خۇنەن ئۇيغۇرلىرى

From Wikipedia

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى [xunen uyghurliri]

خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە 5000 دىن ئارتۇق يەرلىك ئۇيغۇر بار ئۇلار ئۇيەردە ياشاپ كېلىۋاتقىلى 800 يىلدىن ئاشتى. بۇ ھەقتە ئاڭلىغانمۇ سىز؟

ئۇلارنىڭ چىراي تۇرقى، تىلى ۋە بىر قىسىم ئۈرپ - ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئانچە ئۇخشاپ كەتمەيدۇ، ئۇيغۇرلاردىن كۆرە، تۇڭگانلارغا بەكرەك ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇلارنى ئۇيغۇر دېسە ئىشەنمەيدۇ، « ئىنىقلا تۇڭگان تۇرمامدۇ؟!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇيغۇر. تىل - يېزىق، ئىرق جەھەتتە ئوخشاشلىقى بولمىغان، پەقەت ئىتىقادى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۈرپ - ئادەتلىرى بىلەنلا ئەسلى ئۇيغۇرلار بىلەن قان - قېرىنداش بولغان ئۇيغۇر.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى بۇندىن تەخمىنەن 800 يىللار ئىلگىرى، يەنى يۈەن سۇلالىسى(ياكى مىڭ سۇلالىسى) دەۋرىدە بۈيۈك ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىرىدىكى توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر سەركەردە - سەرۋازلىرىنىڭ كېيىنىكى ئەۋلادلىرى. ئۇلار توپىلاڭنى تىنجىتقاندىن كېيىن، خۇنەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كېيىن ئانا دىيارىدىن ئۇرۇغ تۇغقان، خۇتۇن بالىلىرىنى ئىلىپ كېلىپ، شۇ چاغدىكى خانلىقنىڭ مۇھىم بىر ئەسكىرى كۈچى سۈپىتىدە ئوردىدىن مەخسۇس تەمىنات بىلەن بەھىرلىنىپ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تاۋيۈەن ناھىيىسىدە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ئۇلار جەڭلەردە باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلغان. تالاي ئەزىمەتلەر ئىسسىق قانلىرىنى جەڭ مەيدانلىرىدا تۈكۈپ، توپىلاڭنى تىنجىتىشتا ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ۋە قەھرىمانلىقىدىن تەسىرلەنگەن شۇچاغدىكى خان ئۇلارنىڭ ئاتامىنىغا جىيەن 箭فامىلسىنى ھەدىيە قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار جىيەن فامىلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسى قىلىپ قوللىنىپ كەلمەكتە. ئۇلار تاكى چىڭ سۇلالىسى ھالاك بولغانغا قەدەر، ئەلەم بىلەن شۇغۇللانغان. چىڭ سۇلالىسى ھالاك بولۇپ، ئۇلارغا ئوردىدىن بېرىلىدىغان تەمىنات ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىنلا ئۇلار ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن، قوللىرىدىكى قورال، ئۇچىسىدىكى جەڭ كىيىملىرىنى تاشلاپ يەر تېرىپ تېرىكچىلىك قىلىشقا كىرىشكەن. ياپونغا قارىشى ئۇرۇش دەۋرىمۇ خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئەجدەدلىرىنىڭ باتۇر، قەھرىمانلىقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قان كىچىپ جەڭ قىلغان.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى تارىختا ئىنتايىن جاپا مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى بىشىدىن كەچۈرگەن. ھەتتا مىنگو دەۋرىدىمۇ ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغان. يات دىن. يات ئىرىق ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك يات مەدەنىيەت ئالدىدا ئۆزلىرىدىكى غايەت زور ھاياتى كۈچنى نامايەن قىلغان. ئۆزلىرىنىڭ ئىتىقادىنى يۇقاتمىغان، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ھەرقاچان دىلىدا ساقلىغان. ئەجدادلىرىنىڭ تارىخنى ، يەنى بۈيۈك ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئىېلىدىن خۇنەنگە كەلگەندىن باشلاپ، تارىخىنى خاتىرىلەپ كەلگەن.

ئۇلاردىن يەنە نۇرغۇن ئاتاغلىق كىشىلەر يېتىشىپ چىققان خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، جۇڭگونىڭ مەشھۇر ئالىمى ، ئاتاغلىق جامائەت ئەربابى جىيەن ﺑﻮﺯﻩﻥ ئەپەندى دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئەسىرلەردىن بېرى ئىتىقاد داش مىللەت تۇڭگانلار بىلەن نىكاھلىنىپ كەلگەچكە، تىل ئۈرۈپ ئادەت جەھەتتە تۇڭگانلارغا زور دەرىجىدە سىڭىشىپ كەتكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارغا خاس بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي ئۈرۈ پ - ئادەتلەرنى ھېلىغىچە ئۆز پېتىم ساقلاپ كەلمەكتە. خەنزۇتىلى ھازىر خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانا تىلى . خەنزۇ يېزىقى ئۇلارنىڭ يېزىقى.

شۇداقتىمۇ ئۇلار ھازىرغىچە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ بىلىدۇ. شىنجاڭنى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىش دەپ بېلىدۇ ۋە شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە چوڭ كۆرۈپ ئىززەتلەيدۇ.

بۇ جەھەتتىكى تەپسىلاتلارنى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى بولسىڭىز، '«خۇنەن ئۇيغۇرلىرى» ناملىق كىتابنى، ياكى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ بۇلتۇر 12 - ئايلىق سانلىرىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ جەھەتتىكى بىلىلەرگىمۇ نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قۇيۇڭ. خۇنەن ئۇيغۇرلىرى، سېرىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار بىزنىڭ يىلتىزداش، قان - قېرىنداشلىرىمىزدۇر.

ﻣﻪﻧﺒﻪ : xabnam ﺗﻮﺭﻯ arken 325 ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ .