"18 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ" ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ
From Wikipedia
"18 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ" ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ
ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﯰﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﯚﺯﺗﯩﻜﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . 1927 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺗﻴﻪﻧﺠﻮﯓ ﻳﯩﻴﻰ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺷﻪﺭﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ"ﺩﺍ "ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ" ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﻓﺎﯕﺠﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻳﺎﻣﺮﯨﺪﻯ . 1931 - ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﯬﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻠﯩﻖ ﯰﺭﯗﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘﺭﺍﺵ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻲ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻻﻥ - ﺗﺎﺭﺍﺝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﯰ ﭼﺎﻏﺪﺍ،ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻣﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ ﺗﯜﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻟﻴﯘﺗﻴﺎﯞﺧﯘ ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﯟﯨﺘﯩﭗ، ﯰ ﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺯﯨﯟﻩﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺷﯩﻨﻴﺎﯕﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ، "18 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ" ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺟﻴﺎﯓ ﺟﯩﺸﻰ ﺟﺎﯓ ﺷﯚﻟﯩﻴﺎﯕﻐﺎ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺗﯩﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ : "ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﻴﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﻗﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯴﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﻪﺭﺳﯩﺰ" ﺩﯨﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ 200 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺟﻴﺎﯓ ﺟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯰﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻼ ﭼﯩﻜﯩﻨﺪﻯ . ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ 3 ﯲﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﯪﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﻓﯘﻳﯩﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﻗﻮﺭﭼﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ، ﻗﻮﺭﭼﺎﻕ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺘﯩﻜﻰ 3 ﯲﻟﻜﯩﺴﻰ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ .
izdinix munbiri hekemi yollanmisi