيە : 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، گىرمانىيە : 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ، ۋىنگىرىيە :6 - ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ 1 - كۈنى، ھىندىستان :9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، چاۋشەن :9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئامىرىكا : 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى،
izdinix munbiri hekemi yollanmisi