گوددارد

From Wikipedia

گوددارد
گوددارد


Goddard


روبېرت گوددارد ( 1882 - 1945 Goddard,Robet Hutchings )

دۇنيا بويىچە تۈنجى قىتىم سۇيۇق يىقىلغۇ ئىشلىتىلىدىغان راكىتىنى ياساپ چىققان ۋە قويۇپ بەرگەن ئادەم - ئامىرىكىلىق ئالىم روبېرت گوددارد . 1926 - يىلى 3 - ئاينىڭ بىركۈنى چۈشتىن كىيىن، كىلاك ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ فىزىكا فىروفىسسورى روبېرت گوددارد ماسساچۇست شىتاتىدىكى يېڭى لانگى دىھقانچىلىق مەيدانىدا راكىتا قويۇپ بىرىش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىلىپ بارىدۇ .ئۇ سۇيۇلدۇرۇلغان ئوكسىگىن بىلەن بىنزىننى ھەركەتلەمدۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭغا ئىگىز ھاۋا بوشلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاددىي ئەسۋاپلارنى جايلاشتۇرىدۇ . 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى روبېرت گوددارد ۋاپات بولىدۇ، ئەگەر يەنە 17 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسا ئۆزى لاھىيەلىگەن راكىتىنىڭ ئاخىرى ئايغا چىققانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولاتتى . 1962 - يىلى 2 - ئايدا ئامىرىكىنىڭ ئوربىتىنى بويلاپ ئۇچقۇچى ، ئادەم ئېلىپ ماڭغۇچى تۈنجى ئالەم كىمىسى فىلورىدا شىتاتىدىكى كاناۋىرال تۇمشۇقىدىن قويۇپ بىرىلدى ؛ 7 يىلدىن كىيىن 3 ئامىرىكا پۇخراسى بىرىنچى تۈركۈم ئايغا چىققۇچىلار بولۇپ قالدى . ئالەم بوشلىقى ئىلمىنىڭ بۇ ئۇلۇغ سەركەردىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئامىرىكىلىقلار ئۇنىڭغا بىغىشلاپ بىر ياغاچ تاختا ئورناتقان، ئۇنىڭغا گودداردنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بىر جۇمەل مەشھۇر سۆزى يېزىلغان " نىمىنىڭ ئورۇنلىغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىيتىش تەس، چۈنكى تۈنۈگۈنكى خام خىيال بۈگۈنكى ئۇمىدكە ئايلىنىشى ۋە ئۇ ئەتىكى رىئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن"



izdinix munbiri hekemi yollanmisi