Aptomobil
From Wikipedia
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﺪﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ-ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﯜﭼﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺷﯩﯖﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻐﺎ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ،ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ، ﺑﻪﺯﻩﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯗﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﺪﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ 1886-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺠﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ. ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ، ﺳﺎﻟﯧﺮﻛﺎ ﮔﺎﺯ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﻮﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻙ ﯞﻩ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﺪﺍ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﺎﺗﯘﺭ، ﭼﺎﻕ ﯞﻩ ﺭﺍﻡ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﺑﯚﻟﺴﻪﻙ: ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﮔﺎﺯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﯞﻩ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻕ ﺋﻮﻗﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﻮﻙ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ، ﻛﻮﻣﭙﯩﺘﯧﺮ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﮬﺎﯞﺍ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺗﻮﺭﻣﯘﺯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺭﻭﻝ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﭼﺎﻕ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻤﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺭﯨﻤﻮﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﺗﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯚﺗﻪﻱ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻨﻰ ﺗﻮﻟﻐﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﻮﺭﻭ ﻣﺎﺗﯘﺭ (stater ) ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻛﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﻮﺭﻭ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻕ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﻠﯩﺘﻠﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻗﻨﯩﯔ ﺟﻪﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯘﻻﻧﻤﺎ ﺩﻩﺳﺘﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﻮﺭﺷﯘﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻮﺷﯘﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯘ ﮔﺎﺯ ﺳﯚﺭﻩﺵ ﺗﺎﻛﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﺎﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻼﭘﺎﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ (ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﻴﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ) ﮬﺎﯞﺍ ﺑﯘ ﻛﯩﻼﭘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭘﯜﺭﻛﯜﺵ ﺋﺎﻏﺰﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻮﺭﺷﯘﻥ ﺋﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﺗﺎﻛﯩﺘﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ، ﺑﯘ ﺗﺎﻛﯩﺘﺘﺎ ﮬﺎﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻛﯩﻼﭘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﭙﯩﻘﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎﺯﻧﻰ ﺋﻮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ( spark plug ) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ، ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﺎﺯ ﭘﺎﺭﺗﻼﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺗﻼﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯜﭺ ﭘﻮﺭﺷﯘﻧﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﺎﻛﯩﺘﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻮﺭﺷﯘﻥ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﺎﺯﻧﻰ ، ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻼﭘﺎﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﻛﯩﺘﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﻣﺎﺗﯘﺭ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﻛﯩﺘﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯖﻦ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮﻭ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ. ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﯞﻩ ﺧﻮﺕ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﻘﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.
Contents |
[Uzgartish] ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﯞﻩ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺑﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﻛﻰ ﺩﯨﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻕ ﺋﻮﻗﻰ ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯩﻞ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﺳﻤﯩﺴﻰ(timing belt ) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﺳﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻕ ﺋﻮﻗﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﻼﻓﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﮔﺎﺯ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻳﯧﻨﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﻗﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻳﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﺳﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﺳﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﺳﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ 100-120 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯧﺮ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﺎﺳﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ، ﺑﯘ ﺗﺎﺳﻤﺎ ﺋﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ، ﭘﯘﺭﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﻼﻓﺎﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ ﻳﯧﻨﯥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯩﻼﻓﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﻏﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﻼﻓﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺰﺯﯨﭗ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﻣﯧﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﺎﻗﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺶ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯩﻼﻓﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﻗﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﻮﻟﻤﺎﻝ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ، ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﺪﺍ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﮔﺎﺯ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻻﺵ، ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ، ﻣﺎﺗﯘﺭﺩﺍ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺕ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﺎﺗﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﺎﻱ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﺎﺗﯩﻚ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﺎﺗﯩﻚ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯘﭼﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﯕﺸﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﻼﻓﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﻰ، ﮔﺎﺯ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﻰ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻛﯩﻼﻓﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮔﺎﺯ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻼﻓﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
[Uzgartish] ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ: ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﺎﻛﻰ ( tank ) ، ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻧﺎﺳﯘﺳﻰ( pump )، ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭺ ، ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺳﯜﺯﮔﯜﭺ، ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ، ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭘﯜﺭﻛﯜﮔﯜﭺ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻧﺎﺳﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻧﺎﺳﯘﺳﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﺎﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭘﯜﺭﻛﯜﮔﯜﭼﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻠﻰ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯧﺮ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﻴﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﯩﺘﯩﺪﻯ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺳﺎﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺳﯜﺯﮔﯜﭺ ﺑﺎﻛﺘﯩﻦ ﻧﺎﺳﯘﺱ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﯕﻐﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﻰ ﺳﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﻧﺎﺳﯘﺳﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﻰ ﺑﻪﮔﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻤﺪﺍ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭘﯜﻛﯜﮔﯜﭼﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯧﻚ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﻰ ﺑﺎﻛﻘﺎ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭘﯜﺭﻛﯜﮔﯜﭺ ﺗﻮﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻕ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯜﺯﮔﯜﭺ (sensor ) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﺲ ﺗﺎﻛﯩﺘﯩﺪﺍ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﭘﯜﺭﻛﯜﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯜﺯﮔﯜﭺ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻨﻰ ﻧﯘﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﮔﻨﯩﺖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯧﺮ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻩﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻕ ﺋﻮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯘﻟﯩﯖﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯧﺮ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﭘﯜﺭﻛﯜﮔﯜﭼﻨﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻧﺎﺳﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯧﺮ ﻣﺎﺗﯘﺭﻯ ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﺳﯘﺳﺘﯩﻦ ﻣﺎﻱ ﻗﺎﭼﺴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﺳﯘﺳﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭘﯜﺭﻛﯜﮔﯜﭼﻨﯩﯔ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯜﺭﻛﯜﮔﯜﭼﺘﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﻪﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﺯﮔﯜﭺ ﺗﻮﺳﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﺘﺎ ، ﺑﯧﺴﯩﻢ ﭘﯜﺭﻛﯜﮔﯜﭼﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ، ﺗﻮﻙ ﯞﻩ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
[Uzgartish] ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯘﺭﻯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻚ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﭖ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻣﺎﺗﯘﺭ ﻣﯧﻴﻰ، ﺧﻮﺕ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﯜﭼﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﻰ، ﺭﻩﺕ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯩﻠﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﻰ (grease ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﮕﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﻻﮬﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﺎﻟﻘﺎ ﺷﯘﻛﻰ، ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎﻱ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ 5000-8000 km ﻳﺎﻛﻰ 3 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 6 ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺧﻮﺕ ﻳﯚﺗﻜﯜﮔﯜﭼﻰ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ 50 ﻣﯩﯔ( km (50،000 ﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ-ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻘﯩﺶ، ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺩﻩﺳﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯗﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﺭﺷﯘﻥ ﺋﻮﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺩﻩﺳﺘﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻥ(bearing ) ﺋﯘﭘﺮﺍﺵ، pcv ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﭘﯘﺭﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﭘﺮﺍﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻘﯩﺶ ﯞﻩ pcv ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺭﯨﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﺭﯨﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﯩﻘﻼﺵ ﻣﯧﻴﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﺎﻟﻘﺎ.
[Uzgartish] ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻞ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺰﺯﯨﻴﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﮬﺎﺭﺍﺭﻩﺗﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﺪﺍ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﯘﺭ، ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭺ، ﺋﯧﺸﯩﻨﺪﻯ ﺳﯘ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭺ، ﺳﯘ ﭘﻮﻣﭙﯩﺴﻰ، ﺳﯘ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺍ ﺳﻪﺯﮔﯜﭼﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ،ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﭘﭽﻮﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﺗﯘﺭ ﻗﯩﺰﺯﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﻪﯜﭺ ﻗﯩﺰﺯﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﯘ ﭘﻮﻣﭙﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﭖ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻣﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ. ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻤﯩﺴﻪ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﺳﻪﺯﮔﯜﭼﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺍ ﺳﺎﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﻐﯘﺯﯨﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﯧﭙﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭺ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺳﯘ ﭘﻮﻣﭙﯩﺴﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﺎﺑﯘﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯧﺸﯩﻨﺪﻯ ﺳﯘ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭺ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺰﺯﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﯘﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﺎﺗﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺳﯘ ﺋﯧﺸﯩﻨﺪﻯ ﺳﯘ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭼﻘﺎ ﻛﯧﺮﯨﺪﯗ، ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﺸﯩﻨﺪﻯ ﺳﯘ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻐﯘﭼﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻐﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻠﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻏﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 50 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻏﯩﻨﻰ 150 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، %60 ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻘﺎ %40 ﺳﯘ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﻮﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺳﯘ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﻪﻙ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯧﻘﯩﺶ، ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯘ ﺋﯧﻘﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺳﯘ ﭘﻮﻣﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯘ ﭘﻮﻣﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘ ﺗﯘﺭﺑﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺳﯘ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺳﯘ ﺭﯨﺰﯨﻨﻜﺎ ﺗﯘﺭﺑﯘﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﯘﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﺎﺗﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﺳﯘ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺭﯨﺰﯨﻨﻜﻪ ﺗﯘﺭﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﺸﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﯘﺭ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺳﯘ ﺗﯧﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ، ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﺗﻪﯕﺸﯘﮔﯜﭼﺘﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
[Uzgartish] ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﺴﯧﺘﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﮔﻪﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻰ، ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﯘﺭﺑﯘﺳﻰ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﻪﻙ ﺭﯨﺌﻪﻛﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯜﭺ( catalytic convertor )، ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﺳﻪﺯﮔﯜﭼﻰ( oxygen sensor )، ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﻜﯜﭺ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻰ ﭘﻮﺭﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﻛﯩﺘﯩﺪﺍ ، ﭘﻮﺭﺷﯘﻥ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻼﻓﺎﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﯨﺌﻪﻛﺴﯩﻴﻪﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﺎﺗﯘﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ HC,Nx,CO ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﺳﯘ، ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ، ﻧﯩﺘﺮﻭﮔﯩﻦ ﯞﻩ ﻏﺎﺭﺑﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﯘﺭﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ. ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﻪﯨﻦ ﺳﻪﺷﮕﯜﭼﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ، ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﺎﺯ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﻪﻥ ﺳﻪﺯﮔﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺳﻪﺯﮔﯜﭺ ﻛﻮﻣﭙﯩﺘﯧﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯘﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ-ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻳﯧﻨﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﻜﯜﭼﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ، ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮔﺎﺯ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺭﺍﮬﻪﺗﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﻜﯜﭺ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﺩﺍ ﮔﺎﺯﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ (EGR ) ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺶ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ Nx ﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯘﺭﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺶ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﺎﺯﻧﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﺋﺎﺯ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮔﺎﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﮔﺎﺯ ﻗﯧﭽﯩﺶ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺗﺘﺎﯨﻖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﮔﺎﺯ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﺑﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﭘﺎﻳﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﯨﻤﯘﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﺎﺯ ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﻯ ﺋﻜﻠﭽﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﮔﺎﺯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ( emission test )ﺋﻜﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ. ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﺳﻪﺯﮔﯜﭼﻰ ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﯨﺌﻪﻛﺴﯩﻴﻪﻟﯩﮕﯜﭺ ﯞﻩ ﮔﺎﺯﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
[Uzgartish] ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯘﻟﯘﭘﻰ، ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﻴﺎﺗﯘﺭ (battery ) ، ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮ ، ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﻰ، ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﻰ، ﺗﻮﻙ ﺗﻪﺧﺴﯩﻤﻠﯩﮕﯜﭺ، ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺗﻮﻙ ﺳﯩﻤﻰ، ﺋﻮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯜﭺ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﯧﮕﻨﺎﻝ ﺳﻪﺯﮔﯜﭺ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﺍﻣﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﭼﻘﯩﭽﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﻐﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯘﻟﯘﭘﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﻮﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ 12 ﯞﻭﻟﺘﻠﯩﻖ ﺗﻮﻛﻨﻰ ﺋﯘﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯘﻻﻧﻐﺎﻥ ﺗﻮﻙ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﮔﻨﯩﺖ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﮬﻪﺭﻛﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﮕﯩﺸﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﯩﻨﻰ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﻳﺪﯗ، ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯘﻗﺮﻯ ﺗﻮﻙ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﻮﻙ ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﻟﯘﻧﯘﭖ ، ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﻗﻰ ﭼﺎﻕ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﯧﮕﻨﺎﻝ ﺳﻪﺯﮔﯜﭺ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﺗﺎﻛﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﮬﻪﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻨﻰ ﺗﻮﻙ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﯜﭼﻜﻪ ()distributor ) ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﺍﻣﯩﺪﺍ 20ﻣﯩﯔ ﯞﻭﻟﺘﻠﯘﻕ ﺗﻮﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻮﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﻮﻙ ﺗﻪﺧﺴﯩﻤﻠﯩﮕﯜﭺ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻠﯩﺶ ﺗﺎﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﺷﯘ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮﻧﻰ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺋﻮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ: ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺗﻮﻙ ﻛﯘﭺ ﺗﯩﮕﯩﺸﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ، ﺳﺘﺎﺭﺗﯧﺮ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﻰ ﺋﯘﭘﺮﺍﺵ، ﺋﻪﮔﻰ ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﭼﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﯩﻖ ﺋﯘﭘﺮﺍﺵ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯩﻢ ﺋﻮﺭﺍﻣﻰ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺗﻮﻙ ﺗﻪﺧﺴﯩﻤﻠﯩﮕﯜﭺ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺵ، ﺋﺎﻛﯘﻣﯩﻠﻴﺎﺗﯩﺮﺩﺍ ﺗﻮﻙ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯗﺭ. ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﺗﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﺎﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﻖ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﺮﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
[Uzgartish] ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﻮﻙ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺋﺎﭘﺘﯘﻣﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﻮﻙ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﺎﺗﯘﺭﻯ ( generator )، ﺗﻮﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ، ﺗﻮﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭ ، ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺗﺎﺳﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﻰ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﺎﺗﯘﺭﻯ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﻮﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭺ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯜﺗﯜ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ﺋﻪﺳﯟﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭﻏﺎ ﺑﯖﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﻮﻙ ﻗﺎﭼﯩﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻮﻛﻠﯘﻕ ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﺎﺗﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﻣﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺟﻤﻰ ﭼﻮﯓ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺗﻮﻛﻠﯘﭺ ﺗﻮﻙ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﺎﺗﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺗﻮﻛﻨﻰ ﺗﻮﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻮﻛﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ: ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺗﺎﺳﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭘﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ، ﺗﻮﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﺎﺗﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺗﻮﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﯜﺷﻰ(ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﭺ ﻗﯘﺗﯘﭘﻠﯘﭺ ﻻﻣﭙﺎ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ)، ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻙ ﻗﯧﭽﯩﺶ، ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭ ﻛﻮﻧﯩﺮﺍﭖ ﺗﻮﻙ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ 12.5 ﯞﻭﻟﺖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﺎﺗﯘﺭ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻙ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ 13.5-14 ﯞﻭﻟﺖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻙ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻣﺎﺗﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻪﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ.
anayurt munbiri aybike yollanmisi