ﺷﯩﻨﭽﯘ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ
From Wikipedia
1901 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﻰ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﯪﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ، ﯪﯞﺳﺘﺮﯨﻴﻪ، ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﻠﮕﯩﻴﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 11 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻫﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ "ﺷﯩﻨﭽﯘ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ" ﻧﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﺪﻯ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ : 1 - ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯰﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ﯴﭼﯜﻥ 450 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻪﺭ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﻰ 39 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ، ﯰﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﺳﯜﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ 980 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻪﺭ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 2 - ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﯕﺠﻴﺎﯞﻣﯧﻦ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ "ﯬﻟﭽﯩﺨﺎﻧﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ" ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘﺟﺎﻳﻨﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﯬﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ . 3 - ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩﺍﮔﯘ ﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﭘﻮﺗﻪﻳﻠﻪﺭ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﻪﻧﺨﻪﻳﮕﯘﻩﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﻣﯜﺭﻳﻮﻝ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯬﺳﻜﻪﺭ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﺸﯩﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 4 - ﻳﯩﺨﯧﺘﯘﻩﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﯬﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﯬﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ "ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ" . 5 - ﺯﻭﯕﻠﻰ ﻳﺎﻣﯘﻟﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯰ ﯪﻟﺘﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯗ . 6 - ﺳﻮﺩﺍ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ.... . "ﺷﯩﻨﭽﯘ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ" ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻓﯧﯯﺩﺍﻟﻠﯩﻖ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻓﯧﯯﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi