Natsist
From Wikipedia
ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﺘﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
1939- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1945- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ 2- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ، ﭼﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ، ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎ ﻧﺒﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻯ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻼﺭ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺟﺎﻧﻼﺭ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻨﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯩﻤﯩﻼ ﺩﯨﻤﻪﻳﻠﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺵ، ﮬﻪﻣﻨﻪﭘﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ. 1917- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﻘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﯩﻴﺎ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﯛﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﻯ ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﭘﻮﻟﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﯨﻢ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. 1924- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻨﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. 1936- ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻛﻮﻣﻤﯘﺗﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﺑﯧﻜﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﭼﺎﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺷﻮﯞﯨﻨﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﺎﻣﻐﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻼ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻮﭖ ﻳﯧﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، 30- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺑﻮﺭﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ < ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ > ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ < ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ > ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻤﯘ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ. 1941- ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﮬﯩﺘﻠﯧﺮ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﯩﺘﻠﯧﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ) ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﻰ 1938- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ < ﺳﻮﯞﯦﺖ - ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ >ﻧﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ 2- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ < ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎ ﺑﯧﻠﻮﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺪﻯ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻟﯧﻨﯩﻨﮕﯩﺮﺍﺩ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﺎﻧﻜﯩﺖ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮒ)ﻗﺎ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﺩﯨﻜﻰ ﻧﯧﻔﯩﺘﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﻛﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ < ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭖ ﺋﯜﭼﯜﻥ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻮﺋﺎﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺟﺎﻱ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺑﻪﺱ ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ، ﭘﻮﻳﯩﺰ ﭘﻮﻳﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ ﺩﻩﻣﻤﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ 180 ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺩﻩﭖ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻮﺳﻜﯩﯟﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 260 ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ 4 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﻮﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﭼﻮﻗﺎﻱ ﯞﻩ ﯞﻩﻟﻰ ﻗﻪﻳﻴﯘﻣﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺯﻭﺭﺍﻳﺘﻘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ 1942- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 700 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ < ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ > ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﯩﻤﯩﻼ ﺩﯨﻤﻪﻳﻠﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺵ، ﮬﻪﻣﻨﻪﭘﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ. 1917- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﻘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺶ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﯩﻴﺎ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻠﻤﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﯛﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﻯ ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﭘﻮﻟﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﯨﻢ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. 1924- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﭘﯧﺘﯩﭽﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻨﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. 1936- ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻛﻮﻣﻤﯘﺗﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﺑﯧﻜﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﭼﺎﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺷﻮﯞﯨﻨﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﺎﻣﻐﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻼ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻮﭖ ﻳﯧﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، 30- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺑﻮﺭﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ < ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ > ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ < ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ > ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻤﯘ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ. 1941- ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21- ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﮬﯩﺘﻠﯧﺮ (ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮬﯩﺘﻠﯧﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ) ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﻰ 1938- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ < ﺳﻮﯞﯦﺖ - ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ >ﻧﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ 2- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ < ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ > ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎ ﺑﯧﻠﻮﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺪﻯ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻟﯧﻨﯩﻨﮕﯩﺮﺍﺩ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﺎﻧﻜﯩﺖ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮒ)ﻗﺎ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﺎﯞﻛﺎﺯﺩﯨﻜﻰ ﻧﯧﻔﯩﺘﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﻛﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ < ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭖ ﺋﯜﭼﯜﻥ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﻮﺋﺎﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺟﺎﻱ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺑﻪﺱ ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ، ﭘﻮﻳﯩﺰ ﭘﻮﻳﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ ﺩﻩﻣﻤﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ 180 ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺩﻩﭖ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻮﺳﻜﯩﯟﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 260 ﺩﯨﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ 4 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﻮﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﭼﻮﻗﺎﻱ ﯞﻩ ﯞﻩﻟﻰ ﻗﻪﻳﻴﯘﻣﺨﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺯﻭﺭﺍﻳﺘﻘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ 1942- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 700 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ < ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ > ﺗﻪﺭﻛﯩﯟﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻯ ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ < ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺭﺩﯦﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻧﺎﺗﺴﯩﺴﺖ ﻓﻮﺭﻣﯩﺴﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﯞﻩ ﻓﻮﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻳﯧﯖﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺟﺎﻣﻪ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ < ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ > ﯞﻩ < ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﮬﺎﻟﻘﺎ ﺋﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﻠﯩﭙﯩﺴﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﻪﯓ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﮬﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﻤﯧﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻼ 267 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ 90 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪ، ﮔﯧﺮﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 1945- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻣﺎﺭﺷﺎﻝ ﮊﯗﻛﯘﻑ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ < ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺧﺎﺋﯩﻨﻰ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﺋﺎﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻴﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﻮﺳﻜﯘﯞﺍ ،ﻟﯩﯧﻨﯩﻨﮕﯩﺮﺍﺕ ،ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻨﮕﯩﺮﺍﺕ ،ﺳﯩﯟﺍﺳﺘﯩﭙﻮﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .. ﮬﻪﻡ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯩﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ " ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ " " ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ " ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ،ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ،ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﯩﻒ ،ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﻪﺧﻤﯩﺪﯗﻑ ،ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﮬﻪﺳﻪﻧﻮﻑ ،" 1- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ " " ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ "ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ،" ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ " ، "ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ " ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ "ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺗﺎﺗﯘﺭ ﺷﻪﺭﯨﭙﻮﻑ ، 1- ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ " ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ "، " ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ "ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﺍﻟﯩﻨﺘﯩﻦ ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻨﻮﻑ ،" ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ " ، " ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ " ، " ﺋﺎﻟﯩﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﻧﯩﯟﯦﺴﻜﻰ " " ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﺋﯘﭼﯘﻥ " ﻣﯩﺪﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﮬﺎﺷﯩﻢ ﻧﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻨﻮﭖ ،" ﺳﯧﯟﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ " ﻣﯩﺪﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﺵ ﺑﺎﺑﺎ ﺟﺎﻧﯘﭖ ، ﺳﯘﻟﭽﻰ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ،ﻣﻪﺳﯘﻡ ﻳﺎﻗﯩﭙﻮﻑ ، "ﭘﻮﻟﺸﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ " ﻣﯩﺪﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻰ.ﻛﺎﻣﺎﻟﻮﻑ ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯﻭﻑ ،ﺵ.ﺯﯗﻟﻘﺎﺭﻭﻑ ،ﻡ.ﻗﺎﺳﯩﻤﻮﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺷﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻟﻪﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.