Abduqadir damollam
From Wikipedia
ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﯦﻤﯘﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯓ - ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﺯﺑﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ " ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺑﯧﻜﯩﻚ ﻣﺎﻛﺎﻥ " ﺩﺍ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ( 1862~1924 ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ( ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ) ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1274- ﻳﯩﻠﻰ ( 1862) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻣﻪﺷﮭﻪﺩ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﻯ . ﺋﯘ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻛﯚﻛﯜﻟﺘﺎﺵ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﻯ . ﮬﯩﺠﺎﺯ ، ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ، ﺋﻮﻓﺎ ، ﻗﺎﺯﺍﻥ ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، 1920- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ 58 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﻣﯩﺴﯩﺮ ، ﻗﺎﺯﺍﻥ ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﯞﻩ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺷﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺑﻮﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺟﻪﺩﯨﺪﯨﺰﯨﻢ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ " ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻚ " ﻛﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ - ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﯦﻠﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭ - ﻧﺎﮬﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ، ﻳﯧﺰﺍ - ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ، ﻳﯧﺘﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻧﺎﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ، ﮬﺎﻣﻤﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﻟﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﻳﺪﻩﻙ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯘﺭﮊﯗﺋﺎﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﻠﯩﺰ ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ، ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺘﺎﺭﺗﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ - ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ . ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﭗ ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺋﯘ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ " ﺳﻪﺭﻑ - ﻧﻪﮬﯟﯨﻲ " ( ﻣﻮﺭﻓﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﯩﻨﺘﺎﻛﺴﯩﺲ ) ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ " ﺋﯩﻠﻤﻰ ﮬﯩﺴﺎﺏ " ( ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ) ، " ﻣﯩﻔﺘﺎﮬﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺏ " ( ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ) ، " ﺗﻪﺋﻠﯩﻴﻤﯘﺱ ﺳﯩﺒﻴﺎﻥ " ( ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ، " ﺑﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﺱ ﺳﻪﺭﻑ " ، " ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﻥ ﻧﻪﮬﯟﯨﻲ " ، " ﺷﻪﺭﮬ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ " ، " ﺟﻪﯞﺍﮬﯩﺮﯗﻝ ﮬﯩﻘﺎﻥ " ، " ﺋﻪﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﻩﺭﯗﺭﯨﻴﻪ " ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ " ﺟﻪﯞﺍﮬﯩﺮﯗﻝ ﮬﯩﻘﺎﻥ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺋﻪﺯﮬﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ، " ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ " ، " ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ " ، " ﺋﯩﺮﺷﺎﺩﯗﻝ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ " ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺯﯨﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ، ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ - ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺋﯘ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﯓ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ، ﺑﺎﺳﻤﺎ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ . ﺋﯘ " ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﻪ " ، " ﻧﻪﺳﺎﻳﯩﮭﯘﻝ ﺋﻪﺗﻔﺎﻝ " ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﯘ " ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﺷﺎﺭﺍﺑﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ "، " ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﺒﺎﮬ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯗﺭ . ﻏﻪﻓﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ . ﺳﻪﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯗﺭ . ﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﯩﻜﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ " ، " ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ . ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﺰﺩﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻕ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﯞﻩ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﺘﯘﺭ " ﺩﻩﭖ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
izdinix munbiri afiyfiy yollanmisi