ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ
From Wikipedia
ﻗﯧﻨﯩﻖ ﻳﯩﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ، ﺳﯘﺱ ﻳﯩﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯘﻧﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ .
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﯘﺗﯘﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ 6 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﺗﯩﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﺑﺎﺭ ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 200 ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ %19.6 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ . ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ 200 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 45 ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ . ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﺍ 10 ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، 3 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﺎﺭ . ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﻩ 3 ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، 2 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﺎﺭ . ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﻩ 4 ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ 2 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﺎﺭ .
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك 10 كەشپىياتى:
روسسىيدىكى <<ھەقىقەت گىزىتى>>يېقىندا ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئون بۈيۈك كەشپىياتىنى تونۇشتۇردى، بىزمۇ ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە تۇنۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.
1.قەھۋە:
بۇ نەرسىنى ئېفئوپىيىلىك بىر چارۋۇچى بايقىغان، بىر كۈنى ئۇ بېقىۋاتقان قويلار بىر خىل قىزىل يېمەكلىكنى يېگەندىن كېيىن بۈلەكچىلا جاللىنىپ جاللىنىپ كەتكەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزى ئۆچۈن دۇنيادىكى 1-ئىستاكان قەھۋەنى قايناتقان.
2.خەلىقائارالىق شاخمەت:
كىشىلەر ھازىر بېرىلىپ ئويناۋاتقان خەلىقائارالىق شاخمەت پارىسلارنىڭ قولىدا بارلىققا كەلگەن، خەلىقائارالىق شاخمەتتىكى<<پەزىن>>دېگەن سۈز پارىس تېلىدىن كەلگەن.
3.پاراشوت:
ئاكا-ئۇكا رايتلار ئايرۇپىلاننى ئىجاد قىلىشتىن 1000 نەچچە يۈز يىل بۇرۇن،بىر ئەرەپ ياغاچتىن بىر ئۇچقۇنى ياسىغان، كىشىلەر ئۇ ياسىغان ئۇچقۇنى ھازىرقى پاراشۇتنىڭ <<ئەجدادى>> دەپ قارايدۇ.
4.ئەتىر:
ئەرەپلەر تەركىبىدە ھىدروئوكسىد بار ماددىلار بىلەن خۇشپۇراق ماتېرياللرنى قوشۇپ ئەتىر ياسىغان، ئەنگىيىلىكلەر ئۇنى ئەرەپلەردىن 1795-يىلى ئۆگەنگەن.
5.دوبۇلغا:
ئىككى قات پاختا رەخىتنىڭ ئارسىغا قاتتىق نەرسىنى قويۇپ تىكىۋېتىش تىخنىكىسى ئەرەپلەردىن كەلگەن ئەمەس، ھىندىستاندىن كەلگەنمۇ ياكى جۇڭگودىن كەلگەنمۇ، بۇنىڭغا تېخى ھېچكىم يەكۈن چىقارمىدى، ئەمما مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، غەرىپنىڭ<<ئەھلى سەلىپ قوشۇنى>> شەرىققە يۈرۈش قىلغاندا ئاندىن ئەرەپلەردىن دوبۇلغا كىيىشنى ئۆگەنگەن.
6.ئوپىراتسىيە:
بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىۋاتقان ئوپىراتسىيە سايمانلىرى 10-ئەسىردە ياشىغان راھراۋى ئىسىملىك بىر ئەرەپ لايىھىلىگەن ئوپىراتسىيە ئۆسكۈنلىرىگە قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ، ئۇ يەنە بىر ئەرەپ دوختۇر 13- ئەسىردىىلا قان سۇيۇقلىقىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى سۈرەتلىگەندى، بۇ ۋىليام خارۋىي شۇنداق قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن 300 يىل بۇرۇنقى ئىش.
7.<<ئۆچ خىل غىزا رىسالىسى>> :
مىللادىن 9-ئەسىردە بىر ئراقلىق كوردىۋاغا<<ئۆچ خىل غىرا رىسالى>> ئۇقۇمىنى تونۇشتۇرغان، يەنى مىھمانغا ئالدى بىلەن شورپا ئۋلىپ چىقىپ ، ئاندىن بېلىق ۋە گۈش تۈرىنى داستىخانغا قويۇش ، ئاخىردا مېۋە ئەپچىقىش دېگەندەك.
8.چەك ئارقىلىق پۇل تۈلەش:
9- ئەسىردە مۇسۇلمان سودىگەرلەر جۇڭگوغا مال سېتىۋالغىلى كەلگەندە ،مالنىڭ پۇلىنى باغداد سەرەپخانىسىنىڭ چېكى ئارقىلىق تۆلىگەنكەن.
9.تورپىدا:
15-ئەسىردە مۇسۇلمانلار <<سوغا تاشلايدىغان ئامۇت شەكىللىك بومبا>> نى كەشىپ قىلىپ، ئەينى چاغدىكى ياۋرۇپا ئارمىيىسىنىڭ يۈرىكىنى ئالغانكەن.
10.چىغىرىق:
مىللادى 634-يىلى خەلىل ئىسىملىك بىر پارىس چىغىرىقنى كەشىپ قىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى سۇغۇرۇشقا ئىشلەتكەنكەن، ياۋرۇپالىقلار شۇنىڭدىن 500يىل كېيىن شۇنىڭغا ئوخشاش چىغىرىقنى كۆرگەن.
anayurt tori torem yollanmisi