ﻓﯘﺭﻳﯥ
From Wikipedia
ﻓﯘﺭﻳﯥ (Charles Fourier 1772 - 1837)
1837 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻓﯘﺭﻳﯥ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻓﯘﺭﻳﯥ - ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﻴﺎﻟﯩﻲ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﻣﭽﻰ . ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﯲﺯﻯ ﭘﯩﺮﯨﻜﺎﺯﭼﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰ - ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺷﯘﯪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﯲﺗﺘﻰ . ﯰ - ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﻡ "ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ ﯮﻣﻮﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﯮﻣﻮﻡ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻜﻪ ﯰﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ" ﺗﯜﺯﯛﻡ، ﺑﯘﺭﮊﯗﯪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯗﺭ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ . ﯰ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﯩﺪﻯ . ﯰ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭙﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ . ﯰﻧﯩﯖﺪﺍ ﯬﻗﻠﯩﻲ ﯬﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯬﻣﮕﻪﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﯴﻧﺪﯛﺭﻣﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺋﯩﺪﻯ . ﯰ ﻳﻪﻧﻪ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭ ﯪﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ - ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﯴﺯﯛﻝ - ﻛﯩﺴﯩﻞ ﯪﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺸﺎﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯰ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ ، ﭘﺮﻭﻟﯧﺘﺎﺭﯨﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ ، ﺳﻮﺗﯩﺴﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯬﻣﻪﻟﮕﻪ ﯪﺷﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﯮﻳﻼﻳﺘﺘﻰ .
izdinix tori hekemi yollanmisi