سىئولكوۋىسكى

From Wikipedia

سىئولكوۋىسكى
سىئولكوۋىسكى

سىئولكوۋىسكى (K. E. Tsiolkovsky 1857 - 1935)

Tsiolkovsky

سىئولكوۋىسكى - مەشھۇر روس ئالىمى . ئۇ ئاددىي خەلقتىن كىلىپ چىققان، 1857 - يىلى روسىيىنىڭ ريازان ئۆلكىسىدىكى سسىۋىسكى كەنتىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ئورمان كۈزەتكۈچىسى ئىدى . سىئولكوۋىسكى 9 يېشىدا ئىسكارلاتىنا كىسىلىگە گىرىپتاربولۇپ، ئاڭلاشتىن پۈتۈنلەي دىگۇدەك قالغان . لىكىن بۇ پاجىئەلىك رىياللىق ئۇنىڭ بىلىم ئىلىش ئىشەنچىسىنى يوقىتالمايدۇ . ئۇ 14 يېشىدىن تارتىپ دادىسىدىكى بىرنەچچە پارچە تەبىي پەن ۋە ماتىماتىكىغا ئائىت كىتاپلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا ئۈگىنىشكە باشلايدۇ . سىئولكوۋىسكىنىڭ كۈنى ئىنتايىن ئىغىرچىلىقتا ئۆتىدۇ . ئۆز لىكىدىن ئۈگىنىشتە يىتەكچىلىك قىلىغان ئوقۇتقۇچى بولمىغانلىقتىن، بىرەر قىيىن مەسىلە ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن باش قاتۇرىدۇ . بىر كۈنى ، بۇ گاس بالا كوچىدا كېتىۋىتىپ تۇيۇقسىزلا خۇددى ساراڭدەك سەكرەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆيىگە قاراپ چاپىدۇ، ئەسلى ئۇ باشقاتۇرىۋاتقان بىر ماتىماتىكا مەسىلىسىنى يول ئۈستىدە يەشكەن ئىدى . بۇنىڭدىن ئۇ قانداقمۇ خۇشال بولماي تۇرالىسۇن؟ سىئولكوۋىسكى بالىلىق دەۋرىدە ، جۇل ۋىرېننىڭ ئىلمىي فانتازىيىلىك رومانلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، ئىلمىي فانتازىيە ئۇنىڭ گۈدەك قەلبىگە سەييارىلەر ئارا ئۇچىدىغان قانات بىكىتىدۇ . شۇ چاغدا ئۇ ئانىسى تەرىپىدىن ھىدروگىن گازى قاچىلانغان بىر شار ئويۇنچۇققا ئىگە بولىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ھەر كۈنى كەچتە چۈشىدە مۇشۇ شارغا ئولتۇرۇپ سەييارىلار ئارا ساياھەت قىلىدۇ . سىئولكوۋىسكى ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرامەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ فىزىكىسى بىلەن ماتىماتىكىسىنى ئۈگىنىپ بولىدۇ شۇڭا ئۇ 23 يېشىدا بىروۋودىكى ھۆكۈمەت ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ فىزىكا ۋە گىئومىتىرىيە ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ . سىئولكوۋىسكى ئۆز ھاياتىدا 40 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ . ئۇ بىر تەرەپتىن، ئوقۇتۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىرتەرەپتىن قالغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدە ھاۋا قاتناش ئىلمى توغرىسىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن، پۈتۈنلەي مىتالدىن ياسىلىدىغان ھاۋا كىمىسى ۋە سەييارىلەر ئارا ئۇچىدىغان راكىتا قاتارلىقلارنى لاھىيىلەش ئىشىنى ناھايىتى تىزلا پۈتتۈرگەن . شۇ چاغدا كىشىلەر ئۇنى خيال پەرەست، ساراڭ دەپ تىللاشقان . سىئولكوۋىسكى بىرقاتار ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. مەسىلەن، 1883 - يىلىدىكى "ئەركىن بوشلۇق"؛ 1892 - يىلىدىكى "باشقۇرۇلىدىغان مىتال شار" ؛ 1903 - يىلىدىكى "رىئاكتىپلىق قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ ئالەم بوشلىقىنى ئۆلچەش" ۋە باشقىلار . لىكىن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇئۇلۇغ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قىزىقمىغان ، پەقەت بەزى ئالىملارلا بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا ئەڭ يۇقۇرى باھا ۋە ئىلھام بەرگەن . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن لىنىن سىئولكوۋىسكىنى غۇربەتچىلىك تۇرمۇيشتىن ئازاد قىلدى . ئۇ سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالاھىدە دىققەت ئىتىۋارىغا ئىگە بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسەتە ۋە بىلىمىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى . ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، داتلاشماس پولاتتىن ھاۋا كىمىسىنىڭ مودىلىنى ياساپ چىقتى . بۇ كىمىنىڭ ئۇزۇنلىقى 15 مىتىر، ئەڭ ئۇزۇن دىيامىتىرى 7.2 مىتىر، ھەجمى 1000 كۈپ مىتىرىدى . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يەنە مەركىزى سۇيۇقلۇق ھەركەت ئىنىرگىيىسى تەتقىقاتى ئورنىدا پۈركۈش يولى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان بىر تۈركۈم ماشىنىلارنى ئىشلەپ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، "راكېتىلىق ئالەم پويىزى" ، " ئالەم پولات كىمىسى"، "رىئاكتىپ ئايرۇپىلان" ، "سەييارىلەر ئارا ئۇچۇش" دىگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى . ئۇلۇغ ئالىم سىئولكوۋىسكى 1935 - يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى . ئالىملار ئۇنىڭ سەييارىلەر ئارا ئۇچۇشتەك ئۇلۇغ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاخىرى يۇقۇرى سۈرەتلىك رىئاكتىپ ئايرۇپىلان ، قىتەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۈنىي ھەمراھ، ئالەم كىمىسى..... ئىشلەپ چىقتى . بۇ ئاجايىپ غارايىپ ئىجادىيەتلەر ئۇ ئالەمدە مەڭگۈلۈك ئۇيقىدا ياتقان ئۇلۇغ ئالەم پۇخراسى ئۈچۈن نىمە دىگەن زور تەسەللى - ھە !


izdinix munbiri hekemi yollanmisi