ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ
From Wikipedia
ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ (AUGUSTUS CAESAR)، (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ 63 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ - ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 14 - ﻳﯩﻠﻰ )
ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻛﻮﺭﻭﻟﻰ ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﯬﯓ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯬﺳﯩﺮﺩﻩ ﯰ ﺭﯗﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﯰﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﯰﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺭﯨﻢ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯬﺳﯩﺮ ﺗﯩﻨﭻ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺩﻯ .
ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 63 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 24 - ﻛﯜﻧﻰ ﺭﯨﻤﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﯬﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﻪﻳﯱﺱ ﯮﻛﺘﺎﯞﯨﯫﻧﯘﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﯰ 35 ﻳﺎﺵ ﭼﯩﻐﯩﺪﺍ ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﯮﻛﺘﺎﯞﻯ ﻳﯘﻟﯩﯯﺱ ﻛﺎﻳﺰﺍﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻴﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ 44 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﺎﻳﺰﺍﺭ ﺳﯘﻳﻘﻪﺳﺘﻜﻪ ﯰﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﯮﻛﺘﺎﯞﻯ 18 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ . 15 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﺎﻳﺰﺍﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﻜﺘﺎﯞﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﯲﺗﻜﻪﻥ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ 27 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺭﯨﻢ ﯪﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻼﺭ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ "ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﯮﻛﺘﺎﯞﻯ "ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺭﯨﻢ ﻳﻪﻧﯩﻼ "ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ" ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻟﺪﻯ ، ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ ﭘﻪﻗﻪﺕ "ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﯘﺧﺮﺍ" ﺋﯩﺪﻯ . ﯬﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ، ﺭﯨﻢ ﯪﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻼﺭ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﯰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺭﯨﻤﻐﺎ ﻫﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 14 - ﻳﯩﻠﻰ ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ ﯪﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﯲﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﺭﯨﻢ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﯲﺗﯜﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﻯ . ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﯮﻏﻠﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﻧﻼ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﯪﯞﮔﯘﺳﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﯮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﻯ، ﯰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ، ﺭﻩﻫﯩﻤﺪﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻛﯩﻤﻤﯘﺗﻠﻪﻗﻨﯩﯔ ﯲﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﯰ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯰﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﯰﺭﯗﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺘﻰ . ﯪﯞﮔﯘﺳﺖ ﺭﯨﻤﻐﺎ 40 ﻳﯩﻠﭽﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﯰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﯰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﺭﯨﻢ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ، ﯪﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ) ﯞﻩ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﯪﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﻰ ﺭﯨﻴﯩﻦ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻧﺎﻱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﯲﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯪﻟﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯬﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
izdinix/ hekemi yollanmsi