Köc-köc qoshaq
From Wikipedia
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ " ﻛﯚﭺ - ﻛﯚﭺ ﻗﻮﺷﯩﻘﻰ " ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻤﯘ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ~ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ " ﻛﯚﭺ - ﻛﯚﭺ " ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯚﺭﻩﻳﻠﻰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻼﻳﻠﻰ :
ﺋﺎﻕ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﻮﻻﭖ ، ﺗﺎﺵ ﻛﻪﺳﺘﻰ . ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ " ﻛﯚﭺ - ﻛﯚﭺ " ﺩﻩﭖ ، ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺵ ﻛﻪﺳﺘﻰ .
" ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﻐﺎ ﻛﯚﭺ " ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﺑﺎﺭﺍﺭ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ . ﺭﺍﺳﺖ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﻙ ، ﺑﯧﺸﻰ ﻳﯘﯕﻠﯘﻕ .
ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺗﻮﻻ ﻣﯧﯖﯩﭗ ، ﭘﯘﺗﯘﻡ ﻗﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻫﺎﺭﯞﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ، ﺋﯚﻛﯜﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﺋﯩﻠﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﺎﻏﻼﺭ ، ﻫﻪﺭ ﺗﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﻼﺭ . ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ، ﺋﯘﭘﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﻼﺭ .
ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻙ ، ﭼﯚﻟﻨﯩﯔ ﺑﯚﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ . ﻛﯚﭺ - ﻛﯚﭺ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ، ﻗﯧﺮﻯ - ﭼﯚﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ .
ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ، ﻗﯩﺒﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ . ﻛﯚﭼﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ، ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ .
ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ، ﻗﺎﺭﺍﻳﺎﻏﺎﭺ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻏﯧﺮﯨﭙﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺧﻪﻕ ﺩﻩﺭﺩﻟﯩﻚ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﭼﺎﺭﻩ. ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﻯ ، ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ﺳﯘﻧﯘﻕ ﭘﺎﺭﻩ .
ﻣﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺑﺎﻏﯘ - ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻼﺭ . ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﺩﯨﻠﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ .
ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﺭﻣﻪﺱ ، ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻣﺎﺱ . ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯘﯓ ﭼﯜﺷﺘﻰ ، ﺑﻪﺧﯘﺷﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﮔﻤﻪﺱ .
ﺧﻮﻳﻤﯘ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ ، ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ . ﻳﺎﺭ ﺧﺎﻟﺘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭙﺘﯘ ، "ﻳﯧﺴﯘﻥ" ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻗﺎﭺ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ .
ﭼﯩﻠﻪﻙ - ﭼﯩﻠﻪﻙ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻳﺎﻳﺎﻕ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ، ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﻪﻟﻪﻙ .
ﺋﯚﺳﻪﻛﻜﻪ ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﺩﻩﭖ ، ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺗﺎﻡ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺗﺘﯘﻕ . ﺋﯚﻱ - ﺟﺎﻳﯩﻤﯩﺰ ﭘﯜﺗﻜﯩﭽﻪ ، ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ - ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺗﺎﺭﺗﺘﯘﻕ .
ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ، ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻏﻪﺯﻩﭖ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﺸﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . " ﺟﻮﯕﮕﻮ - ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ " ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ 3 - ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ : " ﺋﯩﻠﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﻣﯚﻫﻠﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ، ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘﻣﺎﻳﺪﯗ . " ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﻠﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . 3 - ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﻛﯜﺗﻤﻪﻳﻼ ، 1881 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 -ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 27 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺠﺎﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﭘﺎﻟﺘﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ 24 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ، ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ .ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﺋﺎﻟﺠﺎﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﭘﺎﻟﺘﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ 11 ﻣﯩﯔ 466 ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ ، " ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ " ﺩﺍ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ : " ﻛﯚﭼﯜﺵ 1881 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﻩ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ 14 ﺗﯜﺗﯜﻧﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎﻏﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . 101 ﺗﯜﺗﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﭼﯧﻠﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﻗﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﺎﭘﺎﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ . " ( 'ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ' 57 - ﺑﻪﺕ ) 1882 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﯩﻨﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺋﯩﻠﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﯩﯖﺸﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺟﯩﻨﺠﻰ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﮔﻪﻧﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﺟﯘﺩﺍ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺘﺘﻰ . 1882 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ 914 ﻫﺎﺭﯞﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ 460 ﺗﯜﺗﯜﻥ ، 2454 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ - ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ، ﭼﯩﻠﻪﻙ ﯞﻩ ﺑﯧﺸﻜﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻻﭘﻼ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . 1882 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﯕﺨﻪﻱ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺧﻮﯕﺨﻪﻱ ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﻪﻧﺘﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ 839 ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻛﯚﭼﻜﯩﻨﻰ 675 ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻠﻘﺎ ، ﭼﻮﯓ ﻣﺎﺯﺍﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 1234 ﺗﯜﺗﯜﻥ 5933 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ( "ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ " 59 - ﺑﻪﺕ ( ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، 1884 - ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻲ 70 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ( ﺑﺎﺭﺍﻧﻮﯞﺍ "1881 - 1883 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﺮﺳﻜﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ، 'ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ' ، 2 - ﻗﯩﺴﯩﻢ ، 233 - ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ) ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﺴﺎﻱ - ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ، ﭼﯩﻠﻪﻙ ، ﻗﺎﺭﺍﺳﯘ ، ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . 1882 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯘﻧﺴﺎﻱ -- ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﺪﻩ 1800 ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﯞﻩ 500 ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ 1500 ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ 3800 ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ . ﭼﯩﻠﻪﻙ ﺋﯩﻠﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، 1882 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ 3371 ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ . ﻗﺎﺭﺍﺳﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﯩﺮﻩﻙ ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍ ﯞﻩ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﻛﻪﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ . "ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﺩﺍ : " ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺒﻮﻟﻮﺱ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﻪﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻳﺎﻗﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺒﻮﻟﻮﺱ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ، ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺒﻮﻟﻮﺱ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ 760 ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ، 3787 ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ " ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺸﻼﻗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 200 - 300 ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺸﻼﻗﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯚﻝ - ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﺳﻠﯩﻬﻪﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ . ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﻪﻛﻜﻪ - ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ؟ ﺑﯘﻧﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺑﺰﺍﺱ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ : 1884 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻮﺑﯧﺮﻧﺎﺗﻮﺭﻯ ﻓﺮﯨﺪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ : " ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﻪ - ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ . 25 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﻝ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯚﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﻪﯓ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ . " ( ﮔﺎﺭﺯﻭ : "ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ" ) "ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻢ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﺎﺑﻜﻮﻑ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ : " ﻛﯩﺴﻠﯧﻨﻜﻮﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻫﻮﺳﯘﻟﺪﯗﺭ . ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ، ﺟﻮﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﺗﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ ، ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . " ﺩﯦﮕﻪﻥ . 1900 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻟﻮﮔﻴﺎﻧﺴﻜﻰ : " ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮒ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ " . ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﺍ ، ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺑﻮﮔﻠﻴﺎﻧﺴﻜﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ : " ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ - ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ، ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ - ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . " ﺋﯩﻠﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻮﮔﻠﻴﺎﻧﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ : " ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ ﺟﻮﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﯧﭽﯩﺸﺘﻰ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ . ﺑﯘ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺷﯘﻛﻰ ~ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺝ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ . ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺟﻨﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﺪﻯ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺩﻩﭖ ﺧﻪﺕ - ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ، ﺗﻪﺭﻩﭖ - ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺗﺮﺍﭖ ، ﻫﯧﺮﯨﭗ ﻫﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ . " "ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﺩﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، 1882 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 5 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 10 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ 4 ﻣﯩﯔ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . "
ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﻟﻴﯘ ﺯﯦﺸﻴﺎﯞﻧﯩﯔ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ 1- ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . 605 - ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ - 614 - ﺑﻪﺗﻜﯩﭽﻪ . "ﻛﯚﭺ - ﻛﯚﭺ " ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .
ئانايۇرت تورى