ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﯰﺭﯗﺷﻰ
From Wikipedia
1912- ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ، 1 - ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﯮﺳﻤﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ 20 - ﯬﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﯬﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻓﯧﯯﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺯﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﯴﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺋﯩﺪﻯ . 1911 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯰﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﯬﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ . 1912 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﯪﻳﺪﺍ ﺳﯧﺮﯞﯦﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺗﯜﺯﺩﻯ . ﯪﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﻧﺘﯧﻨﯧﮕﺮﻭﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻘﺎ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ . 1912 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻣﺎﻛﯩﺪﻭﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺮﺍﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﻧﺘﯧﻨﯧﮕﺮﻭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 19 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﯧﺮﯞﯦﻴﻪ، ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﮔﺮﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﯪﺭﻗﺎ - ﯪﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ . ﯰﺭﯗﺵ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﯴﭺ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﯰﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﯪﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻝ - ﻳﺎﺭﺍﻏﻼﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﯴﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﯰﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﻯ .10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ ﯪﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻛﻮﻧﺴﺘﺎﻧﺘﯩﻨﻮﭘﻮﻝ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺑﺎﺭﺩﻯ . ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ . 12 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ، ﺳﯧﺮﯞﯦﻴﻪ، ﻣﻮﻧﺘﯧﻨﯧﮕﺮﻭ ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﯴﭺ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﻰ ﯲﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ 1913 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﯰﺭﯗﺵ ﯮﺗﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﺪﻯ . ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﯪﻧﯩﻨﺎ، ﯪﺩﺭﯨﯫﻧﻮﭘﻞ ﯞﻩ ﺷﻜﻮﺩﯦﺮﻧﻰ ﻛﻪﻳﻨﻰ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﯪﻟﺪﻯ . ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺳﯜﻟﻬﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ 5 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺸﻰ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﺪﺍ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ .ﯻﻤﺰﺍﻟﯩﺪﻯ . ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﻛﻮﻧﺴﺘﺎﻧﺘﯩﻨﻮﭘﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺮﺍﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﯪﺯﻏﯩﻨﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻫﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﯪﻟﺒﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﯪﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ .
] izdinix hekemi yollanmisi