ﻓﯘﭼﯩﻚ
From Wikipedia
ﻓﯘﭼﯩﻚ (Julius Fucik . 1903 - 1943)
ﻳﯘﻟﯧﯯﺱ ﻓﯘﭼﯩﻚ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭼﯧﺨﻮﺳﻠﻮﯞﺍﻛﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭﯬﺯﺍﺳﻰ، ﻓﺎﺷﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯪﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ . ﯰ ﭘﯩﺮﺍﮔﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺮﯨﺶ ﺳﺘﺎﻧﻮﻙ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ . 1 - ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﯰ ﺗﯧﺨﻰ 12 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯚﺭﯨﺸﯩﺪﻩ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﯮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ . 1917 - ﻳﯩﻠﻰ ﯲﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺑﯘ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . 14 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻓﯘﭼﯩﻚ ﯲﺯ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ . 18 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﺨﻮﺳﻠﻮﯞﺍﻛﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﯬﺯﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯰﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﺍﮔﺎ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﺪﺍ ﯮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﯰ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﺎﺭﻛﺴﺰﻡ - ﻟﯩﻨﯩﻨﯩﺰﻣﻨﻰ ﻗﯩﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﯴﮔﯩﻨﯩﭗ ، ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1938 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﺨﻮﺳﻠﻮﯞﺍﻛﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﻓﯘﭼﯩﻚ ﻛﯚﺭﻩﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ 1942 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 24 - ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺮﺍﮔﺎﺩﺍ ﻧﯩﻤﯩﺲ ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻦ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ "ﯲﻟﯜﻡ ﯪﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﯩﺮﻯ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯧﺨﻮﺳﻠﻮﯞﺍﻛﯩﻴﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ، ﻫﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ (86 ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ) ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ، ﯪﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi