Alip er tonga
From Wikipedia
ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭﺗﯘﯕﺎ (ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ) ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ:bayawan
ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻘﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺍﻧﯩﻼﺭ ، ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭﺗﯘﯕﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘ ﺩﯗﻟﻪﺕ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﯩﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﻫﯘﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ . ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ (ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭﺗﯘﯕﺎ )ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺋﯘﺭﻥ ﺋﺎﺗﻪﺷﭙﻪﺭﻩﺳﻠﻪﺭ - ﺯﺍﺭﯗﺩﯨﺸﺘﻠﻪﺭ (ﺋﻮﺗﭙﻪﺭﻩﺳﻠﻪﺭ) ﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ""ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﺎ""ﺩﺍ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭘﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﺎﺭﺱ ﺷﺎﻫﻰ ﺋﯘﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ ﻓﯩﺮﺩﻩﯞﺳﻰ ، ﻏﻪﺯﻧﻪﯞﯨﻠﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻏﻪﺯﻧﻪﯞﻯ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 997-1030-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ) ﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ""ﺷﺎﻫﻨﺎﻣﻪ""ﺩﻩ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺷﺎﻫﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯘﭖ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻨﯩﯔ""ﺗﯘﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ"" ﺩﺍ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭﺗﯘﯕﺎ (ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ) ﻫﺎﯞﺍﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﺩﯗﻛﻪﻧﺖ (ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ) ﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ . ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﭘﺎﺭﺱ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﺴﻰ (ﺋﻪﻫﻤﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ )ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﻪﻫﻤﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ(ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 700-330ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻫﯘﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ ) ﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﻛﻪﻱ ﺧﯩﺴﺮﺍﯞ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 558-529ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻫﯘﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ )ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﻪﻫﻤﺎﻧﯩﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﻏﺎﻥ . ﺑﯘ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺳﯩﺰﺍ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﺎﺭﺗﯘﯕﺎ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺷﺎﻫﻰ ﻛﻪﻱ ﺧﯩﺴﺮﺍﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﺪﻩ (ﺟﻪﯓ ﺋﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ) ﻣﯘﻛﯘﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻗﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻫﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﺮﯨﻤﯩﺰ ، ﺋﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭﺗﯘﯕﺎ (ﺋﺎﭘﺮﺍﺳﯩﻴﺎﭖ) ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻣﯩﮕﻪ ﺑﯧﺌﯩﻐﯩﺸﻼﭖ ﻣﯘﻧﯘ ﻗﯘﺷﺎﻗﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎﻥ .
ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭﺗﯘﯕﺎ ﺋﯚﻟﺪﯨﻤﯘ ، ﻳﯘﺯﺳﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ . (ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ). ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺋﯘﭼﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯘﺭ.
ﺋﻪﻝ ﺑﯘﺭﯨﺪﻩﻙ ﻫﯘﯞﻻﺷﺘﻰ ، ﺗﯩﺮﺗﯩﭗ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯩﻐﻼﺷﺘﻰ . ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺩﺍﺗﻼﺷﺘﻰ ، ﻛﯘﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯘﺭ......