ﺋﯚﺭﺩەﻙ
From Wikipedia
ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ _ ﺋﯚﺭﺩەﻙ
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1900 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﯞﻗﯘﻻﺩﺩە ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞەﺏ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ، ﻗﯘﻡ ، ﺗﻮﭘﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ، ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ 1500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻮﻥ ، ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ( 1865 - 1952 )ﻧﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﺎﻥ - ﺷﯚﻫﺮەﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺷﻪﺭﺕ - ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺩەﻝ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﻪﺧﺲ ، ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺭﺩەﻙ 1860 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﺎﻫﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﺭﺍ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩەﺭﻳﺎ ﺳﺎﻫﯩﻠﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞە ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻟﻮﭘﻠﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﻝ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺩەﺭﻳﺎ - ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﺩە ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ، ﻛﯚﻛﺘﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻫﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺩﯦﺮەﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﻪ ﻗﯘﺷﻰ ﺋﯚﺭﺩەﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺋﯚﺭﺩەﻛﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺋﯚﺗﻪﯓ _ ﻗﯘﺭﯗﻗﺘﺎﻍ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﺎﻳﻼﻕ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯩﻨﺪﻯ _ ﻳﯧﯖﯩﻴﻪﺭ )ﺗﯩﻦ ﻛﻮﻧﺎ ﭼﺎﺭﺍﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﻮﯞﭼﻰ ، ﻣﺎﻫﯩﺮ ﺋﯩﺰﭼﻰ ﯞە ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﯞە ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﺘﻰ . ﺋﯘ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞە ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩەﺭﻳﺎ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺑﺎﺳﺘﻰ . ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞە ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﻳﺎﻏﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻤﻪ - ﻗﯧﻴﯩﻖ ، ﭼﺎﺭﺍ ( ﺗﻪﯕﻠﻪ ) ، ﺋﯧﮕﻪﺭ ﭼﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﭼﯚﭼﻪﻙ ( ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﺎﯞﺍﻕ ) ، ﻫﺎﯞﺍﻧﭽﺎ ﺋﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ، ﻗﻮﺷﯘﻕ ، ﭼﯚﻣﯜﭺ ﻳﺎﺳﺎﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞە ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺰ ، ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﯞە ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﯞە ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯘﻱ - ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ، ﻗﻮﻟﯘﻡ - ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞە ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﭘﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ "" ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ "" ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ . ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﻚ ﺩەﯞﺭﯨﺪە ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪە ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺩەﯞﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ، ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺯﺍ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ، ﻫﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﻟﻪ - ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﻪﺳﯩﺮ - ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﻯ ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﯞﯗﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﯞە ﻛﯚﺯ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧئەﺕ ﺩﯗﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ - ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﺷﻪﺭﻕ ﯞە ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻫﻪﻡ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ، ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﻰ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯚﻟﮕﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﯗﭖ ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 2 - ﺋﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﭖ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩﺸﯩﺶ ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺶ ، ﻗﯧﺰﯨﺶ ، ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ "" ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ "" ﯞە ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﭽﻰ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ 1899 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞە ﺗﺎﺭﯨﻢ ، ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩەﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ، ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻮﻝ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ﺯﯦﺮەﻙ ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺰ ، ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﺩ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ . 1900 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺯﺳﯩﺰ ﻛﯚﻝ _ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮەﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ ( ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ) ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 3 - 4 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻗﯘﺩﯗﻕ ﻗﯧﺰﯨﭗ ﺳﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ _ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﻮﻧﺎﻟﻐﯘﺩﺍ ( ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺪە ) ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﺑﯘ ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ "" ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﻮﻣﭙﺎﺳﺘﻪﻙ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ "" ﺋﯚﺭﺩەﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﻪﯞەﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﻜﻪ ﻗﯩﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞە ﻏﯘﺭ - ﻏﯘﺭ ﭼﯚﻝ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻗﯘﻡ - ﺷﻮﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭖ ، ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻪﺩەﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﻡ ، ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞە ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﯩﻴﭙﺎﺵ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯗ . ﭼﯚﻝ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﻮﺭﺍﻧﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﯘﻡ - ﺗﻮﭘﺎ ﻗﺎﭘﻼﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ - ﺩە ، ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﻟﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ . ﺗﺎﯕﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭖ ﻳﻮﺭﯗﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﯧﺰەﻛﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﯞﯦﻠﯩﭗ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮔﯜﺭﺟﻪﻛﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﯧﯖﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻰ ، ﻫﻪﺭ ﺗﯜﭖ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ، ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﭼﻮﻗﭽﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺩﻭﻗﺎﻝ - ﺗﯚﻣﺒﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩەﻛﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻘﯩﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﭼﺎﻻ - ﺑﯘﻻ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﯩﻠﺪﺍ : "" ﺷﯘ ! ﺩەﻝ ﺷﯘ ! "" ﺩەﭖ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﯞە ﻫﺎﻳﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﻪﺗﺮەﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻧﯧﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻻﭖ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯘﻧﻰ - ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ ، ﻳﯩﻐﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯚﺯﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ، ﺳﯩﺰﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩەﻝ 1900 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ( ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ) ﺋﯩﺪﻯ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﺍﯕﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻛﺘﻪ ﻗﻮﭘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮔﻤﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ، ﺋﯚﻱ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯚﺭە ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩەﻙ ﺑﯩﺮ ﻏﯘﻻﭺ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺴﯩﻤﺎﻥ ﺟﺎﻫﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . . . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﺳﯘ ، ﺋﻮﺯﯗﻕ ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞە ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﺴﯩﻤﺎﻥ ﺟﺎﻫﺎﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﺩەﻛﻜﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻫﻪﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩەﻝ ﺋﯚﺭﺩەﻛﻨﯩﯔ 38 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ، ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺭﺩەﻡ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺋﯚﺭﺩەﻙ 38 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﭘﻪﯞﻗﯘﻻﺩﺩە ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺩەﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 5 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ 15 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﺰ - ﺩﯦﺮەﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ ، ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ _ ﻛﺮﻭﺭﺍﻧﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻨﮕﯩﻤﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺷﯚﻫﺮەﺕ ﺗﺎﺟﻰ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﮔﻪﻥ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ 8 ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ "" 1889 - 1902 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ "" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ، 1904 - ، 1907 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ﯞە ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪە ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺖ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺭﺩەﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻ - ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﯞەﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯚﺭﺩەﻙ 1901 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﯞە ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪە 1910 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ "" ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ "" ، "" 5 - ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ "" ، "" ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩەﺭﻳﺎ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ "" ﺩەﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ . 1927 - 1935 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ - ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞە ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩەﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 1921 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﻡ ﺩەﺭﻳﺎ ( ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩەﺭﻳﺎ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻛﯧﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﺳﯘ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻮﭖ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 1934 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭼﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺩەﺭﻳﺎﺩﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪە ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞە ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺳﯩﯟﯦﻦ ﻫﯧﺪﯨﻦ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﻰ ، ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮒ ﻓﻮﻥ ﺑﺮﮔﻤﺎﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ، ﺋﯚﺭﺩەﻛﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﺩەﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 1934 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻤﯘ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩەﯞﺭﺩﺍﺵ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞە ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻟﻮﭖ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮە ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ 1500 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘﻝ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ _ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ . ﻗﯩﺰﻯ ﮔﯚﺩەﻙ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺩەﺷﺖ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯧﺰﯨﭗ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . 1934 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﯞﺭﯨﻞ ﺳﺘﻪﻳﻨﮕﯩﻤﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻳﻪﻧﻰ 1940 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺳﺎﺩﯨﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻫﺎﻳﺎﺕ ، ﺋﯘ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺷﯩﯖﭙﯩﻚ ﻳﯧﺰﺍ ﺗﯘﯕﭽﯩﻜﻪ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻧﯩﻴﺎﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﺋﻮﭼﺎﺳﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﺪە . ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ . ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ، ﺋﯘ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﺍ ، ﻳﯧﯖﯩﺴﯘ ، ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ ، ﺋﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ - ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺑﯚﻙ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻮﻏﺮﺍﻗﺰﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﯞە ﺗﻮﻗﺎﻱ - ﺟﺎﯕﮕﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ 1944 - ﻳﯩﻠﻰ 84 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﺴﯘ ، ﺋﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﯞە ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻫﻪﻡ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﯨﻲ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞە ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺋﯚﺭﺩەﻙ _ ﻟﻮﭖ ﺋﯧﻠﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﺍ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ، "" ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "" ( ﻓﻮﻥ ﺑﯩﺮﮔﻤﺎﻥ ) ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﯩﺴﭙﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﺘﯘﺭ !!
ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ " ژورنىلى 2004 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2 - سان