ﻣﻮﻧﺘﺎﻟﻰ
From Wikipedia
ﺋﯧﻮ ﮔﯩﻨﯩﯯ ﻣﻮﻧﺘﺎﻟﻰ (Eugenio Montale,1896 - 1981)
[http://www.newsky.it/poesia/biografie/_foto/montale.jpg ]
1896 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻮ ﮔﯩﻨﯩﯯ ﻣﻮﻧﺘﺎﻟﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ . ﺋﯧﻮ ﮔﯩﻨﯩﯯ ﻣﻮﻧﺘﺎﻟﻰ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﻬﺮﻩﻳﻪﺕ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ، 1975 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ، ﺳﯧﻬﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ 20 - ﯬﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 20 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﻪﺭﺏ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺋﯧﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﯰ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﯩﺰﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﯴﭼﺮﯨﻐﺎﻥ . ﺋﯧﻮ ﮔﯩﻨﯩﯯ ﻣﻮﻧﺘﺎﻟﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻨﻰ، ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯚﻳﻪﺗﺘﻰ . ﯰ ﯬﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻓﻠﻮﺭﯦﻨﺴﯩﻴﻪ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، "ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﻧﯩﯔ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻯ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﯮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯧﻮ ﮔﯩﻨﯩﯯ ﻣﻮﻧﺘﺎﻟﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﯬﮔﺮﻯ - ﺗﻮﻗﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ، ﻣﯘﯓ - ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻫﺎﻳﺎﺕ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯗ . "ﮔﯩﺘﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭﻯ" ﻣﻮﻧﺘﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﯲﺯﮔﯩﭽﻪ ﯬﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﺭﯨﺘﻤﯩﻼﺵ، ﻛﯩﻨﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯰﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻫﺸﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯬﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯗ . ﯰﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ "ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ"، "ﯰﭼﺮﯨﺸﯩﺶ" ، "ﺑﻮﺭﺍﻥ - ﭼﺎﭘﻘﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ" ، "ﺳﺎﺗﯘﺭﺍ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ .
izdinix hekemi yolllanmisi