Web Analytics

See also ebooksgratis.com: no banners, no cookies, totally FREE.

CLASSICISTRANIERI HOME PAGE - YOUTUBE CHANNEL
Privacy Policy Cookie Policy Terms and Conditions
Dalton - Wikipedia

Dalton

From Wikipedia

ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﻰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ

ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻗﯩﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺲ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ. ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﺪﻯ؟ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ:ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﯸﺮﯨﺸﺘﻰ ﺩﯨﻴﯩﻠﺴﻪ ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ-ﻳﺎﻕ-ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﯦﮭﻨﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﺎﻟﯩﻐﺎﻥ، ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻏﻤﺎ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻰ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﯩﺮﯨﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ،ﺑﯩﺰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ.

ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻻﻧﯩﺘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ-ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ1766ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﻮﻗﯘﻣﭽﻰ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ،ﺋﺎﭘﺴﻰ 6ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ3ﭼﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ 6 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞﻯ ﺗﻪﺳﺴﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭘﻼ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯧﺘﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﺎﻟﺴﯩﻼ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯩﻴﯩﺘﺘﻰ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻗﻘﯩﻨﻰ ﺭﻭﺑﯩﻨﺴﻮﻥ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺳﯩﺘﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ،ﻛﻪﭼﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺩﻩﺭﯨﺴﻰ ﺋﯜﺗﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.ﺷﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. 15 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﯜﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﻨﺪﺍﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ.ﺋﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ،ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯩﻴﯩﺘﺘﻰ.ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ،ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ،ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ،ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ.ﺋﺎﯕﻼﺷﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ 12 ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ50 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻛﯩﻨﺪﺍﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳﻮﮬﺎﻥ ﺧﺎﻑ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﺎ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ 2 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯚﺯ ﻧﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﻨﯩﭗ ﻻﺗﯩﻨﭽﻪ،ﮔﯩﺮﯨﻜﭽﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯘﺳﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯚﮔﻪﻧﯩﺪﻯ،ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ،ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ،ﻣﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ،ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻘﻼ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﻮﮬﺎﻧﻨﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ،ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ،ﮔﯩﺮﯨﻜﭽﻪ،ﻻﺗﯩﻨﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. 1793ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻳﻮﮬﺎﻥ ﺧﺎﻓﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻧﭽﯩﺴﺘﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺩﻩﺭﯨﺴﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﺳﺴﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ،ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻘﻰ(ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ) ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﺎ ﺋﻮﻗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ.ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﯩﺲ ﺋﯜﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﭼﯜﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﯩﺘﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ.ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﻭﺑﯩﻨﺴﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﻳﻮﮬﺎﻥ ﺧﺎﻓﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.21ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ 57ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﯩﻨﯩﻘﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ.ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻗﺘﯩﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺯﯦﺮﯨﻜﻤﻪﻱ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ.

ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﺵ ﻣﺎﻧﭽﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﯩﯖﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺴﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺭﯗﻟﺘﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ -ﺗﯜﯞﻩﻥ ﻗﺎﺗﻼﻣﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ،ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ،ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ،ﺋﯩﻨﺠﯩﻨﯩﺮﻻﺭ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ،ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭ...... ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ-ﻣﺎﻧﭽﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ،ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ،ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ،ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﭽﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ،ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ،ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻣﺎﻧﭽﯩﺴﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ 100ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ،ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﻪﯓ ﮬﻪﻡ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻰ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﻯ-ﺳﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،1808ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ،1817ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﻛﻰ ﺗﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﭽﯩﺴﺘﯩﺮﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﺴﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﺭﺍ-ﺭﺍﻳﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺭﻩﯓ ﻗﺎﺭﻏﻮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪﻯ.ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﺩﯨﺒﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯩﺮ ﺭﻭﺟﯩﺴﺘﯩﯟﺍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻐﺎ(ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ)ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ <ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ؟>ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ،ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ.ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺳﻪﺯﮔﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺭﻩﯓ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﯩﺘﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻣﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻜﻨﻰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ . ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ 1799ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ،ﺋﯩﻠﻤﻰ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯚﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ؛ﯨﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻢ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ.ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻧﺎﺷﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﺕ ﻗﺎﻻﻳﯩﺘﺘﻰ،ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﭽﻪ ﭼﯜﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ،ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 9ﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ.ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭙﻼ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ،ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.<ﻛﻪﭺ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﺵ>ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﻯ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ،ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﯧﻨﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﯩﻔﯩﺮﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﺎﺯ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺟﯩﻞ ﺋﻪﺳﯟﺍﭖ-ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﯩﻔﯩﺮﺍ،ﺳﻮﮬﻮﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ-ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﻩﺗﺘﻰ،ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﯩﻔﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯨﻠﯩﺸﻰ،ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ،ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ(ﻛﻮﺳﻪﻥ)،ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 1801ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ <ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﻔﯩﺮﺍ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﮕﯜﭺ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ>،<ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ>،<ﺗﯧﺮﻣﻮﻣﯩﺘﯩﺮ>،<ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ>،<ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ>،<ﺳﯘ ﮬﻮﺭﻯ>،<ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ>...........ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ <ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ.ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ: ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮔﺎﺯ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﮬﻪﺭ ﻣﯘﻗﯘﻡ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﺍ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﺟﯩﻢ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﺍﺵ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺧﯩﻤﯩﻚ ﮔﻪﻱ ﻟﯜﺳﺎﻛﻤﯘ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﮬﻪﺟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ <ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯜﻟﯜﺷﯜﺵ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ(混合气体分压定律).ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ.ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ

ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻮﻟﯩﻜﻮﻻ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺸﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﻤﺎ ﻣﺎﺩﯨﻨﯩﯔ(ﮔﺎﺯ) ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ(ﮔﺎﺯﻻﺭ) ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯜﻟﯜﺷﯜﺵ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﺎﺯﻏﺎ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ(气体的扩散)ﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ:<ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺭﯨﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯩﻜﺮﺍﺳﻜﻮﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ>ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ.ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﮔﯩﺮﯨﻚ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ. ﻧﯩﻴﻮﺗﯘﻥ ﻛﯜﭺ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﻗﺎﺭﻣﯘ-ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﻮﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﯩﭙﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻮﻟﯩﻜﻮﻟﯩﻼﺭ ﺗﯩﭙﯩﺸﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺗﻮﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻳﯩﯖﻰ ﺯﻩﺭﯨﭽﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻤﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﯨﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﻮﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻼﻥ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻗﺎﭖ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻩﺯﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺴﺎ ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﮬﯩﺪﺭﻭﮔﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺭﯨﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪﻟﯩﺸﯩﭗ ﺳﯘﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻨﯩﭗ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﻯ. ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ(ﺋﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ )ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﮔﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ،ﺳﯘﻧﯩﯔ 35 ﺋﯜﻟﯜﺵ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﯞﻩ 15 ﺋﯜﻟﯜﺵ ﮬﯩﺪﺭﻭﮔﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺳﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ،ﺋﺎﻣﻮﻧﯩﻴﺎ ﮔﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﮬﯩﺪﺭﻭﮔﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﯩﺘﺘﻰ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺮﻻﺷﻤﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﻟﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺗﻮﻣﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻨﻰ(ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺷﯘ ﻣﻮﻟﯩﻜﻮﻻ) ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭA،B ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﺘﻨﯩﯔ: ﺑﯩﺮﻻ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘ AB ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ABB ﻳﺎﻛﻰAAB ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎAB،ABBﻳﺎﻛﻰAAB............ ............... ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﮬﯩﺮﺩﻭﮔﯩﻦ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺧﯩﻤﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ،ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺟﻪﺩﯨﯟﯨﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﻳﻪﻧﻰ 1803ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻧﻪﻕ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ 37 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ. 1803ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﺑﯘ ﺗﯚﯦﻪﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ 1.ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ،ﻳﻪﻧﻪ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﺭﯨﭽﻪ- ﺋﺎﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ 2.ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ. 3.ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﺮﯨﻜﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯗ.


ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﭺ ﺗﯘﺭﺍﻱ،ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﺎﺭﻣﻪﻥ

ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ 1799ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ،ﺋﯩﻠﻤﻰ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯚﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ؛ﯨﻘﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻢ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ.ﺋﯚﻱ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻧﺎﺷﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﺕ ﻗﺎﻻﻳﯩﺘﺘﻰ،ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﭽﻪ ﭼﯜﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ،ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 9ﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ.ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭙﻼ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ،ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﺭﻣﯘﺵ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.<ﻛﻪﭺ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﺵ>ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﻯ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ،ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﯧﻨﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﯩﻔﯩﺮﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻧﻰ ﮔﺎﺯ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺟﯩﻞ ﺋﻪﺳﯟﺍﭖ-ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﯩﻔﯩﺮﺍ،ﺳﻮﮬﻮﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ-ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺯﻩﺗﺘﻰ،ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﯩﻔﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯨﻠﯩﺸﻰ،ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ،ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ(ﻛﻮﺳﻪﻥ)،ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 1801ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ <ﺋﺎﺗﻤﯘﺳﻔﯩﺮﺍ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﮕﯜﭺ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ>،<ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ>،<ﺗﯧﺮﻣﻮﻣﯩﺘﯩﺮ>،<ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ>،<ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ>،<ﺳﯘ ﮬﻮﺭﻯ>،<ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ>...........ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ <ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺸﻰ>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ.ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ: ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮔﺎﺯ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﮬﻪﺭ ﻣﯘﻗﯘﻡ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﺍ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﺟﯩﻢ ﻛﯩﯖﯩﻴﯩﺸﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﺍﺵ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺧﯩﻤﯩﻚ ﮔﻪﻱ ﻟﯜﺳﺎﻛﻤﯘ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﮬﻪﺟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ <ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯜﻟﯜﺷﯜﺵ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ(混合气体分压定律).ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﯓ.ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺭﻟﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻮﻟﯩﻜﻮﻻ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺸﻰ

ﮬﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﻤﺎ ﻣﺎﺩﯨﻨﯩﯔ(ﮔﺎﺯ) ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ(ﮔﺎﺯﻻﺭ) ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯜﻟﯜﺷﯜﺵ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮔﺎﺯﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﺎﺯﻏﺎ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ(气体的扩散)ﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ:<ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺭﯨﭽﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯩﻜﺮﺍﺳﻜﻮﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ>ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ.ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﮔﯩﺮﯨﻚ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ. ﻧﯩﻴﻮﺗﯘﻥ ﻛﯜﭺ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﻗﺎﺭﻣﯘ-ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﻮﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﯩﭙﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻮﻟﯩﻜﻮﻟﯩﻼﺭ ﺗﯩﭙﯩﺸﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.ﺋﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺗﻮﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﻳﯩﯖﻰ ﺯﻩﺭﯨﭽﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻤﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﮔﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺭﯨﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﻮﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻼﻥ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻗﺎﭖ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎﺯﻻﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﭘﻪﺭﻩﺯﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺴﺎ ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﮬﯩﺪﺭﻭﮔﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺭﯨﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪﻟﯩﺸﯩﭗ ﺳﯘﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺳﯘ ﮬﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻨﯩﭗ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪﻯ. ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ(ﺋﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ )ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﮔﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ،ﺳﯘﻧﯩﯔ 35 ﺋﯜﻟﯜﺵ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﯞﻩ 15 ﺋﯜﻟﯜﺵ ﮬﯩﺪﺭﻭﮔﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺳﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ،ﺋﺎﻣﻮﻧﯩﻴﺎ ﮔﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﮬﯩﺪﺭﻭﮔﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺑﯘ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﯩﺘﺘﻰ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺮﻻﺷﻤﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﻟﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺗﻮﻣﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻨﻰ(ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺷﯘ ﻣﻮﻟﯩﻜﻮﻻ) ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭA،B ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﺘﻨﯩﯔ: ﺑﯩﺮﻻ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘ AB ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ABB ﻳﺎﻛﻰAAB ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎAB،ABBﻳﺎﻛﻰAAB............ ............... ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﮬﯩﺮﺩﻭﮔﯩﻦ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺧﯩﻤﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ،ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺟﻪﺩﯨﯟﯨﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﻳﻪﻧﻰ 1803ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻧﻪﻕ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ 37 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

1803ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﺑﯘ ﺗﯚﯦﻪﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ 1.ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ،ﻳﻪﻧﻪ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﺭﯨﭽﻪ- ﺋﺎﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ.ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ 2.ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ. 3.ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﺮﯨﻜﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯗ.

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﯩﻴﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻣﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺮﻯ،ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺋﯘﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ: ﺋﺎ ﺏ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺖ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ،ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﺏ ﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﯜﺯﯛﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﺑﻮﻥ ﭼﺎﻻ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﺑﻮﻥ 4 ﺋﻮﻛﺴﯩﺪ،ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻦ ﻛﺎﺭﺑﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﺎ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ 1:2ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﻭﺕ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪ،ﻣﯩﺘﺎﻥ،ﺋﯧﺘﯩﺮﯨﻦ،........ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺳﺴﻪ-ﻧﯩﺴﭙﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﯧﺰﻻ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ،ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ

1804ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﻤﯩﻚ ﺗﻮﻣﺎﺱ.ﺗﻮﻣﺴﯘﻥ ﺩﺍﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ،ﺑﯘ ﺗﻮﻣﺎﺳﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ 1807ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻧﺪﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ <ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ>ﺩﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ.

ﺩﺍﻟﺘﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ<ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ-ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻳﯩﯖﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ1808ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﻮﻣﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻐﺎ ﺑﯜﻟﯜﻧﮕﻪﻥ.ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﻮﻡ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺩﺍﻟﺘﻮﻥ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ،ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ 1810ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻣﻮﻧﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﺖ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﻪﺭﮬﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﻮﻣﻰ 1827ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍ ﻣﯩﺘﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪ،ﻓﻮﺳﻔﻮﺭ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﺎ ﻣﯩﺘﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.

Static Wikipedia (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - en - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu -

Static Wikipedia 2007 (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - en - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu -

Static Wikipedia 2006 (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu

Static Wikipedia February 2008 (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - en - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu