ئېدىسون
From Wikipedia
ئېدىسون (1847-1931 . Thomas Alva Edison )
Edison ئامېرىكىدا ئېدىسون دىگەن مەشھۇر بىر ئالىم ۋە كەشپىياتچى ئۆتكەن .ئۇ ئېلېكتىر چىرىغى،پاتىپون، كىنو ۋە ئاككوملاتور قاتارلىق ئىككى مىڭ خىلدىن ئارتۇق نەرسىنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن،كىشىلەر ئۇنى "كەشپىيات ماھىرى"دەپ ئاتاشقان . ئېدىسون 1847 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوھو شىتاتى مىلان شەھىرىدىكى بىر نامرات دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ ئانىسىغا "بۇ بالىغا ھىچ ئىلاجىمىز قالمىدى،ئۆزى تىرىشمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يوقىلاڭ سۇئاللارنى قويۇپ تەرتىپنى بۇزىدۇ. تۈنۈگۈن ئەيمەنمەستىن،نىمە ئۈچۈن ئىككىگە ئىككىنى قوشساق تۆت بولىدۇ،دىگەن سۇئالنى قويىۋاتىدۇ . بۇ بالىنى ئۆيىڭىزگە ئىلىپ كەتسىڭىز،ئۇنىڭ مەكتەپتە بولغىنىنىڭمۇ ھىچقانچە پايدىسى يوق " دەيدۇ . ئانىسى شۇ ئاچچىغىدا،راستلا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىلىدۇ . ئېدىسون پۈتۈن ھاياتىدا ئارانلا ئۈچ ئاي مەكتەپ تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ .ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئانىسى ئۇنىڭغا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ .ئانىسى ئۇنىڭغا رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولىشىنى،ئەنگىلىيىنىڭ تەرەققىياتىنى سۆزلەپ بىرىدۇ .ئۇنىڭغا ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن،فىزىكا ۋە خىمىيىدىن دەرس بىرىدۇ .ئۇ كىچىكىدە غازنىڭ تۇخۇمدىن چۆجە چىقارغانلەقەنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالىدۇ .ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ،غازنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ ،غاز تۇخۇمىنىڭ ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭدىن چۆجە چىقارماقچى بولىدۇ . ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبى بىلەن 12 ياشلىق ئېدىسون پويىزدا گىزىت ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ .16 ياشقا كىرگەندە تۈمۈريول شىركىتىدە رادىسلىق قىلىدۇ . 1868 - يىلى10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، " بىلەت ھىساپلاش ماشىنىسى" نى ئىجات قىلىپ،بىرىنچى قىتىم پاتېنتقا ئىرىشىدۇ .ئېدىسوننىڭ ئۆمۈر بويى مەيدانغا چىقارغانكەشپىياتلىرىدىن پاتېنت ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغىنى 1328 خىلغا يىتىدۇ .پەقەت 1882 - يىلى بىر يىل ئىچىدىلا ئەنگە ئالدۇرغان پاتېنت ھوقۇقى 141 خىلغا يەتكەن .ئەمەلىيەتتە ئېدىسوننىڭ كەشپىياتلىرى مۇشۇ سان بىلەنلا چاكلىنىپ قالمىغان .ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىدىن ئاشكارا ئېلان قىلىنغانلىرىنى،پاتېنت ھوقۇقىدىن مەقسەتلىك ۋاز كەچكەنلىرىنى بىراقلا قوشۇپ ھىساپلىغاندا،2 مىڭ خىلغا يىتىپ بارىدۇ . ئېدىسون 1931 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋاپات بولغان ،84 ياش 8 ئاي 7 كۈن ئۆمۈركۆرگەن،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر 15 كۈندە بىر يېڭى كەشپىياتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .پەقەت 1882 - يىلىدىكى كەشپىياتلىرى بويىچە ھىساپلىغاندا،ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر 2 يېرىم كۈندىن كۆپرەك ۋاقىتتا بىر يېڭى كەشپىياتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .
izdinix tori hekemi yollanmsi