Nobil
From Wikipedia
ﻧﻮﺑﯧﻞ (1833 - 1896 Alfred Nobel)
ﻧﻮﺑﯧﻞ 1833 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 21 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺳﺘﻮﻛﻬﻮﻟﻤﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺑﻮﯞﺍﻳﻤﯘ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﭘﺎﺭﺗﻼﺗﻘﯘﭺ ﺩﻭﺭﺍ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻧﻮﺑﯧﻞ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 16 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﯪﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﭗ، ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺋﯩﺠﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ . ﻧﻮﺑﯧﻞ ﯪﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻛﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﻮﻝ ﻳﺎﺳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﯬﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﯬﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﻳﯩﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﺶ ﯴﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﯲﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﻼﺗﻘﯘﭺ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻧﻮﺑﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﯴﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯰﭼﺮﺍﻳﺪﯗ . ﯰ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺗﯜﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ . 1867 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ،ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﺎﺭﻻﺗﻘﯘﭺ ﺩﻭﺭﺍ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻛﯜﺗﯜﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻻ - ﻗﺎﺯﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ . ﭘﺎﺭﺗﻼﺗﻘﯘﭺ ﺩﻭﺭﺍ ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 5 ﯪﺩﻩﻡ ﯲﻟﯩﺪﯗ ، ﯰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺑﻮﯞﺍﻳﻤﯘ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﯪﭘﻪﺕ ﻧﻮﺑﯧﻠﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﯰ ﺭﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﺪﯗ . ﯰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﻩﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﯪﺧﯩﺮﻗﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﮕﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻪﻝ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ .
ﻧﻮﺑﯧﻠﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﻼﺗﻘﯘﭺ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﯲﻳﻰ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﯪﺩﻩﻡ ﯲﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯚﭼﯜﭖ، : "ﯰﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻏﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ . ﯪﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﯴﭼﯜﻥ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻗﻮﺭﻗﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ﯪﯕﻠﯩﻤﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯰ ﯪﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯟﺍﻗﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻮﻟﯟﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯟﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ، ﯰﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﯰﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯰﻻﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ ، ﯪﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯟﺍﻗﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﯨﮕﻪ ﯪﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯴﭼﯜﻥ ، ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﺎﺭﺍﻟﻮﻥ ﻛﯚﻟﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﯰ ﯮﺕ ﯪﻟﻐﯘﭺ ﭘﯩﻠﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ . ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﯘﭺ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ (ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﯘﭺ ﺳﯩﻤﺎﭖ Hg(ON)2) ﺩﯨﻦ ﻛﺎﭘﺴﻮﻝ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯰ 4 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﯬﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ، ﯰ ﻛﺎﭘﺴﻮﻝ ﭘﯩﻠﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﯮﺕ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﯴﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯲﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺑﺎﺷﺘﺎ ﯮﺕ ﯰﭼﻘﯘﻧﻰ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ ﻫﻪﻡ ﯞﯨﮋﯨﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﯰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﻜﻮﻧﺖ ﯰﻧﯩﯔ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﯪﯞﺍﺯ ﯪﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﯪﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺗﯜﺗﻪﻙ ﻗﺎﭘﻼﻳﺪﯗ ، ﯬﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻧﯩﻤﻪ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﯪﻻﻗﺰﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ، "ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﻰ، ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺗﯜﮔﻪﺷﺘﻰ " ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺗﯜﺗﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﯪﺯ ﺗﺎﺭﻗﺎﭖ، ﻫﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺗﯜﺗﻪﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﯪﺳﺘﺎ ﯮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﻰ - ﺑﯩﺸﻰ ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﻫﻪﻡ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﯪﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻫﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ "ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﯨﻢ ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﯨﻢ " ﺩﻩﭖ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . 1867 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﭘﺎﺭﺗﻼﺗﻘﯘﭺ ﺩﻭﺭﺍ - ﺗﯩﺮﻧﯩﺘﺮﻭﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﻤﻨﯩﻴﻠﯩﻖ ﺗﻮﭘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺴﻰ ﻛﺎﻥ ﯻﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﻮﻝ ﻳﺎﺳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯬﻣﮕﻪﻙ ﻳﯩﻨﯩﻜﻠﻪﭖ، ﺋﯩﺶ ﯴﻧﯩﻤﯩﻤﯘ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﯪﺷﯩﺪﯗ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﭘﺎﺭﺗﻼﺗﻘﯘﭺ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻟﯩﭙﯩﺲ ﺗﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﯩﺸﯩﭗ ﯲﺗﯜﭖ، 9 ﻣﯩﻞ ﯰﺯﯗﻧﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻧﯩﻞ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ 5 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﺮﺍﺟﮕﺖ ﺗﯧﺠﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺎﯬﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﯰ 1875 - ﻳﯩﻠﻰ "ﺋﯩﺴﺴﯩﺰ ﯮﻕ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ" ﻧﻰ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﯬﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﻩ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ 120 ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﯪﺷﯩﺪﯗ . ﻧﻮﺑﯩﻞ ﯲﻣﯘﺍ ﯞﺍﻳﻪﺕ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﯲﺗﻜﻪﻥ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯨﻬﻨﻰ - ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﯰ 1896 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﯪﻳﯩﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ، 63 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ : ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ 32 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺳﻮﻡ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯰﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﯲﺳﯜﻣﯩﻨﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ، ﻓﯩﺰﯨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺯﻭﺭ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﯬﯓ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﯬﺳﻪﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﭽﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﯬﯓ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﯞﻩﺳﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﯬﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
izdinix hekemi yollanmisi