Buqatékin
From Wikipedia
ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻛﯩﻢ ؟ ( ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ )
ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ( ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯚﻛﯜ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ) --- ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩﻗﻪ -- ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﻰ، ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻰ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 840 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﻱ ﻳﯩﻠﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﺪﻯ . ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﯞﺍﺑﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﻳﯧﺰﺍ - ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ 100 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺑﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﻩ 100 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺗﺘﻰ . ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﺴﯩﺰ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﻥ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻣﻪﯕﻠﯩﻚ ﺗﯧﮕﯩﻦ ( ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﭘﺎﻥ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺩﻩﭘﻤﻰ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﯞﻩ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻨﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﯕﻠﯩﻚ ﺗﯧﮕﯩﻨﮕﻪ 15 ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ ، ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺑﯚﻟﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﯕﺴﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﺷﯘﭖ ، 848 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻪﯕﺴﯘ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯧﯖﯩﭗ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، 851 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭ ، ﻛﯘﭼﺎﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ، ﻣﻪﯕﻠﯩﻚ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﯕﻠﯩﻚ ﺗﯧﮕﯩﻨﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻫﺎﻟﺴﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ . ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ "200 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ " ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ، ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭﺍﻳﺪﻯ . ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ - ﺯﻭﻣﺒﯘﻟﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺋﯜﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ . 866 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻳﯧﯖﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ . ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﺩﻯ . ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻨﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﭼﺘﻰ . ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺗﯩﻨﭻ ، ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﭼﻜﻪ ، ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﻯ . ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﺪﻯ . ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ 500 ﻣﯩﯔ ﻛﯘﯞﺍﺩﯨﺮﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ . ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﻰ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﻩ 500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﺩﻯ . ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺰﯨﺮ ﻏﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﺪﻯ . 1393 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯩﺰﯨﺮ ﻏﻮﺟﺎ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﺪﻯ . ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯓ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﺋﻪﺳﻪﺭ " ﺗﯚﺕ ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻲ " ﻧﯩﯔ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﻟﻪﯞﻫﯩﺴﯩﺪﻩ " ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﭼﻴﻪﻧﺨﯘﻧﯩﯔ ( 876 - ﻳﯩﻠﻰ ) 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 24 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﯟﯨﺮﻏﻮﻟﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ .... ﺟﻴﯘﭼﯜﻩﻧﻨﻰ ﺑﯘﻻﭖ ﺗﺎﻟﯩﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺋﯜﺯﯛﻟﺪﻯ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ .
ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ " ﺳﯧﻬﯩﺮﻟﯩﻚ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺪﯨﻢ . 6 . 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﻯ .
izdinix munbiri aychiwer yollanmisi