ﺳﯧﺮﯞﺍﻧﺘﯩﺲ
From Wikipedia
ﺳﯧﺮﯞﺍﻧﺘﯩﺲ (Miguel de Cervantes Saavedra, 1547 - 1616)
ﺳﯧﺮﯞﺍﻧﺘﯩﺲ _ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﺭﯦﯫﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ . ﯰ 1547 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯪﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .ﺳﯧﺮﯞﺍﻧﺘﯩﺲ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺧﯘﻣﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯲﺳﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﯬﻣﻤﺎ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﯪﺭﺍﻥ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﯩﻐﺎﻥ . 1569 - ﻳﯩﻠﻰ ﯰ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﯰ ﺷﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﯬﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . 1571 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﺮﯞﺍﻧﺘﯩﺲ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﻨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻓﯩﻠﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﯬﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻓﯩﻠﻮﺗﯩﻐﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻟﯧﭙﺎﻧﺘﻮ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﯰﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﯰﺭﯗﺷﺘﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1575 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﯬﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﯪﻟﺠﯩﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ . 1580 - ﻳﯩﻠﻰ ﯬﺳﯩﺮﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﯬﺳﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . 1584 - ﻳﯩﻠﻰ ﯰﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﯨﺮﺍﻣﯩﺴﻰ "ﻧﯘﺭﻣﯧﻨﺴﯩﻴﺎ" ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1585 - ﻳﯩﻠﻰ ﯰ "ﮔﺎﻟﯧﺘﯩﻴﺎ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﯬﻥ 20 - 30 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺩﺭﺍﻣﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﺳﯧﺮﯞﺍﻧﺘﯩﺲ 50 ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﯪﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﯪﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯬﺳﯩﺮﻯ "ﺩﻭﻧﻜﯩﺨﻮﺕ" ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ 1605 - ﻳﯩﻠﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ 1615 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1613 - ﻳﯩﻠﻰ "ﭘﺎﺳﯩﻘﻼﺭﻏﺎﻟﻪﻧﻪﺕ، ﭘﺎﺯﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ "ﺑﺎﻟﻨﺎﺱ ﺳﺎﻳﺎﻫﯩﺘﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ، "ﻣﺎﻧﺴﯘﯞﺍﮔﯩﺴﻘﺎ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ، "ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﻛﻮﻣﯩﺪﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .
izdnix hekemi yollanmisi