ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ
From Wikipedia
ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ (1912 - 1989 )
ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯪﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﭘﺮﻭﺯﯨﺴﯩﻐﺎﯪﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ . ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ 1912 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﺩﯗﺭﺑﯩﻠﺠﯩﻦ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﯩﻠﻰ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻏﻮﻟﺠﺎ، ﯴﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻫﻪﻡ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﺰﺍﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﯪﻟﯩﻲ ﺗﻪﺧﻨﯩﻜﻮﻣﺪﺍ ﯮﻗﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯰﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﯪﻛﺘﯩﭗ ﺭﻭﻝ ﯮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ . 1941 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯪﺭﺗﯩﺲ، ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﭽﻰ، ﺭﯨﮋﯨﺴﺴﻮﺭ، ﺩﯨﻜﻮﺭﺍﺗﻮﺭ، ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯴﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﻫﻪﻣﺪﻩ "ﻛﯚﺭﻩﺵ" ، "ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯩﺰﯨﺖ - ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ . 1957 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1963 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﯪﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ 1936 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ . ﯰﻧﯩﯔ "ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﺶ"، "ﻏﯘﻧﭽﻪﻡ" ، "ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ" ، "ﻣﻪﺳﻪﻝ ﯞﻩ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻣﺎﯬﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ .ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﯬﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﺳﺎﻟﻨﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ 1930 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻼ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ "ﺟﺎﻫﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ" ، "ﻏﯘﻧﭽﻪﻡ" ، "ﺗﻮﻱ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺰﯨﭗ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ . ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ 1989 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 24 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﯪﻟﻤﺎﯪﺗﺎﺩﺍ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
izdnix hekemi yollanmisi