ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ
From Wikipedia
ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ (1922 - 1945 )
[http://www.139.com/UserDir/2005070/eziz1127/2005726152928913.jpg
]
ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ، ﺩﯨﺮﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﻰ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺩﯨﻤﻮﮔﺮﺍﺗﻰ . ﯰ 1922 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻟﻼ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﯲﺭﻛﯩﺸﻰ . ﯬﺭﻛﯩﻠﻪﺗﻤﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻟﯘﺗﯘﻥ . ﯰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﯲﺯ ﯲﻳﯩﺪﻩ ﺳﺎﯞﺍﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻏﻮﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰ ﺑﺎﻻ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻼ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﯭﺕ ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻴﯩﻴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻥ . ﯰ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻴﯩﺘﻠﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻝ - ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ . ﯰ 1938 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻏﻮﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﺱ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1939 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﻨﯩﯔ ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﯰ ﯰﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻔﻪﻧﮕﻪ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﯰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﯞﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﯬﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﯨﻤﯘﮔﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﯩﻴﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﻣﻮﻫﯩﺘﺘﺎ ﯰﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯪﻟﻐﺎﻥ . ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ 1941 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﻧﯩﯔ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﯰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﻧﯩﯔ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﻯ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ "ﯪﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻮﻳﻰ" ، "ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻳﯩﻠﻼﺭ" ، "ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯩﺰﻯ ﺭﻩﻳﻬﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﺕ ﺷﺎﻣﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ" ، "ﻣﺎﻱ. ﻛﯚﺭﻩﺷﭽﺎﻥ ﯪﻱ" ، "ﻫﻪﺳﻪﻥ - ﻫﯜﺳﻪﻥ" ، "ﻣﺎﻱ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ" ، "ﻟﯩﻨﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯴﮔﻪﺗﻜﻪﻥ" ، "ﻳﺎﻧﺎﺭ ﺗﺎﻏﻼﺭ " ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﯰ ﻳﻪﻧﻪ ﯲﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﯪﻛﺘﯘﯪﻝ ﺗﯩﻤﯧﺪﯨﻜﻰ "ﭼﯩﻤﻪﻧﮕﯜﻝ" ، "ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﺰﻯ" ، "ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﯪﻛﺎﯓ ﻗﺎﻳﻨﺎﻳﺪﯗ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﻪﻫﻨﻪ ﯬﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ، "ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ " ، "ﺳﻪﻧﯭﺗﻜﻪ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﯰ ﺑﯘﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ "ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭ ﯪﺷﻘﺎﻧﺪﺍ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ 11 ﺑﺎﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ . 1943 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯪﻟﺪﺍﻧﭽﻰ، ﻫﯩﻠﯩﮕﻪﺭ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯬﭘﺖ - ﺑﻪﺷﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﯪﺷﻜﺎﺭﯨﻼﭖ ﭼﯩﻦ ﺗﻴﻪﻧﭽﻴﯘ، ﻣﺎﯞ ﺯﯦﻤﯩﻦ، ﻟﯩﻦ ﺟﯩﻠﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭﻧﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﯪﺳﺘﯩﻐﺎ ﯪﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ "ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ" ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﯪﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﮔﻪﻳﯚﺗﻜﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ .ﯪﻗﺴﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯰ "ﯪﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﺩﻩ "ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ" ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﯪﭼﯩﺪﯗ . ﯰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ "ﺗﯜﻥ ﻳﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺰﻻﺭ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪﺍ" ، "ﻣﯘﺧﻪﻣﻤﻪﺱ" ، "ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯴﮔﻪﻥ" ، "ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ" ، "ﻛﻪﻝ ﺑﺎﻫﺎﺭ" ، "ﺷﺎﯻﺮ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﯞﻩﺷﺸﻪﻫ" ، "ﺑﺎﻫﺎﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﯞﻩﺷﺸﻪﻫ" ، "ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﯩﻢ" ، "ﺳﺎﺯﻩﻧﺪﻩﻡ" ﯞﻩ "ﺧﯩﻴﺎﻟﭽﺎﻥ ﺗﯩﻠﻪﻙ" ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻟﯩﻖ ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ،ﻟﯩﺮﯨﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﯲﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﯓ - ﺯﺍﺭ، ﺩﻩﺭﺕ - ﯬﻟﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﯬﯲﺱ ﯬﺗﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻥ "ﺗﺎﻫﯩﺮ - ﺯﯙﻫﺮﻩ" ﯮﭘﯩﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ . ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﯲﺯ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﯬﻛﺴﻪﻳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﯬﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﻪﺭﭼﻪ ﯲﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﺮﺍﻣﺎ، ﺭﻭﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯩﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯨﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﯮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﯪﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ "ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯲﺗﻜﯜﺭ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯴﻧﯜﻣﻠﯩﻚ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﻪﻫﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﯪﭼﻘﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ 1921 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﭽﻰ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﯲﺳﯜﭖ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﯲﺯﺑﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﯪﺗﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻣﻮﻟﻼ ﯪﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﯲﺯ ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯬﻣﻪﺕ ﻫﺎﺟﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﯪﭼﻘﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﯮﻗﯘﺩﻯ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ، ﻟﻮﺗﭙﻰ، ﻧﻮﺑﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻚ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺩﻩﺭﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯲﺗﯩﻠﻪﺗﺘﻰ . ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﯴﮔﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﺩﻗﺎ ﯪﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰ 1936 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ . 1938 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺩﺍﺭﯨﻠﺘﺎﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺋﯩﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ ﺑﯘﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﯮﻗﯘﺩﻯ . 1939 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯘﺗﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﭽﯩﻠﻐﺎﻥ 1 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ . ﯮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ "ﺧﻮﺗﻪﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﺩﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ "ﺧﻮﺗﻪﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ ﯞﻩ ﯰﻧﻰ ﮔﯩﺰﯨﺘﺘﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ 1942 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯰﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﯬﻟﻠﯩﻤﯩﻨﺪﻩ، ﻛﯩﻴﻦ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﯮﻗﯘﺩﻯ ﯞﻩ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﯮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ . ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ 1943 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﯪﺧﯩﺮﻯ ﯪﻗﺴﯘ ﻛﻮﻧﺎﺷﻪﻫﻪﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﯰﻻﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻗﻼﺷﺘﻰ . ﯰﻻﺭ 3 ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﺎﻏﻼﭖ ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﭘﻪﻳﺘﺘﻪ، ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﯬﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﯲﻟﺘﯘﺭﯗﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﯲﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1981 - ﻳﯩﻠﻰ "ﺑﯩﻼﻝ ﺋﯧﺰﯨﺰﻯ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi