ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺱ
From Wikipedia
ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺱ (1927 - Gunter Grass )
[http://www.top188.com/history/images/42741.jpg ] ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺱ ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﯨﺮﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﻰ . ﯰ 1927 - ﻳﯩﻠﻰ 10- ﯪﻳﻨﯩﯔ 16 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ "ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﻮﺧﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ" ، "ﯴﭺ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ﺭﯨﻠﯩﺲ" ، "ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ" ، "ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ" ، "ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ" ، "ﺗﯜﻧﯩﻜﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ" ، "ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻖ" ، "ﺗﯧﺮﮔﯧﺘﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ" .... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ . ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺱ 1999 - ﻳﯩﻠﻰ "ﺗﯜﻧﯩﻜﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ . 1959 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺗﯜﻧﯩﻜﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ" ﮔﯘﻧﺘﯧﺮ ﮔﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯰﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﯬﺳﯩﺮﻯ . ﺭﻭﻣﺎﻥ ﯪﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺩﺍﻧﺴﯩﮓ ﯞﻩ ﯰﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﻰ ﯪﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰﻧﯩﯖﺪﺍ ﻫﻪﻳﻴﺎﺭ، ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﯮﺳﻜﺎ ﻣﺎﺗﺴﯩﻼﺕ ﺩﺍﻧﺘﺴﯩﮕﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯰﺷﺸﺎﻕ ﺑﯘﺭﮊﯗﯪﺯﯨﻴﻪ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭘﺎﻛﯩﻨﻪﻙ ﯪﺩﻩﻡ . ﯰ ﯪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺳﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﯬﻗﯩﻞ - ﺋﯩﺪﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﯲﺯ ﺗﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﯲﺳﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯰ ﯴﭺ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﯲﺳﯜﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﺎﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﯲﺯ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﯰ ﻛﯜﻧﺒﻮﻳﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﯗﻣﺒﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ﻳﯘﺭﯗﭖ، ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ﭼﯩﻠﯩﺶ ﻫﯚﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ ﯰﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﯰﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﯰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺩﯗﻣﺒﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯬﻳﻨﻪﻛﻨﻰ ﺑﯘﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﺪﯗ . 2 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﯮﺳﻜﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯪﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭖ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﯲﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﯲﺳﻤﯜﺭ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﮔﻮﺭﻭﻫﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﯲﻟﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻳﺪﯗ ، ﻳﻪﻧﻪ ﯴﮔﻪﻱ ﯪﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯰﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻳﯘﺳﺴﯧﻠﺪﯗﺭﻗﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺗﺎﺷﭽﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﻧﯭﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﺪﺍ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻣﻮﺩﯨﻞ، ﯮﺭﻛﯩﺴﺘﯩﺮﺩﺍ ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ . ﯬﻣﻤﺎ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﯲﺗﻜﻪﭼﻜﻪ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯨﻠﻮﺳﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻣﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﯪﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﯰ ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﻨﻰ ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﭼﯧﻠﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯲﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯬﺳﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻜﯩﻨﻤﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﯰﺳﯘﻟﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﺧﺲ ﻳﺎﻛﻰ 3 - ﺷﻪﺧﺲ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 1924 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1954 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﭗ، ﺷﻪﺧﺲ ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﯬﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﯰﻧﻰ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﯮﺳﻜﺎﻧﯩﯔ ﯪﻧﯩﺴﻰ ﯮﻏﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯪﺷﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ، ﯮﺳﻜﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﺭﯨﻴﺎ ﯴﮔﻪﻱ ﯪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﭘﺎﻕ - ﭼﺎﭘﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯗ، ﯮﺳﻜﺎﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ، ﯞﺍﻫﺎ ﻛﺎﺯﺍﻻﺭ . "ﺗﯜﻧﯩﻜﻪ ﺩﯗﻣﺒﺎﻕ" ﻧﯩﯔ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺶ ﯰﺳﻠﯘﺑﻰ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ، ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺭ ﻗﯩﭗ - ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﯞﻩ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ، ﺗﻮﻟﯘﻕ . ﺗﯩﻠﻰ ﯮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ،ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻮﻝ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﯪﺷﯘﺭﻏﺎﻥ .
izndinix hekemi yollanmisi