ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ
From Wikipedia
1935 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﻪﻕ 300 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﺟﻪﯓ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻼ ﻫﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﯲﺗﯜﭖ، ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﯩﮕﻪ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ، ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻦ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯰﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺗﻼﻧﺪﻯ . ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ (1935 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﺪﯨﻦ 1936 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﯪﻳﻐﯩﭽﻪ)ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻫﺎﻳﻠﻰ ﺳﯧﻼﺳﺴﻰ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﯰﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ 10 - ﯪﻳﺪﯨﻦ 11 - ﯪﻳﻐﯩﭽﻪ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﯪﺩﯗﯞﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ "ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﭘﯧﻼﻧﻰ " ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﯪﺷﻤﯩﺪﻯ، 1936 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﯪﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻧﭙﯩﺌﯩﻦ ﺟﯧﯖﯩﺪﻩ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﭼﯩﻘﯩﻤﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﻛﺎﺭﻭﻝ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﻤﯘ ﭼﯩﻜﯩﻨﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ . ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺩﯨﻤﯘﮔﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﯞﯨﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ . 1936 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﯪﻳﺪﺍ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻫﺎﯞﺍ ﯪﺭﻣﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯴﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻫﯘﺟﯘﻣﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪﭼﻜﻪ، ﯰﺭﯗﺵ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯲﺯﮔﯜﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﯪﻳﺪﺍ ﺳﯧﻼﺳﺴﻰ ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﯪﺳﺎﯕﺠﻰ ﻛﯚﻟﻰ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺟﻪﯓ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺧﺎﺋﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . 4 - ﯪﻳﻨﯩﯔ ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﯬﺩﺩﯦﺲ - ﯬﺑﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﺑﺎﺭﺩﻯ . 5 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯧﻼﺳﺴﻰ ﭼﻪﺗﯭﻟﮕﻪ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . 5 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﯬﺩﺩﯦﺲ - ﯬﺑﯩﺒﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 5 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻮﺳﺴﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﻻﭖ، ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﯨﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺳﻮﻣﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﯪﻓﺮﯨﻘﺎ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ (1936 - ﻳﯩﻠﻰ - 5 - ﯪﻳﺪﯨﻦ 1941 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﯪﻳﻐﯩﭽﻪ) . ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . 1938 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1939 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﯪﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﯰﻟﻐﯩﻴﯩﭗ 400 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﺰﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﯚﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 1939 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﺪﺍ 2 - ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﯮﻣﻮﻣﻴﯘﺯﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺵ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﯲﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ . 1941 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﯪﻳﺪﺍ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﺩﺍﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﯪﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﺗﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ . 1 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯧﻼﺳﺴﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺳﯘﺩﺍﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ . 4 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺴﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯬﺩﺩﯦﺲ - ﯬﺑﯩﺒﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ . 5 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯧﻼﺳﺴﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ، ﯲﺯ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﯮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ . ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ - ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ ، ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ 11 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﻮﻧﺪﯨﺮ ﺩﯨﻜﻰ ﯬﯓ ﯪﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ ، ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﻚ ﯪﻳﺎﻏﻼﺷﺘﻰ .
ﺋﯧﻔﯩﯯﭘﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﻫﺎﻳﻠﻰ ﺳﯧﻼﺳﺴﻰ