A.ötkür
From Wikipedia
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
كۈچلۇك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان<<ئىز>>نى ئېلان قىلغاندىن كپيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىداكۈچلۇك تەسىر قوزغاپ، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى- ئاخىر<<قەشقەركېچىسى>>،<<ئىز>>، <<ئۆمۈ ر مەنزىللىرى>>، <<ئويغانغان زىمىن>> قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە <<شېئىر ۋە شائىر>>،<<تۇرپان تەسىراتلىرى>> ،<<قەشقەر كېچىسى>>،<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>> قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغاتەرجىمە قىلىنىپ <<شېئېرىيەت>>، <<مىللەتلەرئەدەبىياتى>>، <<غەربىي دىيار ئەدەبىياتى>>قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.
1982-يىلى1-ئايدا <<خەلق گېزىتى>> دە ۋە <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ2- سانىدا<<قەشقەركېچىسى>>ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر<<ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈ لزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈ ل>>دەپ مەدھىلەندى.بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى1985-يىلى ياپونىيدە نەشىر قىلىنغان<<جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى>>نىڭ2-توپلىمىغاكىرگۈزۈ لگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىغان ، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كىلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرپھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدەدۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كپچىكلا ئايرىلىپ، يپتىم قالغان. دادىسى تىلەش بىگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرپھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بپرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى.
ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگە بولغاچقا، ئابدۇرپھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت ساۋادىنى چىقارغاندىن كپيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن.دىنىي مەكتەپتە دەرىسلىك قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە<<سوپى ئاللا يار>>دىگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈ چۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇكىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان.
1934 - يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان.ۋە1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پىداگوگىكا فاكولتپتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرپھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۇەن ئەپەندى ۋە سوۋپت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان.
ئۇ بۇ مەزگىلدە<<گاڭ قانات لاچىن>>،<<دولقۇنلۇق ھايات>>، <<يپڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا>>،<<تامچە قاندىن مىليۇن چېچەكلەر>>، <<چىن مودەن>> (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە درامىلارنى <<شىنجاڭ گېزىتى>>، <<يېڭى نۇر>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.
1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شېڭ شىسەي<<تەرەققىپەرۋەر>> لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چېن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى .ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946 -يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <<يۈرەك مۇڭلىرى>> تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كپيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خپلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋەئەدەبىياتنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لپكىن شۇ چاغلاردا ئۇ <<سول>> لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.
پەقەت پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىنلا، شائىر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەتكە كىرىشتى . ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە <<ياخشى >>، <<كېرەك بولسا>>، <<ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس>>، <<بوغدا ئانام>>،<<مەن ئاق بايراق ئەمەس>>،<<قەشقەر كېچىسى>>، <<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>، <<گۈ ل ۋە ئازغان>> قاتارلىق شېئېر، داستان ۋە باللادىلارنى،<<ئىز>>، <<ئويغانغان زېمىن>> رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر1995-يىلى10-ئاينىڭ 5-كۈنى كىسەل سەۋەبى بىلەن بىزبىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.