Boshluq
From Wikipedia
ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ
ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﯬﮔﺮﻯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﯞﻩ ﯬﮔﺮﻯ ﻳﯜﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯻﺶ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﯬﻣﻤﺎ ﯬﮔﺮﻯ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯰﻗﯘﻡ؟ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯘ ﯰﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺘﯩﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﯬﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯜﺯﯨﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ. ﺑﯩﺰ ﯲﺯﯨﻤﯩﺰ ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻨﻼ ﻛﯜﺯﯨﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ، ﯻﻜﻜﻰ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﭘﯩﻼﻕ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ. ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ :" ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﯻﭽﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ 180 ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ" ﺩﻩﭖ ﯲﮔﯩﻨﯩﭗ ﯲﺗﻜﻪﻥ. ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯓ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ؟ ﮔﻠﯘﺑﯘﺳﻨﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯻﻜﻜﻰ ﻣﯧﺮﯨﺪﯨﯫﻥ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯧﻞ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﯩﻦ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﻠﻰ: ﺑﯘ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﯻﻜﻜﻰ ﯪﺳﺎﺱ ﺑﯘﻟﯘﯕﻰ 90 ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ، ﭼﻮﻗﻘﺎ ﺑﯘﻟﯘﯕﻰ 0 ﺩﯨﻦ 360 ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺑﺎﻳﺎ ﯸﻴﺘﻘﺎﻥ ﻗﺎﯻﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﯻﻜﻜﻰ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﭘﯩﻼﻕ ﯪﻟﯩﻤﻼﺭ ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯻﻜﻜﻰ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﯯﻣﯩﺘﯩﺮﻳﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﻨﻰ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻨﻰ 180 ﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﯰﻻﺭ ﯲﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﻯ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻳﯘ ﯰﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﯜﺯﯨﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﯬﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﯻﻜﻜﻰ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯲﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﺴﻪﻙ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﯸﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ: ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯻﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﯴﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﯻﭽﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯗ. ﯬﮔﻪﺭ ﯻﭽﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ 180 ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﯰﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﯬﮔﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﯻﻠﮕﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﯪﯞﺍﻝ" ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﯰﻗﯘﻣﻨﻰ ﯪﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﯴﭺ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ، ﺷﺎﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﯴﭺ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻱ ، ﺷﯘﯕﺎ ﯬﮔﺮﻯ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﺧﯩﻞ ﯪﺩﺩﯨﻲ ﮔﯧﯯﻣﯩﺘﯩﺮﻳﯩﻠﯩﻚ ﯰﻗﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﯨﻜﻜﻰ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﭘﯩﻼﻕ ﯪﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯩﯯﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻘﻘﺎ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﯸﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﯰﻧﻰ ﯸﯟﻛﯩﻠﯩﺪ ﮔﯩﯯﻣﯩﺘﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻼ ﯬﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ، ﯬﮔﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﭘﯘﺕ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﯸﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ: ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﯬﮔﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﯻﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﯻﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﮔﯩﯯﻣﯩﺘﺮﯨﻴﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﯸﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﯲﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﯰﻗﯘﻣﯩﻐﺎ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﯬﻣﻤﺎ ﯬﮔﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﯬﻫﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ،ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺑﯘ ﯸﻨﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻐﺎ ﯰﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺰﯨﻘﻼﺭﻏﺎ ﯸﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺰ ﯪﺩﻩﺗﺘﻪ ﯬﮔﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯻﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ " ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ" ﻳﺎﻛﻰ"ﻳﻪﺭ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ" ﺩﻩﭖ ﯪﺗﺎﻳﻤﯩﺰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﯻﺴﯩﻤﻼﺭ ﯬﯓ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ. ﯬﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﻧﻴﻮﺭﻛﺘﯩﻦ ﺳﺎﻥ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﺴﻜﻮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ "ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﯰﺩﯗﻝ ﻣﯧﯖﯩﺶ" ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﯕﯩﻤﯩﺰ، ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﺭﻏﯘﻻﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﯘﺭﻏﯘﻻﭖ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﯸﭽﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﯬﻣﻪﺱ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ "ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ" ﻳﺎﻛﻰ "ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ"ﻧﻰ ﯻﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯬﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯪﺭﯨﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯸﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻚ ﯰﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ: ﯻﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺗﺎﻝ ﻳﯩﭗ ﺗﺎﺭﺗﯩﻤﯩﺰ، ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﯻﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﯸﺮﯨﺸﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﯻﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯬﮔﺮﻯ ﻳﯜﺯﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﯸﺮﯨﺸﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ.
ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯰﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﯬﮔﺮﻯ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﯴﭺ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺗﺎﻟﻼﭖ، ﯪﺭﻏﺎﻣﭽﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 180 ﮔﻪ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﯓ ﯬﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻨﻰ ﯻﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﯻﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ: 1. ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﯻﺮﯨﺪﻩ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﯬﮔﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ . 2. ﯬﮔﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻛﺸﻰ ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯬﮔﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﯸﻴﻨﯩﺸﺘﯩﯩﻦ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﯬﮔﺮﻯ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺮﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﺑﺎﺭ :
ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﺎﺳﺴﯩﻨﯩﯔ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؛ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﻰ ﯻﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﯴﭺ ﻗﻮﺯﯗﻕ ﻗﯧﻘﯩﭗ، ﯪﺭﻏﺎﻣﭽﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﯕﻨﻰ ﯲﻟﭽﯩﺪﯗﻕ ،ﺩﻩﻳﻠﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﻏﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯔ ، ﻫﯧﻤﺎﻻﻳﺎ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﯸﺮﯨﺸﯩﺴﯩﺰ: ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﯬﻫﯟﺍﻝ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﯴﭺ ﺑﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ 180 ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯬﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﯸﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺳﺴﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻫﯩﻤﺎﻻﻳﺎ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﯬﺳﯟﺍﺑﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﻟﭽﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﯬﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﯴﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪﯓ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎﻳﻠﻰ، ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ.
ﯬﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﯪﺭﻏﺎﻣﭽﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺑﯩﺮ ﯰﭼﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﯩﭽﻪ ﯪﭘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻏﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﯪﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﯩﭽﻪ ﯬﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻻﻳﺴﯩﺰ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﯸﺴﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯘ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﯻﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﯬﮔﻪﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﯪﺭﻏﺎﻣﭽﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻧﯘﺭﻧﻰ ﯻﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻧﯘﺭ ﯻﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﯻﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﯪﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﯬﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯪﺭﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﯪﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯬﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﯸﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﯻﺸﻠﻪﺷﺘﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﺎﺭ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯜﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﯪﻧﺪﯨﻦ ﯻﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 1919-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﯪﺳﺘﺮﻭﻧﯘﻣﯩﻴﻪ ﯬﺗﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﻝ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯘﻟﯩﺴﺒﻰ ﺗﺎﻗﯩﻢ ﯪﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ( ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﯪﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ) ﯬﻣﯩﻠﯩﻲ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﯓ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺑﺎﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻳﻮﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ 1.31__1.91 ( ﺳﯩﻜﯘﻧﺖ ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ) ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﯸﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 1.75 ﺳﯩﻜﯘﻧﺖ ﮔﺮﺍﺩﯗﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺘﻪ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ 1.5 ﺳﯩﻜﯘﻧﺖ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯘﻟﯘﯕﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﯬﻣﻤﺎ ﯰ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯻﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ.
ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﯮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯪﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯪﻟﺴﺎﻕ، ﯸﯟﻛﯩﻠﯩﺪﻧﯩﯔ ﯴﭼﺒﯘﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﯻﭽﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﯕﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﯯﺭﯨﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﯻﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻚ ﯰﻗﯘﻣﯩﻐﺎ ﯪﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﻣﯘﯬﻳﻴﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﻣﻮﻝ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺑﯘﻣﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﮔﯩﯯﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﯰﻗﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯮﭼﯘﻕ ﯞﻩ ﯪﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﯸﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻨﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﯰﻧﯩﯔ ﯪﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﯪﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﯸﺴﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ، ﺗﯚﺕ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﯴﭺ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯬﻛﯩﺲ ﯬﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﯸﻴﻨﯩﺸﺘﯩﻴﯩﻦ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺧﯘﻻﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ: ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯜﭺ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯚﺕ ﯲﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ " ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯮﺭﺑﯩﺘﯩﺪﺍ ﯪﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ: " ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﯬﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯪﻟﻪﻡ-ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺳﯩﺰﯨﻘﻰ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﯬﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﯻﺒﺎﺭﻩﺕ."
ﺷﯘﯕﺎ ، ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯜﭼﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻛﯜﭺ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯰﻗﯘﻣﻨﻰ ﯲﭼﯜﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ : ﺳﺎﭖ ﮔﯧﯯﻣﯩﺘﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﯬﮔﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ " ﯬﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ" ﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
"ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﮔﯩﭽﻪ" ﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﯸﻠﯩﻨﺪﻯ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ: ﮔﯩﯯﺭﮔﻰ ﮔﺎﻣﻮﯞ تەرجىمان مىراجىگۈل رىشىت