ﻻﯞﺭﯦﻨﺲ
From Wikipedia
ﻻﯞﺭﯦﻨﺲ (David Herbert Lawrence1885 - 1930)
ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﻩ، 1 - ﺩﯗﻧﻴﺎﯰﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﯪﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭗ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﭘﻪﺳﻪﻝ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ، ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻰ ﺑﺎﺭ . ﯰ ﺩﺍﯞﯨﺪ ﻫﯧﺮﺑﯩﺮﺕ ﻻﯞﺭﯦﻨﺲ . ﻻﯞﺭﯦﻨﺲ 1885 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﯰ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻘﺎ ﺷﺎﮔﯩﺮﺕ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯬﺳﯟﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ "ﯪﻟﯩﻲ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ" ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﻻﻗﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ - ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﻪﯓ، ﻣﻮﻝ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﯰ ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﯰﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﯬﻣﮕﻪﻛﭽﻰ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﯲﺗﻜﯜﺭ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ، ﺭﻩﻫﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ "ﯮﻏﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﯘﻗﻪ"، "ﻫﻪﺳﻪﻥ - ﻫﯜﺳﻪﻥ" ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯪﻳﺎﻝ" ، "ﻛﯩﻴﺎﺗﯩﻞ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﯪﺷﯩﻘﻰ" .... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi