ئۇيغۇر
From Wikipedia
ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2004-يىللىق ئىستاتىستىكىدا) 9مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر لىرىمىزنىڭ بارلىقى ، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم، مەلۇم بولسىمۇ ئىشەنچىسىز، مەن تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۆزۈم توپلىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكچى. ئاۋۋال ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىدىن باشلايمەن.
1) 1828-يىلى جاھانگېر توپلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن شىنجاڭدىن (ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ) پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچكەن،كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس. 2) 1847-يىلى قوقەنت قوزغىلىڭدىن كىيىن،(ھازىرقى ئۆزبېكىستان)قوقەنت دۆلىتىگە مەمەتئىمىن ،ۋېلىخانلار باشچىلىقىدا 85مىڭدىن 160مىڭغىچە ئادەم كۆچكەن. 3) 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن (بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە بېسىۋالغان بىرقىسىم زىمىننى كۆرسىتىدۇ) بەگقۇلى باشچىلىقىدا چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس. 4) 1881-يىلىدىن 1884- يىلىغىچە چاررۇسىيەنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈشى بىلەن چاررۇسىيە كۆچۈرۈش كومتېتى باشچىلىقىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن. 5) 1930-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە (سابىت داموللا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرغان ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان ئىسلام جومھۇرىيىتى ماجۇڭيىڭ تەرپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كىيىن) كۆپلىگەن كىشلەر سابىت داموللا، مامۇت قاتارلىق كىشلەر باشچىلىقىدا كەشمىر،سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن. 6)1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،ئەيسا ئالىپتىكىن باشچىلىقىدا تەخمىنەن 750ئادەم كەشمىر،تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن. 7) 1962-يىلى جۇڭگۇ - سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن كىيىن چۆچەك ئارقىلىق 60مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەن. (ئىزاھات:- يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار لى ئەنشەن ئەپەندىنىڭ <جۇڭگۇلۇق ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى تەتقىقات دوكلاتى> دىن تەرجىمە قىلىندى.) ئەمدى ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدۇ ؟ نوپۇسى قانچىلىك ؟ دىگەن مەسلە ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇيغۇرلار ئاساسى گەۋدىسى جۇڭگۇدا بولغاندىن باشقا ھازىر يەنە ئۆزبېكىستان،قازاقىستان،قىرغىزسىتان،سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىمەنىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە،ھىندىستان،پاكىستان،تاجىكىستان،ئافغانىستان، ئامېرىكا ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،ئىئوردانىيە،ياپۇنىيە،كانادا،گېرمانىيە،ئاۋۇستىرالىيە،يېڭى زېلاندىيە،شىۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار. تۆۋەندە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
1) ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(680مىڭ) تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىدا 6-7مىليۇن ئۇيغۇر نەسىللىك خەلىق ياشايدىكەن.1920-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 600مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان.1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا بۇ سان بىر ھەسسە كېمىيىپ 300مىڭغا چۈشۈپ قالغان.1937-يىلى فاشىست ىستالىن قوزغىغان<ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارغا زەربە بىرىش ھەركىتى>دە ،مەركىزى ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنىڭ تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان بولۇپ ،ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يۇرت كاتتىلىرى قىرغىن قىلىنغان، ھايات قالغانلىرىىنى بولسا قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان.ئاساسەن ئۆزبېك نامى بىلەن ئاتالغان.1950-يىلى ۋە 1960-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىگەن نامنى قوللىنىش چەكلەنگەن ،قوللانغانلار كەمسىتىلگەن ۋە سىياسى يەكلەشلەرگە ئۇچىرىغان.1979-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرقېتىملىق نوپۇس ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئەسلىدىمۇ كېمەيتىلىپ ئېيتىلغان 600مىڭى دىگەن سان 29مىڭ 104كە،1989-يىلى 35مىڭ 700گە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. ھازىر ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقىن ھۆكۈمەت تەرەپ يوشۇرىدۇ ياكى يالغان مەلۇمات بىرىدۇ.ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئۆزلىرىنى مەخپى ھالدا ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ سانى 1مىليۇن 500مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئېنىق ھالدا مىللى كىملىكى بىلەن ياشايدىغانلار 200مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىر پىراپىسور ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزبېكىستاندا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا قوغداپ قالالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500مىڭدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.تۆۋەندىكى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدىمۇ 680مىڭ دەپ ئېلىنغان. http://www.hxuc.com/qiaotuan/huarenfenbu/03.htm 2) سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 200مىڭدىن 500مىڭغىچە جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 95%دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار. 3) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(450مىڭ) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى شىنجاڭ تېلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ مائارىپ پىرۇگىراممىسىدا <قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپى> نى تونۇشتۇرغان بىر پىرۇگىراممىسىدا قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئېيتقان. 4) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار(80مىڭ) . تۈركىيە دە 100مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80مىڭدىن ئارتۇق. 5) قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇرلار. قىرغىزىستاندىكى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى 300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار 200مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 50مىڭدىن ئارتۇق. 6)پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار. پاكىستاندا 55مىڭ جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 50مىڭ ئۇيغۇر. 7) ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار. ھىندىستاندا 150مىڭدىن 200مىڭغىچە جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە زاڭزۇلار 100مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 30مىڭ. 8) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇيغۇرلار. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگۇلۇقلار7مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇلار 1000غىمۇ يەتمەيدۇ،قالغان 6مىڭدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر. 9) ئىئوردانىيە دىكى ئۇيغۇرلار. ئىئوردانىيەدىكى جۇڭگۇ قان سېستېمىسىدىكىلەر 674ئادەم،جۇڭگۇ مۇھاجىرى 106ئادەم ،( بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 80-يىللاردىن كىيىن تەيۋەن پاسپورتى بىلەن بارغانلار)85% شىنجاڭلىق ۋە تىيەنجىنلىكلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ توربەتتىن تەرجىمە قىلىندى.http://www.uighurbiz.cn/ECO/gdwwez/200602/463.html 10) ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇشقا بېرىپ ئورۇنلاشقانلار بولۇپ تەخمىنەن 10مىڭدىن ئارتۇق. 11) كانادادىكى ئۇيغۇرلار. نەچچىە مىڭدىن ئاشىدۇ. 12) ئاۋۇستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار. 3مىڭ ئەتراپىدا. 13) ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار. ياۋرۇپادىكى گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ. 14) مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار. مۇڭغۇلىيەنىڭ قۇبدۇ دىگەن جايدا ئولتۇراقلاشقان 1000دى ئاشىدۇ. 15) ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار. ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8600دىن ئارتۇق. 16) تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار. تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن 100يىل بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ 2000دىن ئاشىدۇ. 17) ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار. ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ 1000دىن ئاشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تور بەتتىكى جەدىۋەلدىن كۆرۈۋېلىڭ.(بۇ جەدىۋەلدە جۇڭگۇدىكى بارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالى بايان قىلىنغان ، مەن يۇقىرىدىكى كۆچۈش ئەھۋالىغا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا كۆچۈش ئەھۋالىنى يازدىم)
http://www.chinadaily.cn/gb/doc/2003-08/15/content_255090.htm ئەمدى توختۇتىلىدىغىنىم ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغانلار، ۋە ئۇيغۇر لار پۈتۈن دۇنيادىكى 3000دىن ئارتۇق تىل،2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى 3000دىن ئارتۇق تىل ئىچىدە 98- ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسىمۇ دۇنيادىكى 2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىدە. ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدا 56مىللەت ئىچىدە نوپۇس جەھەتتە خەنزۇ،جۇاڭزۇ، مانجۇ،خۇيزۇ،مىياۋزۇ( مىياۋزۇلارنىڭكى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن تەڭ)لاردىن قالسا 6- ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ نوپۇسىنى 6مىليارت 500مىليۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندائۇيغۇرلارپۈ تۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 0.15پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن جۇڭگۇ نۇپۇسىنى 1مىليارت 430مىليۇن (دۆلىتىمىزدە يىلدا كۆپىيىدىغان نوپۇس16مىليۇندىن ئارتۇق)ئۇيغۇرلار نوپۇسى جوڭگۇ نوپۇسىنىڭ 0.7پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنى 1مىليارتتىن ئارتۇق دەپ ھىساپلىغاندا(دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 1پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى 120مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا(دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا)ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ 8.3پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. جوڭگۇدىكى 10مۇسۇلمان مىللەتنىڭ نوپۇسىنى 24مىليۇن ھىساپلىغاندا(ئۇيغۇرلارنى 9مىليۇن بۇيىچە ھىساپلىغاندا)ئۇيغۇرلارپۈتكۈل جوڭگۇمۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ 41.6پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى 11مىليۇن 700مىڭ دەپ (ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى نوپۇسىنى 9مىليۇن بۇيىچە ھىساپلىغاندا)ھىساپلىغاندائۇيغۇرلارشىنجاڭ مۇسۇلمانلىر ى ئومۇمىي سانىنىڭ 77پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندەئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇسى 10مىليۇندىن ئاشىدۇ .ئىستاتىستىكاقىلىپ كۆرۈپ باقايلى.90يىلى7مىليۇن 200مىڭ ،2004يىلى9مىليۇن،14يىلداكۆپەيگەن نوپۇس1مىليۇن800مىڭ،بۇنى 14كە بۆلسەك مىللىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يىللىق كۆپىيىش سانى يەنى تەخمىنەن 130مىڭ ئادەم،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كۆپىيىش 20مىڭ،دەپ ھىساپلىساق دۇنيادا ھەريىلى 150مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر كۆپىيدۇ.
ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ۋە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقىي مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت. ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. <ئۇيغۇر> دىگەن نام دەسلەپتە ئىتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: "<تۈرك> دىگەن ئىتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى <تۈرك> دىگەن بۇ ئاتالغۇ تۇرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ" دىگىنىگە ئوخشاش، <ئۇيغۇر> دىگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام. 16- ئەسىردە ئۆتكەن خېيۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ <تارىخىي شەجەرىئى تۈرك> (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دىگەن ئەسىرىدە: "ئۇيغۇر دىگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام" دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ پىكىرگە پروفېسسور كازلى (1841- يىلى ئۆلگەن)، ئاكادېمىك رادلوپ (1890- يىلى ئۆلگەن) لار قوشۇلىدۇ. شەرق تارىخشۇناسلىرىدىن رەشىددىدىن ئۆزىنىڭ <جامئوت تەۋارىخ> (تارىخلار توپلىمى) دىگەن كىتاۋىدا بۇ پىكىرگە ئاساسلار كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ "<ئۇيغۇر> سۆزى ئۇيۇشقاق، <يېپىشقاق>، <بىرىككەن> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن <ئۇيغۇر> دەپ نام بېرىلگەن" دەيدۇ. بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، بولسىمۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئەمما <ئۇيغۇر> دىگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دىمەك، <ئۇيغۇر> دىگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورخۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى جۇڭگو يىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دىگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دىگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دىگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلې 铁勒، ۋېيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە <توققۇز ئوغۇزلار> دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇ تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا <توققۇز تۈركلەر> 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمىيەت تۈزۈلمىسى، ئىتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. 2. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان جايلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى شىنجاڭنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلغان تارىخىي ئارجىئولوگىيەلىك ماتىرىياللار بۇ كۆز قاراشنى يىمىرىلمەس پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ياۋرۇپالىق تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىكى تەرەققىياتى بىر خىل بولغان ئەمەس. بۇنىڭغا ھەر قايسى خەلق ياشىغان جاينىڭ جۇغراپىيىۋى شارائىتى موھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولغان. دەريا بويلىرىدىن ماكان تۇتقان، دېھقانچىلىق شارائىتى ياخشى بولغان خەلق دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللۇنۇپ، تۇراقلىق ھايات كەچۈرۈپ، مەدەنىيەتكە خېلى بالدۇرلا قەدەم قويغان. مەسىلەن، تارىم دەريا ۋادىسى، نىل دەريا ۋادىسى (مىسىردا)، گاڭگا دەريا ۋادىسى (ھىندىستاندا)، سىر دەريا ۋادىسى، خۇاڭخې، چاڭجىياڭ قاتارلىق چوڭ- چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا ياشىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇنلا تەرەققى قىلغان. تاغ ئېتەكلىرى، يايلاقلاردا ياشىغان خەلقلەر كۆچمەنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن، ئورمانلاردا ياشىغانلار ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللانغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئۆزىنىڭ ياشىغان شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئۆزىگە يارىشا تەرەققى قىلغان. خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا- قىشلاق، شەھەر، ئۆتەڭلەردە بولسا، مەدەنىيەت تېز ۋە يۈكسەكراق تەرەققى قىلغان. كەڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەريا ۋادىلىرى، چەكسىز كەتكەن ئورمان ۋە ئوتلاقلارغا ئىگە بولغان، تەبىئىي شارائىتى ياخشى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ قەدىمقىي زامانلاردىن باشلاپلا مەدەنىيەت تەرەققى قىلغان. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەبىئىي شارائىت ئۆزگۈرۈپ، دەريا سۇلىرى قۇرۇپ، كۆللەرنىڭ، دېڭىزلارنىڭ ئورنىنى قۇم بارخانلىرى ئىگىلەپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. ھازىرقى كاسپىي دېڭىزى، بالقاش كۆلى، لوپنۇر كۆلى، سايرام كۆلى ۋە باغراش كۆلى، ئارال دېڭىزى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ- كىچىك كۆللەر بۇرۇنقى دېڭىزدىن قالغان پارچە كۆللەردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىللار بۇرۇن قۇرغاقچىلىق ۋەھىمىسىدە قالغان ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەرەپ- تەرەپكە قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى__ تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان سېرىق دەريانىڭ شىمالىي تەرىپىگە كۆچكەن، يەنە بىر قىسمى تارىم ۋادىسىدا داۋاملىق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. سېرىق دەريانىڭ شىمال تەرىپىگە كۆچكەنلەر تاشقى موڭغۇلدىكى ئورخۇن، سىلىنگا دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىغا، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىغا ئورۇنلاشقان، تارىختىكى ھونلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان مانا شۇ تارىم بويىدىن كۆچۈپ بارغانلارنىڭ ئەجداتلىرىدۇر. <شىنجاڭ گېزىتى> نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنىشىچە (ئۇيغۇرچىدا): 1979- يىلى قىشتا شىنجاڭ ئىختىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاخىئولوگىيە تەتقىقات ئۆمىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىن تەخمىنەن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆنچى دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بىر ئىپتىدائى جەمىيەتكە مەنسۈپ قەۋرىستانلىقتىن ئىككى جەسەتنى تاپقان. ئۇنىڭ بىرى، ياش ئايالنىڭ جەسىتى، يەنە بىرى بالىنىڭ جەسىتى. نەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە پاكولتېتىنىڭ <كاربون 14> تەجرىبەخانىسى جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان ياغاچ ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇندىن 6412 يىل بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى (بۇ خەۋەر <خەلق گېزىتى> نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانىنىڭ 1- بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان). بۇ جەسەتلەر ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە ھەتتا پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە ئالغاندىمۇ، ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمقىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئىككى جەسەت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك نەرسىلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكىنى، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جەسەت تېپىلغان قەۋرىستانلىقتىكى قەۋرىلەر ناھايىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدىن بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تىزىلغان 7 قات يۇمۇلاق ياغاچ ۋە ھارۋا چاقىنىڭ شادىسىغا ئوخشاش تىزىلغان يۇمۇلاق شەكىلدە ياغاچلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆرنىڭ شەكلى ئاساسەن ئۈچ خىل بولۇپ، جەسەت بىلەن ھەر خىل نەرسىلەر بىللە قوشۇپ كۆمۈلگەن. جەسەت قېزىۋېلىنغان گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان، جەسەتلەر ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. گۆر ئۈستى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى ۋە ئەخلەت ئالىدىغان شازا شەكىلدىكى چىغ توقۇلما يېپىلغان. جەسەت ناھايىتى يىرىك، قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئۆز پېتى ساقلانغان. ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ساغۇچ ئۇزۇن چېچى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى بۇلاقتەك، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، ئاغزى ئويماقتەك، بۇرنى قاڭشالىق بولۇپ، بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان نەپىس توقۇلغان چىغ سۆۋەتلەرنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان بولۇپ، بۇ دانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىرىپ، ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن. بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سۆۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان بۇغداي چىققان. مۇشۇ قەۋرىستانلىقتىكى باشقا قەۋرىلەردىن تاش قوراللار، ياغاچ ئەسۋاپلار، سەدەپ مارجان، تاش مارجان، ياغاچتىن ئويۇلغان ئادەم ھەيكىلى ۋە ھەر خىل ھايۋانات سۆڭىكى قاتارلىق يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىي مۇيۇملار قېزىۋېلىندى. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان، ئىككى جەسەت ھەققىدىكى مەلۇمات دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكىنى، ئىرقىي كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرگە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە جاۋاب بېرىدۇ. 6412 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئايال بىلەن بالىنىڭ لوپنۇر ئەتىراپىغا دەپىن قىلىنىشى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردىن تارتىپ شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇندىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى، قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزىگە يېقىن بولغان ھازىرقى ئىچكى، تاشقى موڭغۇلغا، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىغا كۆچۈپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىت. لوپنۇر ئەتىراپىدىن تېپىلغان ياش ئايال بىلەن بالىنىڭ جەسىتى ھەققىدىكى مەلۇماتتا <بۇلار ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى؛ شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمقىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ> دىيىلگەن. دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھازىرغىچە دۇنيادا مەدەنىيەت ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي دەپ ھىساپلىنىۋاتقان ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان ئېھراملار (پرامىدالار) ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىي ئېھرام دەپ تونۇلغىنى بۇندىن 5500 يىل بۇرۇن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ جەسىتى دەپىن قىلىنغان. مانا شۇ جەسەتلەر ھارىزغىچە دۇنيادا تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلىنىپ كەلگەن. لېكىن لوپنۇردا تېپىلغان جەسەت ئۇنىڭدىن 912 يىل كونا. شۇنداق بولغاندا، دۇنيا تارىخىي بۇندىن كېيىن دۇنيادا مەدەنىيەت ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي مىسىردىكى نىل دەرياسى بويلىرى ئەمەس، ئاسىيادىكى تارىم دەرياسى بويلىرى دەپ يېزىشقا تامامەن ھەقلىق. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان جەسەت ھەققىدىكى مەلۇماتتا يەنە <گۆر تىك قىلىنىپ قېزىلغان، جەسەتلەر ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. 4 ئەتىراپى ياغاچلار بىلەن توساپ قويۇلغان، گۆر ئۈستى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلغان> دىيىلگەن. گۆر ئۈستىنىڭ ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلىشى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا تۆمۈر قورال، ھىچ بولمىغاندا قىس قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى ياغاچنى تاش قورال بىلەن چاناپ ياخياي قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنى تۆمۈر پالتا، تۆمۈر ھەرە ياكى مىس پالتا، مىس ھەرە بىلەنلا تاخياي ھالىتىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن. جەسەتنىڭ يۇڭ رەخت بىلەن كېپەنلىنىشى، ياغاچ تاختاي، چىغ سۆۋەت ۋە سۆۋەت ئىچىدە بۇغداينىڭ ساقلىنىشى تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمقىي چاغلاردىن تارتىپ باشلىنىپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا، لوپنۇر ئەتىراپىدىن تېپىلغان جەسەتلەر ۋە باشقا بۇيۇملار تارىخچى مورگانىڭ <دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئاستىدا كۆمۈكلۈكتۇر، قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى مەلۇم بولغۇسىدۇر> دىگەن ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مىلادى 2- ئەسىردە ياشىغان يۇنان ئالىمى پتولومى ئۆزىنىڭ 10 توملۇق <جۇغراپىيە> ناملىق ئەسىرىدە، ھازىرقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتلىرى (تاغ- دەريالىرى) ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. <ۋېي يىلنامىسى، ئىگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە>، <ۋېي يىلنامىسى، جۇجانلار ھەققىدە قىسسە> باپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشايدىغان، ياۋرۇپا تارىخچىلىرى ئاۋارلار دەپ ئاتايدىغان جۇجانلار باش كۆتەردى. جۇجانلار مانجۇ- موڭغۇل نەسلىگە مەنسۈپ بولۇپ، بىرنەچچە ئەسىر يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادى 1- ئەسىرگىچە ھون ئىمپىراتورلۇقىنىڭ تەركىۋىدە تۇرغانلىقتىن، ئۇلار تۈركلەشكەن خەلق ئىدى. مانا شۇ جۇجان تۈركلىرىنىڭ خاقانى مىلادى 400- يىللىرى، تاشقى موڭغۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى، ئالتايدىكى تۈركلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. ئۇيغۇرلار جۇجان خاقانلىقىنىڭ قولىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا، ئالتايدىكى تۈركلەر جوجانلار ئۈچۈن ھەربىي قورال ياساپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىنغان. چۈنكى ئالتاي تۈركلىرى مېتال ئېرىتىپ تۈرلۈك ھەربىي قوراللارنى ياساشقا ئۇستا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇجان خاقانلىقىنىڭ زىمىنى غەربتە ھازىرقى قاراشەھەرنىڭ شىمالىغىچە، شەرقتە چاۋشەننىڭ غەربىي قىسمىغىچە، شىمالدا تاشقى موڭغۇلنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلغان، ئۇنىڭ پايتەختى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭسۇ) ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا ئىدى. مىلادى 487- يىلى، تاشقى موڭغۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بورىكلى قەبىلىسىنىڭ (بوكلىكلەر) خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا (جۇڭغار ئويمانلىقىغا) قاراپ كۆچكەن. جوجان خاقانى تولۇن خان ۋە ئۇنىڭ تاغىسى ئايناغاي خانلار ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ شىنجاڭغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار تولۇن خاقان بىلەن ئايناغاينى تارمار كەلتۈرگەن. مىلادى 487- يىلى شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا <ئىگىز ھارۋىلىقلار> 高车 خانلىقى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487- يىلىدىن 546- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قۇرغان. 59 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خانلىقنىڭ پايتەختى ماناس ئەتىراپىدا بولۇپ، زىمىنى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە ئىلى ۋادىسى، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتىراپلىرىغىچە سوزۇلغان. بۇ خانلىق ئۆزىگە چېگرىداش بولغان شىمالدىكى جوجانلار بىلەن، جەنۇبتا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتىراپىدا تاڭغۇتلار بىلەن (تىبەت خانلىقى) دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. موڭغۇلىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ مىلادى 487- يىلى شىنجاڭغا كۆچۈپ كلىشى پەقەت ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قوينىغا، ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىشتىنلا ئىبارەت. خۇلاسە قىلغاندا، يۇقۇرىدىكى پاكىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى چاغلاردىن تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاساسىي يەرلىك خەلقى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ئىكەنلىكىنى، ئونمىڭ يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدىكى ئورخۇن، سىلىگا دەرياسى ۋادىلىرىغا، بايقال كۆلى ئەتىراپىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان بولسىمۇ، تۈرلۈك تەبىئىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، شىنجاڭغا __ ئۆز قېرىنداشلىك قوينىغا، ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىپ، ئايتاي، يەتتە سۇ (ھازىرقى قازاقىستانغىچە)، تەڭرى تاغ ئېتەكلىرى، ھەتتا كوئىنلون باغرىغىچە، دۇڭخۇاڭ، چىليەنشەن، گەنسۇ ئەتىراپلىرىغىچە ماكانلاشقانلىقىنى تولۇق ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 8- ئەسىردە، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى- تاشقى ئۇرۇش- تالاش سەۋەبىدىن پايتەختنى شىنجاڭغا كۆچۈرگەنلىك توغرىسىدىكى پاكىتنى قوشقاندا، بۇ ئىسپاتنى تېخىمۇ زور ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەك ئۇيغۇرلار قەدىمقىي دەۋرلەردە ئەنە شۇنداق كەڭ زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتۇن دىياردا ياشىغان ئىدى. ۋەتىنىمىز كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولغىنى ئۈچۈن، تىل سىستېمىسىمۇ خىلى كۆپ. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، خەنزۇ- زاڭزۇ تىل سىستېمىسى، ئالتاي تىل سىستېمىسى، ئاۋسترو- ئاسىيا تىل سىستېمىسى، جەنۇبىي ئاسىيا تىل سىستېمىسى، ھىندى- ياۋرۇپا تىل سىستېمىسى قاتارلىق بەش خىل تىل سىستېمىسىغا مەنسۈپ 80 خىلدىن كۆپرەك تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە خەلق ياشايدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ناھايىتى چوڭ تىل سىستېمىسى، ئۇ تۈركىي تىللار تۈركۈمى، موڭغۇل تىلى تۈركۈمى، مانجۇ- توڭگوس تىلى تۈركۈمى ۋە چاۋشيەن، ياپون تىلى تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا بۇ تىل سىستېمىسى ئورال تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان ئوگۇر- فىن ۋە سامودى تىللىرى تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخىمۇ زور ئورال- ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا مۇشۇ تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 200 مىليون ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا ياشايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار، يوغۇر، سالا، نوغاي، تۈركمەن، تۈرك، ئەزەربەيجان، باشقىرت، قارا قالپاق، قومىق، تۇخار، خاكاس، چۇۋاش، ياقۇت، قارايىم، قاراچاي، شور، ئاباقان، تىلىۋوت، تورا، قۇندۇم، كوماندى، قويبول، كورىك، سۇيۇت، ساغاي، بارابا، قاچا، لىبىد قاتارلىق تىللار بىلەن بىر قاتاردا تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە مەنسۈپ بولۇپ، تۈركىي تىللار تۈركۈمىنىڭ شەرقىي تۈركىي تىللار تارمىقىغا مەنسۈپ بىر خىل تىل. دۇنيا تۈركشۇناس ئالىملىرى تۈركىي تىللار شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق 6 دەۋرگە بۆلىدۇ: (1) ئالتاي دەۋرى: بۇنىڭ يىل ھىساۋى ئېنىق ئەمەس. ئالىملارنىڭ ئىلمىي پەرىزىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2) ھون دەۋرى: مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردىن مىلادى 3- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3) قەدىمقى تۈركىي دەۋرى: مىلادى 5- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (4) ئوتتۇرا تۈركىي دەۋرى: يەنى تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققى قىلىپ بىر بىرىدىن پەرق قىلىپ، ئايرىم شەكىللىنىشكە باشلىغان دەۋرى بولۇپ، مىلادى 10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (5) يېڭى تۈركىي دەۋرى: تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى شەكىللىنىپ، مۇستەقىل تەرەققى قىلىشقا باشلىغان دەۋرى بولۇپ، مىلادى 15- ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (6) ئەڭ يېڭى دەۋر: بۇ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئىز بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكى جەرياننى كۆرگىلى بولىدۇ: (1) ئالتاي دەۋرىدە، مانجۇ- توڭگوس (سىيانپىي) گۇرۇپپىسى بىلەن موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسى ئايرىلىپ، مۇستەقىل ئىككى تىل گۇرۇپپىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىنى تەكشۈرگەندە، موڭغۇل تىلىدىن تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ تىلىمۇ ئايرىلىپ چىقىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىدىن ئەڭ ئالدى بىلەن ئايرىلىپ چىقىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان تىل ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ئوگور (ئوغۇر)، قوتورغور (قوتتاغور)، ساراگور (ساراغۇر) لارنىڭ تىلى. كېيىنرەك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى شەكىللىنىشكە باشلىغان. (2) ھون دەۋرىدە، تۈركىي قەبىلىلەر ئۇزاققىچە بىر- بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاپ، 3 تىل گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى: پۈتۈن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسىللىرى بىرلىشىپ قارلۇق، ئوغۇر تىلى گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئوغۇر تىلى گۇرۇپپىسى شەكىللەندى؛ قىپچاق تىلى گۇرۇپپىسى شەكىللەندى. (3) قەدىمقى تۈركىي دەۋرىدە يەنى 5- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە تۆۋەندىكى 3 دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى: توكيو دەۋرى (5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە بولغان كۆك تۈرك دەۋرى)؛ قەدىمقى ئۇيغۇر دەۋرى: 8- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە)؛ قەدىمقى قىرغىز دەۋرى: (9- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە). (4) ئوتتۇرا تۈركىي دەۋرى. 10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۈركىي تىللار رەسمىي شەكىللىنىپ، تەرەققى قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن بۇ دەۋر سىياسىي كۈچلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇنداق ئىككى دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاراخانىلار دەۋرى (10- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە)؛ موڭغۇل چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ دەۋرى. 10- ئەسىردە، قۇدرەت تاپقان ياغما قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىپ ئالدىن بالاساغۇن، كېيىن قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا كۈچلۈك قاراخانىلار دۆلىتى قۇرۇلدى. قاراخانىلار پۈتۈن ماۋرائۇننەھرى ۋادىسىنى ۋە سامانىلار (ئىرانلىقلار) غا تەۋە بولغان غەربتىكى بۇخارا، سەمەرقەنتلەرنىمۇ ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزدى. ئۇ ئۇششاق فېئودال ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمدىكى 10- ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مەدەنىيەتلىك تۈركىي ۋە ئىران خەلقلىرىنىمۇ ئۆزىگە بويسۇندۇردى. بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي ئەدەبىي تىل ئىككى مەركەزنى ئاساس قىلغان خاراكتىرگە ئىگە ئىدى: 1) خاقانىلار تىلى (خاقانىيە تىلى) بولۇپ، بۇ قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلى. بۇ تىل پۈتۈن غەربىي ۋە شەرقىي ئاسىيادا ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 2) قارلۇق__ خارازىم تىلى. بۇ تىل قاراخانىلارنىڭ ئەدەبىي تىلى بولغان قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، خارازىم ئوبلاستىدا موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە ئۈلگە بولۇپ كەلگەن. موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن خارازىمنى مەركەز قىلغان جۇجى ئۇلۇسى (پۇقراسى) <ئالتۇن ئوردا> ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزىق جەھەتتىن قەدىمقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى، قىسمەن ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئىلەتتى. ئەمما يازما ئەدەبىي يادىكارلىكلىرىدا قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتتى. يۇقۇرقىلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ قىسقىچە جەريانىدۇر. ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مىلادىدىن 3 ئەسىر بۇرۇنلا ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن. ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قارلۇق قەبىلىسى قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ <خاقانىيە تىلى> نىڭ ئاساسىنى ياراتقان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرق ۋە غەرب ئەدەبىي تىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەڭ ئاخىرى يېڭى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆزبېك تىللىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلى ھون تىلىنىڭمۇ ئاساسىي دىگەن ھۆكۈمگە ئېلىپ كېلىدۇ. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەڭ قەدىمىي چاغلاردا ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ ئورخۇن، توغلا دەريالىرى ۋادىسىدا ياشىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. مانا شۇلارنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ <خۇن> دەپ ئاتىلىدىغان بىر تارمىقىنىڭ بويىدا ياشىغانلىرى ئۆزلىرىنى ئاشۇ دەريانىڭ نامى بىلەن <خۇن> دەپ ئاتاشقان ئىكەن. بەزى تۈركشۇناسلار <ھون> سۆزى ئەنە شۇ <خۇن> سۆزىدىن كېلىپ چىققان دىيىشىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ھازىرقى تۈركشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى قەدىمقى چاغلاردا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنى <كۈن> دەپ ئاتاشقان. چۈنكى شامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۈن تەڭرىسى ئاساسلىق تەڭرى ئىدى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. <ھون> سۆزى ئەنە شۇ <كۈن> سۆزىدىن كېلىپ چىققان دىيىشىدۇ. قانداق بولمىسۇن، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى خىل ھۆكۈمنىڭ بىرى توغرا دىيىلگەندىمۇ، <ھون> دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. ھازىرقى زامان تۈركولوگلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئەنە شۇ ھونلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئىگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. شۇ نەرسە ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىنكى، تىل تارىخنىڭ شەكىللىنىشىدە <ھون تىلى> دىگەن ئىبارىنى زادى ئۇچراتمايمىز. ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان، ئۇنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ تىل تارىخىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ بۇ جەرياندا تۇتقان ئورنى، رولى توغرىسىدا يېتەرلىك پاكىتلارنى تاپالايمىز. خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ شەرقىي تۈرك تىلى قارمىقىدىكى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تىل بولۇپ، ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى تەرەققى قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، بېيىپ كەلدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، تىلنىڭ فونېتىكا سىستېمىسى، لۇغەت تەركىۋى ھەم گىرامماتىكىلىق قۇرۇلىشىدا كۆپلىگەن يېڭىلىنىش، تولۇقلىنىش، قېلىپلىشىش بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىلنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئۇزاق تارىخىي دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن بىللە ساقلىنىپ تەرەققى قىلدى. زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىپادىلەش ئۈنۈمى ئۆسۈپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ چوڭقۇر جەريانلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان نەپىس، پاساھەتلىك (سەنئەتلىك)، باي تىلغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى تارىخىي ئەڭ كونا، لۇغەت تەركىۋى بىر قەدەر باي تىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆلمەش ئەسىرى <تۈركىي تىللار دىۋانى> بۇنىڭ جانلىق پاكىتى.
مەنبە ---- ئالىي مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئاساسلىرى
ۋاقىتنىڭ قىس،ماتېرىيالنىڭ كەمچىل، سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك ئەسەردە نوقسانلاردىن خالى بۇلالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن كەڭ تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ۋە تەنقىدى پىكىرلەرنى بىرىشىنى سۇرايمەن.
ئانايۇرت مۇنبىرى تۆرەم يوللانمىسى