ئۇيغۇر قىزى

From Wikipedia

ئىچكىرگە قانچىلىك ئۇيغۇر قىزى يۆتكەلدى


ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 19 - ﻣﺎﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14 - ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻳﺰﯨﯟﺍﺕ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯧﺰﺍ- ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 186 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﻪﻧﮕﺎﯓ ﻛﯩﻴﯩﻢ- ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﻪﻳﺰﯨﯟﺍﺕ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 4 - ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 3-ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪە پەﻳﺰﯨﯟﺍﺕ ﻧﺎﻫﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻼ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 696 ﻗﯩﺰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. 2007 -ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 3000 ﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، 19 - ﻣﺎﺭﺕ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﯞە ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 160 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﺰ ئىچكىرى ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺧﻪﯞەﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﺟﻮﯕﺠﯥ ﺷﯜﻧﭽﯧﯔ ﺗﯩﻜﻜﯜﭼﯩﻠﯩﻚ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞە ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ 2-3 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺋﯩﮕﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺗﻪﯞەﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻏﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻰ 240 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، 2006 -ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 115 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻡ ئىچكىر ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻨﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 200 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﺵ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻨﯩﯟﯨﺘﯩﭙﺘﯘ..

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞە ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯖﺪﺍﯞﻏﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﭖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩەﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞە ﺳﯩﺠﯩﻞ ﺋﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺳﻪﯞەﺑﻠﯩﻚ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ھەتتا ئۇرۇش ھادىسىسمۇ كۆرۈلگەن.

خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى ئورۇنلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئالدىنقى بىر قېتىملىق ئادەم يۆتكەشكە ئازىراق ئوغۇللار قوشۇپ يۆتكەلگەن ئەمما يەنىلا ئاساسەن قىزلار يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال مۇلاھىزىچىلەرنى شۇ قىزلار توغرىسىدا ئەندىشىگە سېلىپ قويغان. ﻣﻪﻧﺒﻪ:ﭼﻮﻏﻼﻥ