ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ
From Wikipedia
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمى يەنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا گىتلىر گىرمانىيىسى تارىپىدىن ياۋرۇپادىن قوغلانغان كۆپ قىسىم يەھۇدىلار ياۋرۇپا خىرىستىيانلىرى ۋە ئامرىكىنىڭ يولىشى بىلەن ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭ غەربى قىسمىدىكى پەلەستىن رايۇنىنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنىنى ئىگەللەپ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى يورۇققلۇققا چىقاردى . ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ ئەرەپ دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە يەھۇدىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئايىغى چىقماس دە - تالاش ۋە جەڭلەر باشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
بىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ يىرىمىدا ئوتتۇرا شەرىق زىمىنىدا ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرىسىدا يۇز بەرگەن كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان 5 قېتىملىق توقۇنۇشقا نەزەر تاشلاپ باقايلى .
1 . بىرىنچى قىتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى -- 1948 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۇنى باشلانغان بولۇپ ، ئىسرائىلىيە بۇ قىتىم پەلەستىن ۋە باشقا ئەرەپ دولەتلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان ، بۇ ئۇرۇش 1949 - يىلى 3 - ئايدا ئاياغلاشقان . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئەرەپ دۆلەتلىرى ئارمىيىسىدىن 15 مىڭ ئادەم ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدىن 6 مىڭ ئادەم ئۆلگەن .
2 . ئىككىنچى قىتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى -- ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە سۇۋەيىش قانىلىنى زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋىلىش نىيىتىدە ئىسرائىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ ئېلىپ بارغان بولۇپ 1956 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۇنى ئىسرائىلىيە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ياردىمىدە كۆپ مىقداردا ئەسكەر چىقىرىپ مىسىر تەۋەلىگىدىكى سۇۋەيىش قانىلىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن . بۇ قىتىمقى ئۇرۇش 6 كۇن داۋاملاشقان بولۇپ مىسىر ئارمىيىسىدىن 1000 كىشى ئۆلگەن ، 20 نەچچە مىڭ كىشى يارىلانغان ، 200نەچچە ئايرۇپىلان چىقىم تاتقان ، 5 چوڭ شەھىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان . ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدىن بولسا 1000 ئەسكەر ئۆلگەن ، ئەنگىلىيە - فىرانسىيە ئارمىيىسىدىن 300-400 چە كىشى ئۆلگەن ، 50 نەچچە ئايرۇپىلان چىقىم بولغان .
3 . ئۇچۇنچى قىتىملىق ئوتتورا - شەرىق ئۇرۇشى -- 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۇنى 7 دىن 45 مىنىۇت ئۆتكەندە ئىسرائىلىيە بارلىق ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سىلىپ مىسىر ، سۇرىيە ، ئىراقتىن ئىبارەت ئۇچ دۆلەتنىڭ بارلىق ھاۋا ئارمىيە بازىلىرغا چاقماق تىزلىگىدە ھۇجۇم قوزغىغان . ھاۋا ھۇجۇمۇ ئاياقلىشىپ يىرىم سائەتتىن كىيىن قۇرۇقلۇق قىسمىمۇ بۇ 3 دۆلەتكە باستۇرۇپ كىرگەن . 10 كۇن داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش مىسىر ، سۇرىيە ، ئېراق قاتارلىق دۆلەتلەر ناھايىتى ئېغىر زىيىنى بىلەن ئاخىرلىشىپ ئۇلاردىن 60 نەچچە مىڭ كىشى ئۆلگەن ، يارىلانغان ۋە ئەسىرگە چۇشكەن . ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدىن بولسا ئاران 983 ئادەم ئۆلگەن .
4 . ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ -- ﻣﯩﺴﯩﺮ ، ﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ 1973 - ﻳﯩﻠﻰ 10 ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6 - ﻛﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﯩﮕﻪ ﮬﻮﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺳﯘﯞﻩﻳﯩﺶ ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯘﭖ ﻗﺎﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ 3000 ﻣﯩﯔ ﻛﯘﺩﯨﺮﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮﻣﯩﺘﯩﺮ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ 1900 ﻛﯘﺩﯨﺮﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ، ﺳﯘﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 440 ﻛﯘﺩﯨﺮﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯩﺮﻣﯩﺘﯩﺮ ﺯﯨﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﻩﺭﮔﻪﻥ . ﺑﯘ ﻗﯩﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 20 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ، 2000 ﻣﯩﯔ ﺗﺎﻧﻜﺎ ، 400 ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ 5000ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﯘﭖ ، 1000ﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﻧﻜﺎ ، 200 ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
5 . ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ -- 1982 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6 - ﻛﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﻮﯕﺴﯘﻟﻰ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ 10 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ، ﮬﺎﯞﺍ ، ﺩﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﻟﯩﯟﺍﻥ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﭺ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯘﻧﻠﯘﻙ ﺟﻪﯕﺪﯨﻼ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻟﯩﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 3000 ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، 100 ﺩﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺗﺎﻧﻜﺎ 500 ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻦ 1000 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ ، 400 ﺗﺎﻧﻜﺎ ، 58 ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
anayurt torem yollanmisi