ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ
From Wikipedia
shie mezhipi bilen sünni mezhipi
ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ . ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ :
( 1 ) ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ . ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺋﻪﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ ؛ ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﺕ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .
( 2 ) ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ . ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﯩﮕﻪ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ؛ ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .
( 3 ) << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ >> ﻧﻰ ﭼﯘﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ . ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﻰ << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ >> ﻧﻰ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﭖ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﻯ ، ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻧﺒﯩﮭﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﮭﻮﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻤﯘ ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯗ .
( 4 ) ﮬﻪﺩﯨﺴﻜﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ . ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ؛ ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﻮﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺗﯘﺯﯗﭖ ، ﺋﻮﺯ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ .
( 5 ) ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﺍﮬﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ . ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﺍﮬﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﺍﮬﯩﻲ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺩﺍﮬﯩﻲ ﺗﻮﻏﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﻰ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺋﯘ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ، ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ، ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . << ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ >> ﻧﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﯩﻼ ﺋﯩﮕﻪ ؛ ﺋﻮﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﻪﯕﻪﯘ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .
ﻣﻪﻧﺒﻪ : << ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻝ - ﺟﺎﯞﺍﺑﻼﺭ >> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . ئانايۇرت مۇنبىرى ئۇزنۇر يوللانمىسى