مىچىل

From Wikipedia

مارگارېت مىچىل
مارگارېت مىچىل

Margaret Mitchell

مارگارېت مىچىل ( 1900 - 1949 Margaret Mitchell)

"ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن" نىڭ ئاپتورى مارگارېت مىچىل 1900 - يىلى جىر شىتاتىنىڭ مەركىزى ئاتلانتادا دۇنياغا كەلگەن . 1914 - يىلىدىن 1918 - يىلىغىچە ۋاشنگتوندىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان . 1918 - يىلىدىن 1919 - يىللىرى ماسساچۇست شىتاتىدىكى شىمىس ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان . 1922 - 1926 - يىللىرى "ئاتلانتا گىزىتى" بىلەن "ئاتلانتا ئاساسىي قانۇن گىزىتى" دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن . كىيىن ماشىنا ھادىسىسى بىلەن پۇتى قاتتىق يارىلىنىپ ئۇزۇنغىچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغان . 1926 - يىلىدىن تارتىپ قولىغا قەلەم ئىلىپ "ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن" نى يېزىشقا باشلاپ، 10 يىللىق جاپالىق ئەمگەكتىن كىيىن، 1936 - يىلى بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تاماملىغان . ئەسەر مەيدانغا كىلىپ 13 يىلدىن كىيىن ، يەنى 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مارگارېت مىچىل يەنە بىر قىتىم ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپقان .


izdinix munbiri hekemi yollanmisi