Kashgheri
From Wikipedia
[Uzgartish] ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ :
ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺑﻮﻻﺟﻰ ﺩﻭﻏﻼﺗﻰ ﺗﺎﺵ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ . ﺗﺎﺵ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻨﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1346-ﻳﯩﻠﻰ 16 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﺘﻰ، ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺑﻮﻻﺟﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1348-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻨﻰ 18ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﺎﯕﻼﻳﺴﯜﻳﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ " ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ. ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻭﻏﻼﺕ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﻮﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯚﻟﻪﻙ ﯞﻩ ﺑﻮﻻﺟﻰ ﺋﺎﻛﺎ -ﺋﯘﻛﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺑﻮﻻﺟﯩﻨﻰ " ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻪﮒ"(ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ)ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺯﺩﺍﯞﺍﻧﺪﺍ ﮬﺎﯕﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﻪﮔﭽﻪﻙ (ﺑﯧﮕﺠﯩﻚ) ﻧﻰ " ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﺑﯧﮕﻰ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﺎﺵ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﻰ " ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺑﯧﮕﻰ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. 1347-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻥ ﺋﺎﻛﺴﯘ ﺋﺎﻳﻜﯚﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﯞ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﺗﻪﻙ (ﻛﯧﺘﯩﻚ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺷﻪﻳﯩﺦ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺷﻪﻳﺨﻜﻪ " ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ " ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﻪﻳﺦ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﺎﻳﻜﯚﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ " ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﺴﻰ"ﻧﻰ ﺷﻪﻳﺦ ﺋﻪﺭﺷﺪﯨﻦ ﯞﻩﻟﯩﮕﻪ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1354-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻥ 24 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺷﻪﻳﺦ ﺋﻪﺭﺷﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻻﻟﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﻣﯘﻩﺷﻪﺭﺭﻩﻑ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ، ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ . 1361-ﻳﯩﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯞﺍﺭﺍﺋﯜﻧﻨﻪﮬﺮﮔﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ. ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯧﻠﻴﺎﺱ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ ، ﺑﺎﺭﻻﺱ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﺑﻪﮒ ﯞﻩ ﻗﺎﯕﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﮔﭽﻪﻛﻨﻰ ﺋﻪﻣﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﮬﻪﺭ. ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍﻗﯘﺭﯗﻡ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1362-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩﻩ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﺎﻳﺎﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﺮ ﺑﻮﻻﺟﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺧﯘﺩﺍﻳﺪﺍﺕ " ﺋﺎﺗﺎﺑﻪﮒ" ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ 1363-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻤﯘ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. 1365-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟﯩﭙﻰ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎﺯﺍﺩﻩ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ " ﺳﻪﺭﺑﻪﺩﺍﺭﻻﺭ" (ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻼﺭ)ﻧﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ، ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺋﯧﻠﻴﺎﺱ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﻳﯩﺪﻯ ، ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻥ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺵ ﺧﺎﮬﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ. 1365-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﺵ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺷﺎﻧﺎﺭﺍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﭘﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﯧﻠﻴﺎﺱ ﺧﻮﺟﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻮﺭﺍﺳﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯩﻴﯩﺖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﺋﯘ ﺳﯩﺠﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﯓ ﻣﯜﺭﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﻕ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﯩﻠﺪﯨﺮﯨﻢ ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ " ﺗﯚﻣﯜﺭﻟﻪﯓ" (ﺋﺎﻗﺴﺎﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 1366-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﺳﻪﺭﺑﻪﺩﻩﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻗﻮﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻣﺎﯞﺍﺭﺍﺋﯜﻧﻨﻪﮬﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﻴﺎﺱ ﺧﻮﺟﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﻗﺎ ﺑﯘﻟﺨﺎﻧﻨﻰ(ﺋﯧﻠﭽﯩﮕﺪﺍﻳﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ) ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ. 1370-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﻨﺘﺘﻪ ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﺪﯨﺸﻰ ﺋﻪﻣﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻨﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺑﯘﻟﺨﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﮔﺪﺍﻱ (ﺋﻮﻛﺘﺎﻱ) ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﯘﺗﻤﯩﺸﻨﻰ ﻗﻮﺭﭼﺎﻕ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻏﺎﺯﺍﻧﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﭗ " ﻛﻮﺭﺍﮔﺎﻥ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ. ﺧﻮﺵ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ...
1.ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺑﺎﻳﺘﯘﺭﻧﯩﯔ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ : " ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺸﯟﺍﺳﻰ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ (ﺳﻪﺋﺪﯗﻟﮭﻪﻕ ﯞﻩﺩﺩﯨﻨﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ) ﻣﯩﻼﺩﻯ 14-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 70-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯﺍﺏ- ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1369-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻣﺮ ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﭘﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ، ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﺪﻯ، 1375-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﻪﻣﺮ ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﻰ (ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻛﻪﻧﺘﻨﻰ)ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﺴﻰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺑﯘﻻﺭ ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﻪ، ﺧﻮﺟﻪﻧﺪ، ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻪﮬﺎﺋﯘﺩﺩﯨﻦ (ﺑﺎﮬﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ) ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻣﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 1456-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ 923-924 ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ. "ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ 1380-ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ 1385-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ 10 ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﺸﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺵ ؟ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺷﻪﺭﻩﻓﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﯩﻴﻪﺯﺩﻯ ﻧﯩﯔ " ﺯﻩﻓﻪﺭﻧﺎﻣﻪﺋﻰ ﺗﯧﻤﯩﯘﺭ" (ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﺍﮔﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﭖ : ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮ ﻣﯩﺮﺯﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮ ﻣﯩﺮﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ 1375-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﺍﺳﺖ ، ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮ ﻣﯩﺮﺯﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ 1370-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ 1340- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﯸﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ 1992-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ17-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺯﻩﺋﯩﺪﻯ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ " ﺳﯩﻪﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻨﯩﯔ15 ﺧﯩﻞ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺯﻩﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 1456-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻓﯩﻠﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯧﻨﯩﺴﺘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﺗﺴﯩﻨﺖ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ " " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ" ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﯩﻨﻰ 1377-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻨﯩﯔ "ﻧﻪﺳﺎﻳﯩﻤﯘﻝ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ"ﻳﺎﻛﻰ " ﻣﯩﺮﺯﺍ ﮬﻪﻳﺪﻩﺭﻧﯩﯔ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﯞﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ. ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ 1377-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﻯ 1389-ﻳﯩﻠﻰ 71 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎﻕ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻨﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﺪﯨﻦ 12ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻨﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﻣﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎﻕ 14-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 60-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 70 ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ 1456-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ." ﺋﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ 13-ﻣﺎﻱ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯩﺮﺍﺗﻨﯩﯔ ﮬﯩﻴﺎﺑﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﺎﺭ . ﻣﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭ ﺳﺎﭘﻼ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻮﻝ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻘﺎ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻨﯩﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ، ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.
2.ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ: ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻕ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﺱ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﯨﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﮬﻤﺎﻥ ﺟﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯜﻳﺌﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﯩﺮﺍﺕ ﻣﻪﻟﯩﻜﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪﺳﯩﺪﻩ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، " ﻣﯘﻧﻴﻪﺗﯘﻝ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﻨﻪﺗﯘﻝ ﻣﯘﻓﺘﻪﺩﺍ"، " ﺗﯚﮬﻔﻪﺗﯘﻝ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻰ، ﻣﯘﻧﻴﻪﺗﯘﻝ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻰ " " ﻛﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺧﺎﺟﻪ ﺑﻪﮬﺎﺋﯘﺩﺩﯨﻦ"، " ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺋﻰ ﻟﻪﺗﺎﺋﯩﻒ" (ﻧﺎﺯﯗﻝ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﺴﻰ) " ﯞﯗﺟﯘﺩﻧﺎﻣﻪ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ . ﻧﻪﻗﯩﻠﻠﻪﺭ: ﺟﺎﻣﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺕ ﺳﯜﻟﯜﻛﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﯞﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ " ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺋﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﻲ ﺳﯘﻓﯩﻴﺎﻥ"، " ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺋﻰ ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻰ ﻣﻪﺯﮬﻪﭖ ﺳﻮﻓﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﻛﻪﻛﻜﻪﻟﻪﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﮬﯚﻛﻪﻣﺎ " (ﺳﻮﻓﻰ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺗﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮬﯚﻛﯜﻣﺎﻟﯩﺮﻯ ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﮬﻠﻪﻳﺪﯗ ﯞ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﺷﻪﻳﺨﻰ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﻟﯘﺗﻔﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺳﻪﻛﻜﺎﻛﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ923-925 ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ. ﻧﻪﻗﯩﻞ: ﺟﺎﻣﯩﻴﻨﯩﯔ " ﻧﻪﻓﺎﮬﺎﺗﯘﻝ ﺋﯘﻧﯩﺲ" ﯞﻩ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻨﯩﯔ " ﻧﻪﺳﺎﻳﯩﻤﯘﻝ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﮬﯩﺮﺍﺗﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻒ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ " ﺧﻪﻣﯩﺴﻪﺗﯘﻝ ﻣﯘﺗﻪﮬﻪﻳﻴﯩﺮﯨﻦ "ﺩﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ : " ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻰ ﻗﯘﺗﺒﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﯞﺳﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺳﻪﺋﺪﯗﺩﺩﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻜﯩﻢ ، ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﯩﻴﻪ ﺧﺎﺟﻪ ﺋﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﯩﺴﻠﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﻝ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻣﯘﺭﺷﯩﺪﻯ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪﺳﻰ ﺋﻪﺭﺩﯨﻢ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﯩﻦ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻳﺮﻯ ﻣﯘﺭﺷﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ " ﺷﻪﻳﯩﺦ ﺑﻪﮬﺎﺋﯘﺩﺩﯨﻦ ﺋﯚﻣﻪﺭﺩﻩﻙ ﯞﻩ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺑﺎﻳﻪﺯﯨﺪ ﭘﯘﺭﺍﻧﯩﻲ ﺩﻩ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﺳﻪﺩﺩﻩﻙ ﺑﯘﺯﺭﯛﻛﻼﺭ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻰ ﺷﻪﺭﯨﻔﯩﮕﻪ ﺩﺍﻏﻰ ﻣﯘﺷﻪﺭﺭﻩﻑ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ" -- 14-ﺗﻮﻡ 11-ﺑﻪﺕ. ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺑﺎﻳﻪﺯﯨﺪ ﭘﯘﺭﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺑﯘﻳﻪﺯﯨﺪ ﺑﯘﺭﺍﺑﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﯨﻤﯩﻜﻠﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ . ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺋﻪﺭﻩﺏ ، ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. " ﯞﯗﺟﯘﺩﻧﺎﻣﻪ" " ﺭﯨﺴﺎﻟﻪﺋﻰ ﻟﻪﺗﺎﺋﯩﻒ" ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ. (ﮬﻪﺯﺭﻩﺕ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﺎ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯘ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺭﯨﺴﭙﻮﺑﻠﯩﻜﯩﺴﻰ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺭﻩﻳﮭﺎﻥ ﺑﯩﺮﻭﻧﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﻓﻮﻧﺪﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ 5501-ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﻮﻟﻴﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ --ﮬﻪﻣﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ) ﺑﯘﻻﻕ 2005 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎﻥ "ﺋﯩﭙﺎﺭ ﮬﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻒ" ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﮬﻪﻣﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﺋﯚﺯﺑﯩﻜﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ. 46-ﺑﻪﺕ. ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺋﻪﮬﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺭﯨﻔﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﺴﻰ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭ ﺧﻮﺭﺍﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺭﺑﺎﺏ. ﻛﻪﻧﺠﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺋﯘﻟﯘﻏﺒﻪﮒ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﻪﻥ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﻨﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺕ ،ﺋﯩﻼﮬﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﺎﻗﻨﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺑﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﻔﺘﯘﺭ. ﺧﻮﺟﺎ ﺋﻪﮬﺮﺍﺭﻯ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﮬﯩﺮﺍﺗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻒ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﻩﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﻓﺎﺯﯨﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺯﻩﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﻏﺮﺍﻗﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻴﻪ ﻣﺪﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻰ ، ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﻣﯩﺮﻓﺎﺯﯨﻞ " ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯩﺮﺭﻩﻝ ﺋﻪﺳﺮﺍﺭ" ﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ . ﺯﻩﻳﻨﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺷﯩﻪﻳﯩﺦ ﺋﺎﻻﻣﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﺳﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ " ﻣﯘﻧﺎﻗﯩﭗ ﺧﻮﺟﺎ ﺯﻩﻳﻨﯩﺪﯨﻦ " ﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. 1797- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺋﻪﻟﻰ ﺳﻪﺭﻣﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﮬﻪﻣﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﻲ " ﺋﯩﭙﺎﺭﮬﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻒ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ" ﺩﯨﻤﻪﻙ ، ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮬﻤﺎﻥ ﺟﺎﻣﯩﻴﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮ ﺋﯘﺗﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﺎﻣﯩﻴﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻪﮬﺎﺋﯘﺩﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ " ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﻏﯘﯞﺍ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ . ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻨﯩﯔ " ﻧﻪﺳﺎﻳﯩﻤﯘﻝ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﺗﻪ : ﺯﺍﮬﯩﺮ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﺒﯘﻝ -ﻣﯘﮬﻪﻗﻘﯩﻖ ﯞﻩ ﻏﻪﯞﺳﻰ ﺳﺎﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﻣﯩﻠﻪﺕ ﯞﻩﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻝ -ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ(ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﻮﻝ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ) ﻣﯘﺭﯨﺪﻯ ﻛﯚﺭﮔﯜﺯﯛﺭﻟﻪﺭ ﺋﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻣﺎﻧﻪﻛﻰ ﺋﯘﯞﻩﻳﺴﻰ ﺋﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺧﺎﺟﻪﺋﻰ ﺑﻪﮬﺎﺋﯘﺩﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪ (ﺭﻩﮬﻤﻪﺗﯘﻟﻼﮬﯘ ﺗﻪﺋﺎﻻ ) ﺭﻭﮬﺎﻧﯩﻴﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﭘﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ "ﻧﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻜﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﻼﺵ ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻤﯘ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﭼﺎﻏﻼﺭ ﺋﯩﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﯩﺰ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻓﻪﺭﯨﺪﯗﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﺗﺘﺎﺭﻧﯩﯔ ﻟﯩﺴﺎﻧﯘﺗﺘﻪﻳﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻪﮬﺎﺋﯘﺩﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﻯ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻪﻳﺨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻗﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻮﺭﺍﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﺦ، ﮬﯩﺮﺍﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻪﯞﻻﻧﺎ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺑﯘﻳﻪﺯﺩ ﺑﯘﺭﺍﺑﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﭘﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺋﯚﮔﻨﺪﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺮﻟﯩﻖ ، ﻛﯚﭖ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﯩﺴﯩﺘﻤﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ . ﮬﻪﻣﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻨﯩﯔ " ﺧﻪﻣﯩﺴﻪﺗﯘﻝ ﻣﯘﺗﻪﮬﻪﻳﻴﯩﺮﯨﻦ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﮬﻤﺎﻥ ﺟﺎﻣﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻨﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﯜﮔﻪ ﺋﯜﮔﯩﻠﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ. ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﮕﻪ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭘﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺕ ﮔﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﻔﺘﺎ ﺟﯘﻻﻟﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﺳﻪﻧﺎﺋﻰ ، ﻓﻪﺭﯨﺪﯗﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﺗﺘﺎﺭ ﺭﻭﮬﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺭﯗﻣﻰ ، ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ، ﺟﺎﻣﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﻏﯩﮋﺩﯨﯟﺍﻧﻰ، ﮬﻪﻣﻪﺩﺍﻧﻰ، ﻳﻪﺳﻪﯞﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﯩﻼﻧﻰ ﺭﻭﮬﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻧﻪﺟﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﺑﺮﺍ ، ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﻯ ﺭﻭﮬﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻪﻟﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻪﻗﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ ﺳﻪﺋﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﻧﻪﻗﯩﺸﺒﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺳﻪﺩﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﻤﻪﻡ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ، ﮬﯩﺲ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻢ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯛﺷﻜﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﻤﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ " ﭼﯩﻜﯩﺘﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ " ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﭗ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﻮﺷﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ ، ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﮬ ، ﻣﯩﻠﻠﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ، ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻏﻮﺭﯗﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺩﮬﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﺑﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺋﺎﻻﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﮬﻪﺟﯩﻢ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ، ﻧﻪﻗﺸﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪ ﺳﯜﻟﯜﻛﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﯩﺘﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺋﻪﻳﺒﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺑﯘﻳﯩﻞ 2006 ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ 550 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ : ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ---ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺑﺎﻳﺘﯘﺭ ﺑﯘﻻﻕ2005-3ﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻛﻮﺭﺍﮔﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ --ﺷﻪﺭﻩﻓﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﻰ ﻳﻪﺯﺩﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ، ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ--- ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﭼﯩﺮﯨﻜﻼﺭ73-ﺑﻪﺕ-- ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭗ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ 397-ﺑﻪﺕ -- ﻣﻪﺩﻩﻟﺨﺎﻥ ، ﺋﺎﺗﯩﻜﻪﻡ ﺯﻩﻣﯩﺮﻯ. ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ﻗﯩﺴﻤﻰ - ﺩﺍﺷﻘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﺵ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﮕﻪ ﺑﯧﺸﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﯨﻦ. 2006-ﻳﯩﻠﻰ5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ10ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ 2 ﺩﻩ ﺗﺎﻣﺎﻡ. ﺩﺍﺷﻘﺎﻝ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ.