ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ
From Wikipedia
ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯧﯟﯦﻠﻪﺭ: ﺑﯧﻴﻪ ، ﺑﯚﻟﺠﯜﺭﮔﻪﻥ ، ﺋﺎﭘﯧﻠﺴﯩﻦ ، ﺋﺎﻛﺘﯩﺪﯨﻨﯩﻴﻪ (ﻣﺎﻳﻤﯘﻥ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻰ) ، ﺋﻪﻧﺒﻪﮬ (ﻣﺎﻧﮕﻮ) ، ﺋﯚﺭﯛﻙ ، ﺋﻪﺑﻨﯘﺱ ﯞﻩ ﺗﺎﯞﯗﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ: ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻴﺎﯕﻴﯘ-ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺑﺎﺭ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ﺭﺍﻛﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﺎﮬﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺳﻪﺭﻩﺑﯩﻞ (ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﮕﯜﻝ) ، ﻛﺎﭘﯘﺳﺘﺎ ( ﻛﺎﻟﻠﻪﻙ ﺑﻪﺳﻪﻱ) ، ﮔﯜﻝ ﻛﺎﭘﯘﺳﺘﺎ (ﮔﯜﻟﻜﻪﺭﻩﻡ) ، ﻛﻪﺭﻩﭘﺸﻪ ، ﭘﯧﺪﯨﮕﻪﻥ ، ﻗﯩﺰﯨﻠﭽﺎ ، ﺳﻪﯞﺯﻩ ، ﭼﯘﭘﯘﺭﺷﺎﯓ ، ﭼﻪﻟﻪﯕﺴﻪﻱ ، ﻳﯩﯖﻨﻪ ﻣﻮﮔﻮ (ﺟﯩﻦ ﺟﯧﻨﮕﯘ) ، ﻗﯩﭽﺎ (ﭼﺎﻣﻐﯘﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻘﯩﭽﺎ) ، ﻳﯧﺴﯩﯟﯦﻠﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﯚﺵ: ﻏﺎﺯ ، ﺋﯚﺭﺩﻩﻙ ﮔﯚﺷﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﻰ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ : ﭘﺎﻟﻪﻙ ، ﻛﯜﺩﻩ ، ﻛﺎﯞﺍ ، ﻏﻮﻝ ﭘﯩﻴﺎﺯ ، ﻛﻮﻛﯘﺱ ، ﻣﯘﭺ ، ﻛﯚﻙ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ، ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ، ﺳﻪﯞﺯﻩ ، ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﻳﯧﺴﯩﯟﯨﻠﻪﻙ ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻧﻮﺗﯩﺴﻰ ، ﻛﻪﺭﻩﭘﺸﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ؛ ﻳﺎﯕﺎﻕ ، ﺧﺎﺳﯩﯔ ، ﺑﺎﺩﺍﻡ ، ﻣﯘﻗﺎﺗﯩﻞ (ﻳﺎﯞﮔﻮ) ، ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻱ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ، ﺋﯚﻳﯜﻙ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ، ﺳﻮﻳﺎ (ﺩﺍﺩﯗﺭ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﻮﺳﺘﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺷﯘﻧﻪﯕﺪﻩﻙ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﻮﺭﭘﺎ: ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﻰ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯧﻜﯩﻴﺎﻥ ﮔﯚﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﺯﯗﻛﺎﻡ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ، ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﭽﯩﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﯧﻴﻰ: ﻗﻮﻧﺎﻕ ﻣﯧﻴﻰ ، ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺷﺎﻛﯩﻠﻰ ﻣﯧﻴﻰ ، ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ ﻣﯧﻴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﯧﻴﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ 1:0.5 ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﻮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
anayurt sebiyurek yollanmisi