Web Analytics

See also ebooksgratis.com: no banners, no cookies, totally FREE.

CLASSICISTRANIERI HOME PAGE - YOUTUBE CHANNEL
Privacy Policy Cookie Policy Terms and Conditions
Köc-köc - Wikipedia

Köc-köc

From Wikipedia

ئىلى خەلقىنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈشى

ئىمىنجان باھاۋۇدۇن


[Uzgartish] مۇھەررىردىن :

مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىدا ئۆتكەن تارىخچى ، تىلشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ( 1897 - 1948 ) نىڭ " ئىلى تارىخى " ( " تارانچى تارىخى ") ناملىق ئەسىرى ئىلى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ، ئۇيغۇر مۇئەررىخلەر يازغان ساناقلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى . بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ( 5 - قىسمى ) چارروسىيە ئىلىنى ئون يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامەن بويىچە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇنگان ( خۇيزۇ ) لارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ . ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى بىزنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ بېشىدا بولۇپ ئۆتكەن " كۆچ - كۆچ " دەپ ئاتالغان بۇ تارىخى ۋەقەنىڭ جەريانى توغرىسىدا تەپسىلىي ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ . تەزكىرە خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، " ئىلى تارىخى " دىگەن ئەسەرنىڭ مۇشۇ قىسمىنى ژورنىلىمىزدا قىسقارتىپ بەردۇق . ئەسەر ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئابدۈشۈكۈر ئىمىنجان ساقلاپ كەلگەن " ئىلى تارىخىنىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى . ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى نەزەردە تۇتۇلۇپ بەزى سۆز ئىبارىلەر ئەينەن ساقلاپ قېلىندى .


[Uzgartish] تارانچى تۇنگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈپ چىقىش تارىخى

روسىيە ھۆكۈمىتى 1871 - يىلى ئىلىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئېلىش بىلەن بىللە تارانچى ، تۇنگانلارنىڭ مۇستەقىل سۇلتانلىقى يوقىتىلغان ۋە ئۇ 1881 - يىلغىچە روسىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن . 1881 - يىلى 12 - فېۋرالدا پېتېربۇرگدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇئاھىدە ( كېلىشىم ) بويىچە ئىلى ۋىلايىتىنى بىرمۇنچە شەرتلەر بىلەن مانجۇ ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان بولغان . روسىيە ئىلىنى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ ، مانجۇلار ئىلىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغىچە بىر يىل ئىچىدە روسىيەگە تەۋە بولۇشنى خالىغۇچىلار بولسا ، روسىيە ئۆز ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېتىشكە كېلىشكەندى ھەمدە مانجۇلار ئېلىگە تەۋە يەردىن روسىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىرمۇنچە يەرلەرنى ( قورغاس دەرياسى بىلەن غالجات ئارىلىقىنى ) روسىيەگە بەرگەندى . 1881 - يىلى فېۋرال ئېيىدا ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ مۇئاھىدە گېزىتكە بېسىلىپ ، ئەلگە مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىلىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانجۇ ھۆكۈمىتى تۆرىسى يېتىپ كېلەلمىگەنلىكتىن ، ئىلى داۋاملىق رۇسلار قولىدا تۇرۇپ تۇرغان .

لېكىن ئىلىدىكى تارانچى ، تۇنگانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، بۇرۇنقى دۈشمىنى بولغان مانجۇلار ئىلىغا قايتىپ كەلسە ، ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، يۇرت ئارىسىغا چوڭ ئەندىشە ۋە قايغا پەيدا قىلغان . ئاخىرىدا ئىلىنىڭ تارانچى تۇنگانلىرى بىرلىشىپ ، چوڭ - كىچىك ھەممىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن روسىيە زىمىنىغا كۆچۈشنى قارار قىلغان ۋە يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ گېنېرال - گۇبېرناتورىغا خەلق نامىدىن ئەرز سۇنغان . تارانچىلارنىڭ ئەرزنامىسىگە يۇقۇرقى ئۆستەڭدىن ئابابەكرى بولۇس ، روزى بولۇس سوپى نىياز ، زىكرىيا بولۇس بىن توختى ، مۇھەممەت بولۇس بەگ بىن نېدىر ، تۆۋەنكى ئۆستەڭدىن موللا ئابدۇللا بولۇس ، مۇھەممەت ئەلى ، ھوشۇر قارى بىن موللا ھۈسەيىن ، مەخپىر بىن ئىسھاق ، ئابدۇماناپ قازى بىن ئابدۇرازاق ، خوجا نەمرى قازى بىن توختى ، تاھىر قازى ، ناسىر قازى ، ئىمىن قازى ، سادىر قازى قاتارلىق 24 كىشىنىڭ مۆھرى بېسىلغان .

بۇ ئىككى ئەرز مەخسۇس ئەلچى ئارقىلىق گۇبىرناتورغا يەتكۈزۈلگەن . يەتتە سۇ گۇبىرناتورى كولپاۋسكىي تۇركىستان گۇبىرناتورىنىڭ 20 - ئىيۇندا بەرگەن يوليورىقى بويىچە بۇلارغا كۆچۈشكە رۇخسەت قىلغان . قىلىنغان رۇخسەت يۇرتقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن ، تارانچى ، تۇنگانلار بىرلىكتە روسىيەگە چىقىپ يەر - سۇنى كۆرۈپ كېلىش ۋە ئۆي - تام سېلىشقا كېرەك بولىدىغان ياغاچ - تاشلارنى جايلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىللەرنى سايلاپ بەرگەن . گېنېرال كولپاۋسكىي تەرىپىدىن بۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن چېلەك دەرياسى بويىدىكى يەرلەر بىلەن ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ قانىتىدىكى يەرلەر كۆرسىتىلىپ ، ئەگەر بۇ كۆرسىتىلگەن يەرلەر يەتمىسە ياكى يارامسىز دەپ قارالسا ، چۇ دەرياسىنىڭ يەرلىرىدىن ھەتتا ئەۋلىيا ئاتىغىچە يەر ئېلىشقا مۇمكىمچىلىكى بىلدۈرۈلگەن . ھېلىقى يۇرت سايلاپ بەرگەن ۋەكىللەر ئىلى رۇسلارغا ئۆتكەن ۋاقىتتىن بېرى ئىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ناچالنىڭ ( باشلىق ) بولۇپ كەلگەن ئىزرەتوۋ دىگەن پولكوۋنىك باشچىلىقىدا 1881 - يىل 3 - ئىيۇلدا يولغا چىقىپ 27 - ئىيۇلغىچە غالجاتتىن قارا بالتىغىچە بىكار ياتقان يەرلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ، باشقا يەرلەرگە بارماستىن قايتقان . نەتىجىدە ھەر بىر بولۇس ۋەكىللىرى كۆرگەن يەرلەردىن تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشىۋالغان :

1 . چوڭ ئاقسۇ ، كىچىك ئاقسۇ ، بايانقازى يەرلىرى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ سول قانىتىدىكى ( جەنۇبىدىكى ) بىرمۇنچە يەرلەر 839 تۈتۈنگە بۆلۈنگەن ، يەنى خونىخاي بولۇسىغا بۆلۈنگەن .

2 . چارىن دەرياسىنىڭ تۆۋىنىگە ھەرقايسى بولۇستىن يىغىپ - تېرىپ 500 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

3 . چېلەكنىڭ ئوڭ قانىتىغا ( شىمالىغا ) ئۈچ بولۇس ( قاش ، قاينۇق ، بوبوسۇن ) تىن 2465 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

4 . چېلەك دەرياسىنىڭ سول قانىتىغا ( جەنۇبىغا ) تۆت بولۇس ( قاش ، ئارائۆستەڭ ، بايتوقاي ، ئارابوز ) تىن 2694 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

5 . ئاتامقۇلنىڭ تۆۋىنىدىن ( ۋەكىللەر ئاۋۋال تۈرگۈن سۈيىنى ياقىلاپ تۇتقانكەن ، نىمىشقىدۇر ، كېيىن ئۇلار مۇنداق بۆلمەپتۇ ) ھازىرقى قارا سۇ بولۇسىغا 1685 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ( نىلقا ، توققۇزتارادىن چىققانلار ھەم بىرئاز شەھەرلىكلەر .

6 . چۇ دەرياسى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا تۇنگانلاردىن 1410 تۈتۈن ھەم شەھەر تۆگۈرۈگى ۋە شەھەر ئىچىدىكى تارانچىلار بولۇپ 3340 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

لېكىن تۇنگانلاردىن بىرمۇنچىسى بېرىپ قارىسا ، ئۇ يەرگە بەلگىلەنگەن ھەممە تارانچىلار مۇشۇ كۈندىكى ياركەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇرۇپ قالغان . يۇرت ۋەكىللىرى يۇقۇرىدىكى پىلان بويىچە يەرلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەن . دەرۋەقە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يەتتە سۇنىڭ يەر - زىمىنى پىلانلاپ ئۆلچەنمىگەن ۋە ياخشى - يامان يەرلەر ، سۇلۇق - سۇسىز يەرلەر ھىساپقا ئېلىنمىغانلىقتىن ، بۇ ۋەكىللەر غالجاتتىن قارا بالتىغىچە 1030 چاقىرىم يەرنى ئاتلىق 24 كۈن ئىچىدە كۆرۈپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن ، يەرنىڭ ياخشى يامىنىنى ئوبدان بايقاپ كېتەلمىگەن . ئەل - يۇرت كۆچۈشكە غەملىنىپ تۇرغان چاغدا ئىچكىرىدىن ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىۋېلىشقا تەيىنلەنگەن تۆرە 1881 - يىلى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلىغا يېتىپ كېلىپ ، ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە توختاۋسىز قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئەل - يۇرتقا جاكارلىغان .

" مانجۇلار تارانچى ، تۇنگانلارنى رۇسلارغا بەرمىگۈدەك ، ئۇنداق قىلغۇدەك ، مۇنداق قىلغۇدەك ......" دىگەن ئۆسەك پاراڭلار بىلەن ئەندىشىدە قالغان خەلقنى تىنىچلاندۇرۇش ، يۇرتنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە ئىختىيارى بار - يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ، بۇ كەلگەن تۆرە ئەل - يۇرتنى ئارىلىغان . تۆرە ئىلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ھەممە يېزا كەنتلەرنى ئارىلاپ ، " مانجۇلاردىن قورقماسلىق ۋە ئىلاجى بولسا ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي تۇرۇپ قېلىش " ھەققىدە خەلققە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن خەلق كۆچۈپ كېتىش توغرىسىدا ئۈزۈل - كېسىل تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن . ئومۇمەن كۆچمەنچىلىكتە بولىدىغان بۆلگۈنچىلىك ، مۇساپىرلىق ، ۋەتەنگە مۇھەببەت ، كۆچۈپ بارىدىغان يەردە يەر سۇ كەمچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېيتىپمۇ بۇلارنى توختىتالمىغان . شۇنىڭدەك خەلق كۆچۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆرىدىن ئىككى يىللىق مۆھلەت سورىغان . بىراق ئاۋۋال كۆچمەنلەرنى بىر يىل ئىچىدە 1882 - يىلغىچە كۆچۈرۈپ چىقىپ بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، كۆچۈش باشلانغان ۋاقتىدا ئەھۋال قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ تەلىپىدەك بولۇپ ، كۆچۈش ۋاقتى 1883 - يىل 10 - مارتقىچە سوزۇلغان ، كومىسسار تۆرە شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئالاھىدە كومىسسىيە تەشكىللەپ ، كۆچۈشنى خالىغانلارنىڭ ھىسابىنى ئالدۇرغان . كۆچمەكچى بولغانلار : تارانچىلار 11 مىڭ 365 تۈتۈن ، تۇنگانلار 1308 تۈتۈن ، جەمىئىي 12 مىڭ 673 تۈتۈن ( تەخمىنەن 51 مىڭ جان ) بولغان .

بۇلارنىڭ ئىچىدە 2000 ئۆيلۈك كىشى ئۈچۈن گېنېرال گۇبىرناتورنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆسەك بىلەن قورغاس ئارىسىدا يەر بېرىلىپ ، قالغان 10 مىڭ 673 تۈتۈن ئۈچۈن باشقا يەردىن يەر - سۇ بېرىلمەك بولغان

ﻣﻪﻧﺒﻪ : شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى! http://anayurt.com.cn/munbar/ShowPost.asp?id=3828

Static Wikipedia (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - en - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu -

Static Wikipedia 2007 (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - en - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu -

Static Wikipedia 2006 (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu

Static Wikipedia February 2008 (no images)

aa - ab - af - ak - als - am - an - ang - ar - arc - as - ast - av - ay - az - ba - bar - bat_smg - bcl - be - be_x_old - bg - bh - bi - bm - bn - bo - bpy - br - bs - bug - bxr - ca - cbk_zam - cdo - ce - ceb - ch - cho - chr - chy - co - cr - crh - cs - csb - cu - cv - cy - da - de - diq - dsb - dv - dz - ee - el - eml - en - eo - es - et - eu - ext - fa - ff - fi - fiu_vro - fj - fo - fr - frp - fur - fy - ga - gan - gd - gl - glk - gn - got - gu - gv - ha - hak - haw - he - hi - hif - ho - hr - hsb - ht - hu - hy - hz - ia - id - ie - ig - ii - ik - ilo - io - is - it - iu - ja - jbo - jv - ka - kaa - kab - kg - ki - kj - kk - kl - km - kn - ko - kr - ks - ksh - ku - kv - kw - ky - la - lad - lb - lbe - lg - li - lij - lmo - ln - lo - lt - lv - map_bms - mdf - mg - mh - mi - mk - ml - mn - mo - mr - mt - mus - my - myv - mzn - na - nah - nap - nds - nds_nl - ne - new - ng - nl - nn - no - nov - nrm - nv - ny - oc - om - or - os - pa - pag - pam - pap - pdc - pi - pih - pl - pms - ps - pt - qu - quality - rm - rmy - rn - ro - roa_rup - roa_tara - ru - rw - sa - sah - sc - scn - sco - sd - se - sg - sh - si - simple - sk - sl - sm - sn - so - sr - srn - ss - st - stq - su - sv - sw - szl - ta - te - tet - tg - th - ti - tk - tl - tlh - tn - to - tpi - tr - ts - tt - tum - tw - ty - udm - ug - uk - ur - uz - ve - vec - vi - vls - vo - wa - war - wo - wuu - xal - xh - yi - yo - za - zea - zh - zh_classical - zh_min_nan - zh_yue - zu