ئۈرۈمچى
From Wikipedia
ئۈرۈمچى - جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناشنىڭ مەركىزى ۋە تۈگۈنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان . خەنزۇ، ئۇيغۇر،خۇيزۇ، قازاق، موڭغۇل، شىبە، قىر غىز، ئۆزبىك، تاجىك ، تاتار، روس ، داغۇر قاتارلىق 38 مىللەت ئولتۇراقلاشقان (1993) . بۇلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار%75.6 ، ئۇيغۇرلار%10.9 ، خۇيزۇلار%9.7 نى ئىگىلەيدۇ . تاڭ دەۋرىدە بىر ئايماق بولۇپ،مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللار بۇ يەردە شەھەر بىنا قىلغان . چيەنلوڭنىڭ 28 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ، يەنى مىلادىيە 1763 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇلۇپ دىخۇا دەپ ئاتالغان .گۇاڭشۈ نىڭ 12 - يىلى (1886 ) دىخۇا ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان .1945 - يىلى دىخۇا ناھىيىسى قارمىقىدا دىخۇا شەھىرى تەسىس قىلىنغان .
"ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ" ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ "ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻳﺎﻳﻼﻕ"ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻨﯩﯔ "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﺎﺭ. ﺑﯩﺰ ﻧﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﻘﺎﭼﺘﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ "ﺭﯗﻣﭽﻪ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ "ﺭﯗﻣﭽﻪ" ﺩﻩﯞﯦﺮﯨﭗ، ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺧﯘﺩﺩﻯ "ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ" "ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﻤﺪﻩﻙ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﺳﺘﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ "ﺭﯗﻣﭽﻪ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎﻥ. "ﭼﻪ" ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ.
"ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺋﻪﺩﯨﺐ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: << ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋ.ﺍﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﯖﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻧﺎﻡ ﭼﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﺎﻧﺠﯘﭼﻪ "ﯞﯦﻦ-ﺩې-ﺩﺍﺧﺎ ﺑﯘﺧﺎ ﺟﯧﻮ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ؛ "ﯞﯦﻦ" - ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ (ﺩې - ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺳﯚﺯ)، "ﺩﺍﺧﺎ" - ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭﯗﺵ، "ﺟﯧﻮ" - "ﺟﯘ" ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ. ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﺍ "ﺩﯨﺨﯘﺍ ﺟﯘ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ" ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ: ﺑﯩﺮﻯ، "ﺋﯜﺭﯛﻡ - ﺋﯜﺭﯛﻣﻪ" (ﻧﯩﺸﺎﻥ، ﺑﻪﻟﮕﻪ) ﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟﯩﻨﯩﭗ "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻪ" (ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، "ﺋﯘﺭﯗﻡ ﻧﯘﻥ" ( urumzun - ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻳﺎﻕ) ﻳﺎﻛﻰ "ﺋﯘﺭﯗﻣﺪﺍﻱ" (ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺵ، ﺑﺎﺩﻯ ﺯﻩﮬﻪﺭ) ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﺋﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ؛ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺧﺎﻥ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، "ﺋﯘﺭﯗﻡ - ﭼﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻥ" ﻳﺎﻛﻰ "ﺋﯘﺭﯗﻣﺘﺎﻱ" (ﮬﯘﻥ-ﺑﯘﺭﭼﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﺭﮔﺎﮬ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ)، ﻳﺎﻛﻰ "ﺋﯘﺭﯗﻡ-ﭼﯩﯔ" (ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﺎﺱ ﻧﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ-ﺋﯘﺭﯗﻍ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ)، ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﭖ، "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﺮﺍﻕ.
izdinix munbiri