ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ
From Wikipedia
ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ
ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ 45-ﻧﯘﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﻰ 2006-ﻳﯩﻞ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18-ﻛﯜﻧﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻥ ﺩﺍﺋﯩﻤﻰ ﻛﯧﯖﻪﺷﻨﯩﯔ 122-ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. 2006-ﻳﯩﻞ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﺴﯘﻥ. ﺯﯗﯕﻠﻰ ﯞﯦﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ 2006-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ
1-ﺑﺎﭖ ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ 1-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺑﯘ ﻧﯩﺰﺍﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ، ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﺪﻯ. 2-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻓﺎﯕﺠﯩﻨﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺕ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻢ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﺪﯗ. ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ، ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﺪﯗ. 3-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﮬﻮﻗﻮﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯗ. 4-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﺰﻣﻰ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. 5-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺷﯘ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ ﮬﻪﻣﯩﺪﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. 6-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ، ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﭙﺎﻗﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺰﯨﻚ ﻛﯩﺮﯦﺴﺖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﻠﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻧﯩﺖ ﺋﺎﮬﺎﻟﻠﻪ ﻛﻮﻣﻤﯩﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻧﯩﺖ ﺋﺎﮬﺎﻟﻠﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﻧﯩﺰﺍﻡ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﺳﯩﺪﺍ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 7-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﭘﯩﻼﻧﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. 8-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﯘﺯ ﻗﯘﻳﯘﺵ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﻪﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﻨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. 9-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻥ، ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﯩﻘﺘﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﻮﻝ ﯞﻩ ﻧﻪﭘﯩﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. 2-ﺑﺎﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ 10-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯜﻟﯜﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺠﯩﺘﻤﺎﺋﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻳﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 11-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻜﻪﺕ، ﯞﻭﮔﯩﺰﺍﻝ، ﭘﯩﺮﺳﺘﺎﻥ، ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﻮﺭﺕ، ﺑﺎﻏﭽﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﭘﻮﻳﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﻪ-ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﺍﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻼﻥ ﺗﺎﺧﺘﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﻼﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 12-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﻧﯩﺰﺍﻡ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ، ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ، ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﯘﺯ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 13-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯧﺨﻨﻜﯘﻡ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ، ﺩﻩﺳﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮬﻪﻳﺪﻩﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯘﻡ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 14-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﭘﯘﺱ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻳﯧﺸﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺳﺎﻏﻼﻣﯩﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺸﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 15-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﯞﺍﺳﺘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﻴﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 16-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﺮﯨﻴﯘﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﻮﺭﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﭼﯩﮕﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 17-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺮﯦﯩﺴﺖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﯖﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺮﯦﯩﺴﺖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺮﯦﯩﺴﺖ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. 18-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺷﻜﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ، ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻐﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 19-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ، ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪ، ﻛﯧﺰﯨﺖ - ﮊﯛﺭﻧﺎﻝ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 20-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ، ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺭ، ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺋﯩﻘﺘﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﻧﯩﺰﺍﻡ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 21-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ-ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯘﺗﯘﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 3-ﺑﺎﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ 22-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﯗ. ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﯞﻩ ﻻﮬﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﺗﯩﺶ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﯞﻩ ﻻﮬﯩﻴﻪﺳﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺷﯘ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻻﮬﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ-ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺵ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺵ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. 23-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺋﯩﺨﺘﻴﺎﺭﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﻴﺎﺭﯨﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯩﺪﯗ. ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯜﺯﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﻩ ﺋﯩﺨﺘﻴﺎﺭﯨﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻗﯘﻳﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 24-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺴﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. 25-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ-ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﻨﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﺮﻳﻮﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﯩﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﭼﯩﮕﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻥ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﯞﻩ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯗ. 26-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺭﻣﯘﺭﻯ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﯞﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﻠﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻠﯩﺮﻯ، ﻛﻪﻧﯩﺖ ﺋﺎﮬﺎﻟﻠﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 27-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﯨﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻣﺪﺍﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻝ، ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻣﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 28-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ، ﻧﯘﭘﯘﺱ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ، ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺩﻭﺭﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ، ﭘﺮﻭﯨﻴﻮﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﯩﺘﯩﻦ، ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﻛﯩﻨﻮ ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﮔﺎﻧﺪﻭﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ، ﮔﺎﻧﺪﻭﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺗﻮﺭﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 29-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﺪﺍ ﮔﺎﻧﺪﻭﻥ ﻗﯘﻳﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﻮﻧﺪﻭﻥ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 30-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺯﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻰ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 31-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﯨﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ، ﺋﻪﺩﯨﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﯗﻟﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﯨﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ، ﺋﻪﺩﯨﻠﯩﻴﻪ، ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺧﯩﺮﺍﺟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 32-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 33-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﯞﻩ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﺮﯨﻴﻮﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﯩﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ، ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﺳﻐﯘﻻﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺩﯨﺰﯨﻨﻔﯩﻜﺴﯩﻴﻠﻪﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ. 34-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ. 35- ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻗﺎﻥ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﯩﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻠﯩﺸﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻗﺎﻥ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﻣﺎﻝ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺷﯜﺭﯛﺷﻰ، ﻛﯩﻠﻨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﻘﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺋﯧﻨﻘﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 36-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯘﻟﯘﻗﻠﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﮬﯚﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ، ﻳﯩﻠﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻠﺸﺘﺸﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﺘﯩﺪﺍ . 37-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ، ﺗﯘﻗﯘﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﮬﯚﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ، ﻳﯩﻠﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﯨﺖ ﻗﯩﻠﺸﺘﺎ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﯨﺖ ﻗﯩﻠﺸﺘﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﯨﺖ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺭﻭﻳﺨﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺳﻪﮬﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺘﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻤﭙﻮﺭﯨﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﺴﻰ، ﺗﯘﻗﯘﻟﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﮬﯚﺟﻪﻳﺮﺳﻰ، ﻳﯩﻠﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭼﯩﮕﯩﺮﯨﺴﻰ ﺳﻪﮬﻴﻪ ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﺮﻳﯘﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﯩﺮﺍﺗﯩﻐﺎ ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﺎﺭﻧﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻤﭙﻮﺭﯨﺖ ﻗﯩﻠﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 38-ﻣﺎﺩﺩﺍ:ﺋﻪﻳﺪﯨﯩﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 1) ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﮕﯩﺮﺍ ﭘﯩﺮﻳﯘﻡ ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﺸﭽﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻠﻤﯩﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ. 2) ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﺵ . 3) ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﺶ . 4) ﺯﯙﺭﯛﺭ ﻣﯘﺩﺍﭘﺌﯩﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ . ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 39-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻰ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﯩﺮﻳﯘﻡ ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﺸﭽﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﯧﻴﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ-ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺩﯨﺮﯨﺴﻰ، ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﯘﻧﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 40-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﭼﯩﮕﯩﺮﺍ ﭘﯩﺮﻳﯘﻡ ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﯘﻧﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﺴﯩﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﻟﯧﻞ ﺋﺴﭙﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺑﯘﻳﯘﻣﻨﻰ ﭘﯩﭽﻪﺗﻠﯩﺴﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﺰﯨﻨﻔﯩﻜﺴﯩﻴﻪﻟﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﻘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻳﯘﻣﻨﻰ ﮔﯧﮕﯩﻨﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯞﯨﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻤﻐﺎﻥ ﺑﻮﻳﯘﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﺰﻧﻔﯩﻜﺴﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻳﯘﻣﻨﯩﯔ ﭘﯩﭽﯩﺘﺘﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ. 4-ﺑﺎﭖ: ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ 41-ﻣﺎﺩﺩﺍ:ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﺎﭘﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﻮﺯ ﻗﯘﻳﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻠﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 42-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﯘﺯ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﺪﺍﺭﻯ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 43-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻻﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ، ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ، ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ، ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﯞﯨﺮﻭﺱ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﺷﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺸﻰ، ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﯘﻗﻠﯩﺸﻰ، ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 44-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 1) ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﺴﺎﺩﻯ ﻗﯩﻴﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮﺵ. 2) ﻳﯧﺰﺍ ﯞﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻘﺘﺴﺎﺩﻯ ﻗﯩﻴﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ، ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ. 3) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻗﯘﻳﯘﺵ. 4) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ، ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ. 45-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ، ﻛﯩﺘﺎﭖ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﮬﻪﻗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 46-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﯩﺪﻩ ﺋﯩﺠﯩﺘﻤﺎﺋﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺗﯘﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 47-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺋﯩﻘﺘﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﻰ ﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺸﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ، ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 5-ﺑﺎﭖ: ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ 48-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﯩﺘﻤﺎﺋﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺋﺎﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺗﻮﺭﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻗﯘﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 49-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗ. ﻣﻪﻣﯩﻠﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ، ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ، ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﺎﺯﺍﺭﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺗﯜﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻣﺎﻟﯩﻴﺴﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻻﻏﻦ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯓ-ﭼﻮﯓ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺭﺍﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. 50-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯧﮭﺘﻴﺎﺟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﺋﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺷﯩﻴﺎﻻﺭﻧﻰ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 51-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯚﻟﻪﺕ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﺗﯜﺯﯛﭖ، ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺸﻐﺎ ﺯﯛﺭﯛﺭ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻳﺎﺭﺩﻣﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﻻﻱ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺟﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﺘﺒﺎﺭ ﺑﯩﺮﯨﻠﺪﯗ. 6-ﺑﺎﭖ: ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ 52-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﭼﺎﺭﻩ ﻛﯜﺭﯛﻟﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﯗ. 53-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻧﯩﻘﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﭼﺎﺭﻩ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ.ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﯗ. 1) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 2) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﯘﻧﯘﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 3) ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﻯ. ﭼﯩﮕﯩﺮﺍ ﭘﯩﺮﻳﯘﻡ ﻛﺎﺭﺍﻧﯩﺖ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍﺭ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. 54-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯖﺌﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻧﯩﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﭼﺎﺭﻩ ﻛﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﯗ. 55-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺳﯜﺭﯛﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻧﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ، ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﺵ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﭼﺎﺭﺳﻰ ﻛﯜﺭﯛﻟﺪﯗ. ﮬﻪﻣﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﯗ. 1) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﺗﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 2) ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻗﯘﻳﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 3) ﺩﻩﻣﺎﻝ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ، ﻛﯩﻠﯩﻨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﻨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻛﯩﻠﯩﻨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ. 4) ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﺰﯨﻨﻔﯩﻜﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 5) ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺳﻪﮬﻴﻪ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 6)ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﮔﻪﻥ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ، ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﯘﺯ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 7) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. 8) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ، ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ. ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﯩﺮﯨﻴﻮ ﻛﺎﺭﺍﻧﯩﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻨﯩﯔ 1-4-5-ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﭽﯩﺴﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. 56-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﯩﯔ 39-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 2-ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺘﯩﺪﻙ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﭖ ﻗﯘﻳﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍﺭ ﺑﯩﺮﯨﻠﺪﯗ. ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﺮﻳﯘﻡ ﻛﺎﺭﺍﻧﯩﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻰ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﯩﯔ 39-ﻣﺎﺩﺩﺳﯩﻨﯩﯔ 2-ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺳﯜﺭﯛﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ. ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻧﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﺎﺯﺍﺱ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﭼﺎﺭﻩ ﻛﯜﺭﯛﻟﺪﯗ. ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. 57-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻗﺎﻥ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ، ﯞﻩﺯﯨﭙﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﺵ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﭼﺎﺭﺳﻰ ﻛﯜﺭﯛﻟﺪﯗ، ﮬﻪﻡ ﻗﺎﻥ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. 1) ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯟﻩﺭﮔﻪﻥ. 2) ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﺘﯩﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺳﺒﻪﺕ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺴﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ. 58-ﻣﺎﺩﺩﺍ : ﺑﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﯩﯔ 36-ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺗﯘﻗﯘﻟﻤﺴﻰ، ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ، ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﮬﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﮔﺎﮬﺎﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ؛ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﺮﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . 59-ﻣﺎﺩﺩﺍ : ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺳﻪﮬﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺴﯩﺰ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ، ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﭘﺮﯨﻴﻮﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﭼﯩﮕﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭼﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯞﯦﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﭘﺮﻳﻮﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﻨﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺯﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﻣﯩﺴﻰ، ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺴﻰ، ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﺗﺎﭘﺎﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﺑﯘﻳﯘﻡ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ 3ﮬﻪﺳﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، 5ﮬﻪﺳﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﯘﻳﯩﺪﯗ؛ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﺎﺭﻩ ﻛﯜﺭﯨﺪﯗ. ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ-ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﻗﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﯨﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. 60-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﻗﺎﻥ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ، ﻗﺎﻥ ﭘﯩﻼﺯﯨﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ-ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﯩﺮﺍﺗﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﯘﻥ، ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. 61-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﺪﺍ ﮔﺎﻧﺪﻭﻥ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﺎﻧﺪﻭﻥ ﺑﯩﺮﯨﺶ، ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺳﯜﺭﯛﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ 500ﻳﯜﻩﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ 5000ﻳﯜﻩﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺑﯘﻟﺪﯗ؛ ﺳﯜﺭﯛﻙ ﺋﯚﺗﺴﯩﻤﯘ ﺗﯜﺯﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ؛ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. 62-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﻕ-ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ؛ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﺪﯗ. 7-ﺑﺎﭖ: ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ 63-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺑﯘ ﻧﯩﺰﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ: ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ- ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﻮﻧﯩﺖ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ( ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ) ﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺷﻤﻪ ﺋﯩﻤﻮﻧﯩﺘﯧﺖ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻣﺪﺍﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ- ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ، ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ-ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﺪﺍ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﭼﯩﻜﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺧﯘﻣﺎﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﯘﻟﯘﺵ، ﺋﯚﻟﯜﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﭖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﭙﻰ- ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ- ﺋﯩﭙﭙﻪﺕ ﻧﯘﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﮬﯩﺸﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ- ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ (ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ) ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯧﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﮬﻪﻣﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ- ﺗﻪﺟﯩﺮﯨﺒﺨﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯘﻗﯘﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﻗﺎﻥ ﮬﺎﺳﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﻭﺳﻰ ﺋﺎﻧﺘﯩﺘﯧﻼﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﯩﻤﻮﻧﯩﺘﯧﺖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﺯﯛﺗﯩﺶ، ﭘﺮﯨﻴﻮﻡ-ﻛﺎﺭﺍﻧﺘﯧﻦ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﺨﺘﻴﺎﺭﻯ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﺵ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺶ، ﻛﯩﻠﯩﻨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﯘﺯ ﻗﯘﻳﯘﺵ، ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ- ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﭼﯧﻜﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻣﯧﺘﺎﺩﻭﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ؛ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﮔﺎﻧﺪﻭﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺩﯨﺌﺎﮔﯩﻨﯘﺯ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ؛ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﯞﺍﻗﻘﺎ ﻳﯘﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﯞﯨﺮﻭﺳﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯜﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ؛ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺨﺘﻴﺎﺭﯨﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﮭﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ؛ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ؛ ﺷﻪﺧﯩﺴﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﮬﻪﻣﺮﺍﮪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﺴﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. 64-ﻣﺎﺩﺩﺍ: ﺑﯘ ﻧﯩﺰﺍﻡ 2006-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﯘﻳﯘﻟﺪﯗ. 1987-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ ﮔﻮﯞﻳﯜﻩﻥ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ. 1988-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﯨﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﻰ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺋﺎﯞﺋﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﻰ ﻛﯜﺯﯛﺗﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯗ.
anayurt torem yollanmisi