Bide köki
From Wikipedia
بىدە كۆكى تەركىبىدە كالتىسىي، فوسفور قاتارلىق مىنىرال ماددىلار ۋە ھەر خىل ۋىتامېنلار خىلى مول بولۇپ ، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ . بىرىنچى ، بىدە كۆكىنى ئىزىپ ، سۇس ئوتتا قورۇپ ، قيماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، پەي تارتىشىش ۋە دېمى سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ ، شۇنداقلا چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئىككىنچى ، بىدە كۆكىنى ئىزىپ ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىششىققا چاپقاندا ، ئىششقىنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرىدۇ . ئۈچىنچى ، بىدە كۆكىنى ئىزىپ پىشۇرۇپ ، شىكەر بىلەن قوشۇپ بىر مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، قاننى كۆپەيتىدۇ . تۆتىنچى ، يىڭى چىققان بىدە كۆكىنى قۇرۇتۇپ ، چاي بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، قورساقنى ئاچۇرۇپ ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، قاندىكى ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدۇ . بەشىنچى ، بىدە ئۇرۇقى ئۈندۈرمىسنى ھەر خىل تېتىقۇلار بىلەن تەڭشەپ يەپ بەرسە ، ئادەمنى سەمىرىتىدۇ ، كۆكرەكنى بوشىتىپ يۆتەلنى باسىدۇ ، بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ ، قەنت كىسىلىگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ .
مەنبە: شەھلا تورى، ئانايۇرت تورى http://anayurt.com.cn/munbar/showpost.asp?id=3996&forumid=44