Nuruz
From Wikipedia
ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﺍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ "ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ" ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﺨﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ.
ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ_ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ.ﺋﯘ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ -ﺋﯧﺴﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﻠﻠﻖ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺋﯘﻻﺷﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﻛﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻛﻪﺳﯩﭗ ﻛﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ،ﻫﯜﻧﻪﺭ ﻣﺎﻫﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺝ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ،ﻫﯩﻤﻤﻪﺕ -ﺳﺎﺧﺎﯞﯨﺘﯩﻨﻰ،ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻣﻮﻝ-ﻫﻮﺳﻮﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺶ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﺪﯗﺭ. ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ ﻧﻪﯞﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ -ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ: 1.ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﻧﺎﻏﺮﯨﺴﻰ: ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻟﻖ -ﻛﻪﻧﯩﺖ، ﻗﯩﺮ -ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎﻏﺮﺍ-ﺳﯘﻧﺎﻱ ﭼﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻝ -ﻳﯘﺭﺕ ﻧﻪﯞﺭﯗﺯﻏﺎ ﺟﺎﺑﺪﯗﻧﯘﭖ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﻳﯘﺭﺕ-ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. 2.ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﺗﺎﺯﻟﯩﻘﻰ:ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ""ﺋﺎﺭﯨﺦ ﺗﻮﻗﯘ"" ﺋﯧﺮﯨﻐﺪﺍﺵ-ﺗﺎﺯﻻﺵ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﻠﻪﺗﺘﻰ.ﺋﯧﺮﯨﻖ-ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ،ﻛﯚﻝ،ﺑﯘﻻﻗﻼﺭ،ﺋﯧﻐﯩﻞ-ﻗﻮﺗﺎﻧﻼﺭ،ﻛﻮﺯﺍ-ﺋﯩﺪﯨﺸﻼﺭ،ﻫﻮﻳﻼ-ﺋﺎﺭﺍﻣﻼﺭ ﺗﺎﺯﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.ﻳﻮﻝ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. 3.ﺳﻮﻏﺎﻕ ﻗﻮﻏﻼﺵ:ﻫﺎﺭﭘﺎ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺗﻮﭖ-ﺗﻮﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ،ﻗﺎﭘﺎﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ(ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﺎﻍ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ،ﭘﯩﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﭘﺎﻕ)ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮ -ﺳﻪﻫﺮﺍﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺳﻮﻏﺎﻗﻨﻰ ﻫﻪﺟﯩﯟﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻴﯩﺖ-ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺳﻮﻏﺎﻗﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﻳﺘﺘﻰ.ﻧﯘﺭﯗﺯﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺋﯚﻟﻪﻥ ﺗﻮﯞﻻﻳﺘﺘﻰ.ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ. 4.ﻳﻮﻗﻼﺵ:ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﻜﯩﭽﻪ ﻳﻮﻗﻼﺵ،ﻫﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻱ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰ-ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﺍﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺩﯗﺋﺎ-ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.ﻗﻮﻝ -ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰ-ﺋﻮﺭﯗﻕ،ﻳﯩﺘﯩﻢ-ﻳﯩﺴﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﯗﻧﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ. 5.ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﺋﯧﺸﻰ:ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﺑﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ""ﻕ""ﺗﺎﯞﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ (ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ)ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ،ﻗﯧﺘﯩﻖ،ﻗﯘﺭﯗﺕ،ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ،ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﺎ،ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧﻐﯩﺮ، ﻗﻮﺯﺍﮔﯚﺷﻰ(ﺗﻮﻧﯘﺭﻛﺎﯞﺍﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ)ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﺗﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﭼﻪ ﺋﺎﺵ (ﺋﯜﺩﯛﺭﻣﻪ ﺋﺎﺵ)ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.(ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﻫﯧﻠﯩﻬﻪﻡ ﺑﺎﺭ) 6 .ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﻪﻳﻠﻪ-ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻰ.ﭼﺎﻗﭙﻪﻟﻪﻙ ،ﺋﯩﻠﻪﯕﮕﯜﭺ،ﺗﻪﭘﯜﻙ،(ﺗﯩﭙﻪﻙ)ﺋﻮﻗﺘﺎﺵ، ﺋﺎﺗﻼﻣﭽﯘﻕ،ﺋﻮﺭﺩﺍﻣﻜﯚﭺ،ﻳﻮﺷﯘﻧﻤﺎﻕ،ﺯﻩﺩﻩﻙ ﻳﯘﻟﯘﺷﻤﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﻳﻨﯩﻼﺗﺘﻰ. 7.ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺮﻯ:ﻧﯘﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ،ﺋﺎﺕ ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ،ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ،ﺩﺍﺭﯞﺍﺯﻟﯩﻖ،ﻗﻮﺷﻘﺎﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ،ﻳﯜﮔﯩﺮﻩﺵ،ﺳﻪﻛﺮﻩﺵ،ﺧﻮﺭﺍﺯ،ﻛﻪﻛﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ،ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻮﻝ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. 8.ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ:ﻧﻪﯞﺭﯗﺯﻧﯩﯔ 3-ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻣﻪﻫﻪﻟﯩﻠﻪﺭﺑﻮﻳﯩﭽﻪﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﻯ،ﻗﻮﻝ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ.ﺑﻪﺯﻯ ﻫﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. 9.ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﺗﯧﻠﻪﻛﻠﯩﺮﻯ:ﻧﻪﯞﺭﯗﺯﻧﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﻝ -ﻣﻪﻫﻪﻟﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ -ﻣﻮﻟﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ""ﺯﺍﺭﺍﺧﻪﺗﻤﻪ"" ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﯞﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩ-ﺧﻮﺭﺍﻡ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ،ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻥ -ﺋﯧﺴﻪﻧﻠﯩﻚ،ﺗﻮﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﻨﻰ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻮﻝ-ﻫﻮﺳﯘﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯗﺋﺎ -ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻧﻪﯞﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯘﻛﻰ ،ﺋﯘ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ -ﺋﯚﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯚﭺ -ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺗﻠﻪﺭ ،ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﻮﻏﻮﻗﻮﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭ -ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﺳﺎﻻﯞﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﻮﻗﻼﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ -ﺳﻪﻳﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺯﺍﺭﺍ ﺧﻪﺗﻤﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻧﻪﯞﺭﯗﺯ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ،ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ،ﺭﻭﻫﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯗﺭ.
ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. dilchin yazmisi