ﺯﺍﻛﺎﺕ
From Wikipedia
ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﭘﻪﺭﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯧﻠﯩﻖ - ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﯨﺪﯗﺭ . ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ "ﺯﺍﻛﺎﺕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ "ﭘﺎﻛﻼﺵ" ﻳﻪﻧﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .( ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ "ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ" ﺳﻪﻫﯩﭙﯩﺴﯩﺪﻩ "ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ؟ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﯓ ، ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ ) ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ : ﺋﺎﻟﻼ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺕ . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ "ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ" ﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 2 - ﻳﯩﻠﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 623 - ﻳﯩﻠﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
(1) ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . (2) ﺩﯨﯟﻩﯓ ، ﮔﻮﻣﯘﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . (3) ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ؟ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﺷﺴﺎ ، ﺑﻪﺵ ﻣﯩﺴﻘﺎﻟﻨﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﻛﯜﻣﯜﺵ 14 ﺳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﺷﺴﺎ ﺋﯜﭺ ﻣﯩﺴﻘﺎﻟﻨﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﯞﻩ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ 2.5 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 5 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ 10 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻣﯧﯟﻩ( ﻧﯩﯔ ﻫﻮﺳﯘﻟﻰ) ﻧﻰ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ( ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺷﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ، ﺋﺎﻟﻼ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ( 6 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 142 - ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ ) ﭼﺎﺭﯞﺍ ﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ، ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ، ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻛﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺗﯚﮔﯩﺴﻰ ﺑﻪﺷﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ؛ ﺗﯚﮔﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ 24 ﻛﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻱ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﺗﯚﮔﯩﺴﻰ 25 ﺗﯩﻦ 35 ﻛﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﯚﮔﯩﻨﻰ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﻗﻮﻳﻰ 40 ﻗﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . 40 ﻗﺎ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻱ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 40 ﺗﯩﻦ 120 ﮔﯩﭽﻪ ﻗﻮﻳﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻱ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻛﺎﻟﯩﺴﻰ 30 ﻏﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ؛ ﻛﺎﻟﯩﺴﻰ 30 ﻏﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ؛ ﻛﺎﻟﯩﺴﻰ 30 ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻻ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؛ ﻛﺎﻟﯩﺴﻰ 40 ﻗﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻻ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ : ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ . ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﺭﯞﺍ - ﻣﺎﻝ ، ﺑﺎﻍ - ﯞﺍﺭﺍﻥ ، ﺋﯚﻱ - ﺋﯩﻤﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . "ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ" ﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻛﻰ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ : (1) ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ . ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ . (2) ﮔﺎﺩﺍﻳﻼﺭ .ﻫﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﻼﺟﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ . (3) ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ . ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ . (4) ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻼﺭ . ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ . (5) ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻫﯚﺭﻟﯜﻛﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺭﺑﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﯘﻟﻼﺭ . ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻫﯚﺭﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺭﺑﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻫﯚﺭﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . (6) ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻻﺭ . ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ . ﺑﻪﺗﺨﻪﺟﻠﯩﻚ ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺯﺍﻛﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . (7) ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ . (8) ﺋﺎﻟﻼ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ . ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭ . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ، ﻗﯘﻟﯘﻡ - ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺷﯘﻛﻰ ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯚﺯﮔﻪ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻘﺎ ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﻟﯘﻡ - ﻗﯘﺷﻨﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺯﺍﻛﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ، ﺑﻮﯞﺍ - ﻣﻮﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ، ﺑﺎﻻ - ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﻪﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻡ . ﺋﯘ ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺧﯘﺳﺴﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻪﻩ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ، ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ، ﺧﻪﻳﺮ - ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ . "ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ" ﺩﻩ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ (80 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ )
ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯚﺗﻪﺷﻜﻪ ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﻪﻫﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ( 2 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 83 - ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ )
( ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ! ) ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﻜﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ ( 9 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 103 - ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ )
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ( ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ) ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ) ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ، ( ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ) ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ، ﺋﺎﻟﻼ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ ( 3 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 92 - ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ ) .
ﻣﻪﻧﺒﻪ : "ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻝ - ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺪﯨﻢ . ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ "ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ" ﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﺌﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . (ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ )
ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ ."ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ، ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ : ﻧﺎﻣﺎﺯ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺭﻭﺯﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ، ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ .
ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ، ﻧﺎﻡ - ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺳﺎﯞﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻠﻪﺭ ، ﺑﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﺴﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ . ﺑﯘ ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻓﻔﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻟﻼ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺩﯗﺭ ( 2 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 271 - ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ ) . ﺋﯩﻲ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ! ﭘﯘﻝ - ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ( ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯩﻨﯩﮕﻪ ) ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪﯕﻼﺭﻧﻰ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﯕﻼﺭ ... ( 2 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 264 - ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ ) .
ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﮕﻪﻥ : " ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ، ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ " . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻫﺎﻻﻝ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ! ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ، ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ) ﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ؛ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻣﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﭖ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ ( 2 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 267 - ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ ) . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻟﻢ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : ﺋﺎﻟﻼ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﺍﻱ ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ، ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭘﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻟﻼﻧﻰ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺋﯩﻨﺌﺎﻣﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﺎﺭ : ﺑﯩﺮﻯ ، ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺌﺎﻣﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ، ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﺎﻟﻼ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﻟﻼ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . "ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ" ﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ : ..... ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﯞﺍﺑﺘﯩﻦ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ) . ( 8 - ﺳﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 60 - ﺋﺎﻳﯩﺘﻰ ) ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : ﺋﺎﻟﻼ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼ 700 ﺳﺎﯞﺍﺏ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﻟﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺋﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﺍﻡ ﺋﺎﺭﭘﺎ ﻧﯧﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻏﺮﺍﻡ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ : " ﺋﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ! ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﻮﻱ ﺳﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ . ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ " ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ : " ﻳﺎﻕ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺴﯩﻠﻪﺭ " ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ "ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ" ﺩﻩ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰ ، ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﺟﺎﻥ ﻛﯧﺮﻩﻡ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ " ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻝ - ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . (ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ)