سايرامى

From Wikipedia

sayrami


[1]


1917-يىلى 14-سېنتەبىر، ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامى (موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى) كېسەل سەۋەبىدىن 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. موللا مۇسا سايرامى 1836-يىلى 23-ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق باي ناھىيىسىگە تەۋە سايرام رايونىنىڭ ئانىقىز يىزىسى تۇغايلا مەھەللىسىدە بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ "تارىخىي ھەمىدىي"، "تارىخىي ئەمىنىيە"، "ئەۋلىيالار تەزكىرىسى"، "ئەسھەبۇل كەف ھەققىدە بايان"، "قەسىدىي سىدىق" ،"غەزەلىيات"، "سالامنامە"...قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، "تارىخىي ھەمىدىي" ۋە "تارىخىي ئەمىنىيە" دېگەن ئىككى كىتاۋى شىنجاڭدا نەشىر قىلىنغان، قالغانلىرى پارىس تىلى ۋە باشقا تىللاردا چەتئەللەردە نەشىر قىلىنغان.

izdinix munbiri hekemi yollanmisi