ﻳﯜ ﺩﺍﻓﯘ
From Wikipedia
ﻳﯜ ﺩﺍﻓﯘ (1896 - 1945 )
[http://202.121.7.7/person/dzzgx/030124yudafu2.jpg ]
ﻳﯜ ﺩﺍﻓﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ . ﺋﯩﺴﻤﻰ ﯞﯦﻦ . ﺩﺍﻓﯘ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ . ﺟﯧﺠﻴﺎﯓ ﯲﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﯘﻳﺎﯓ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ . ﯰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺯﯨﺮﻩﻙ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ . 1913 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﯨﻜﻰ 1 - ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻣﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎﺩﺍ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﭼﻪﺗﯭﻟﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﯬﺩﻩﺑﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻳﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1921 - ﻳﯩﻠﻰ ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ "ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ" ﻣﻪﺟﻤﯘﯬﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ "ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ" ، "ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﮔﯩﺰﯨﺘﻰ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻫﺮﯨﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﯪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1928 - ﻳﯩﻠﻰ ﻟﯘﺷﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ "ﺋﯧﻘﯩﻢ" ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ . 1930 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . 1932 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯪﻕ ﺗﯩﺮﻭﺭﻟﯘﻕ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺧﺎﯕﺠﯘﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯰﺭﯗﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﯪﺗﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯮﻛﻴﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﺳﯩﻨﮕﺎﭘﻮﺭ ﺑﯧﺴﯩﯟﯨﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﻮﻣﺎﺗﺮﺍ ﯪﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ . 1945 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ ، ﻳﺎﭘﻮﻥ ﮊﺍﻧﺪﺍﺭﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ : ﻫﯩﻜﺎﻳﻪ "ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ" ، "ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺷﺎﻣﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﯪﺧﺸﺎﻡ" ، "ﯪﺩﺩﯨﻲ ﻣﺎﺗﻪﻡ" ، "ﯰ ﺑﯩﺮ ﯪﺟﯩﺰ ﻗﯩﺰ" ، "ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﺶ" ، "ﯰﺯﯗﻥ ﻛﯩﭽﻪ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ، ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ : "ﺩﺍﻓﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ" ، "ﺩﺍﻓﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi