ﻟﻰ ﺑﻪﻱ
From Wikipedia
ﻟﻰ ﺑﻪﻱ (762 - 701 )
ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﯲﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻟﻰ ﺑﻪﻱ 762 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﯰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺗﻪﻱ ﺑﻪﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ ﭼﯩﯔ ﻟﻪﻥ . ﯪﺗﺎﻳﯘﺭﺗﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﻪﻧﺴﯘ ﯲﻟﻜﯩﺴﻰ ﺗﻴﻪﻧﺸﯜﻱ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻳﯭﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﺳﯘﻳﺎﺏ(ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭ) ﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻟﻰ ﺑﻪﻱ ﯪﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﻟﯘﺟﯘﻧﯩﯔ ﭼﺎﯕﻠﻮﯓ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﯩﭽﯘﻩﻥ ﯲﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯕﻴﯜ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ) ﭼﯩﯖﻠﻪﻥ ﻳﯩﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﯰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻼ ﻛﻮﯕﺰﻯ - ﻣﯩﯖﺰﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﯴﮔﻪﻧﮕﻪﻥ . ﻛﯧﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﯰﻳﻪﻧﻪ ﺧﯘﺑﯩﻲ، ﺧﯘﻧﻪﻥ، ﺟﻴﺎﯕﯘﺳﯘ، ﺷﻪﻧﺪﻭﯓ، ﺳﻪﻧﺸﻰ، ﯬﻧﺨﯘﻱ، ﺟﯧﺠﻴﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﻧﯘﺭ ﻏﯘﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ . ﯰ 40 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻜﻪ ﻛﯧﺮﮔﻪﻥ ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻟﻰ ﻟﻮﯕﺠﻰ (ﺷﯘﻩﻧﺰﻭﯓ ﺧﺎﻥ) ﯰﻧﻰ ﯮﺭﺩﺍ ﻣﯩﺮﺯﺍﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻟﻰ ﺑﻪﻱ ﭼﻮﯓ ﯬﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﭘﯩﺴﻪﻧﺘﯩﮕﻪ ﯪﻟﻤﺎﻱ، ﺧﺎﻥ ﻫﻮﺯﯗﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ) ﻧﯩﯔ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﺘﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﻼ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ . ﯰ ﻟﻮﻳﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺷﯘﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺩﺍﯓ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﯰﻟﯘﻍ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺩﯗﻓﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ، ﯰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯰﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﯰﯕﻠﯜﻕ ﺳﯜﻳﮕﯩﻦ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯰ ﻟﻰ ﻟﯩﻦ (ﻳﯜﮔﯘﺍﯓ) ﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯘﺯﻭﯓ (ﻟﻰ ﺧﯩﯔ) ﺧﺎﻥ، ﻟﻰ ﻟﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﯮﻳﻼﭖ، ﯰﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﻟﻰ ﺑﻪﻱ ﻧﯩﻤﯘ ﮔﯜﻳﺠﯘﻏﺎ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻟﯩﺒﻪﻱ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯬﻧﺨﯜﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﯕﺘﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
izdinix hekemi yollanmisi