Prof. Muhemmedimin
From Wikipedia
ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ
ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ:ﺯﯗﻻﻝ
ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ
ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻝ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻡ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺐ ، ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ 1933- ﻳﯩﻠﻰ 9- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﯧﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ ، ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "" ﺷﯜﻛﺮﯨﻠﻼ "" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ 1939 - ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ "" ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ "" ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻕ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﯞﻩ ﺑﯘﻻﻕ ﺑﯧﺸﻰ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ 5 - ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1944 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ "" ﺟﺎﻧﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ""ﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ . 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﻩﺭﯨﺴﻰ ﺩﻭﻙ ﻗﺎﺭﯨﻬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯗﺳﯘﻝ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ 1950- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ 4 ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1950- ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﺌﻪﻥ ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ، ﺗﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻜﯩﺴﻜﯘﺭﺳﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺌﻮ - ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1952 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﭘﺎﺗﺎﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﻫﺎﺷﺎﺭﺍﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ، ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﮔﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻐﺎﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . 1953 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺷﯩﺌﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ﻛﺎﻓﯧﺪﯨﺮﺍﺳﯩﺪﺍ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ 1955 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "" ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﯘﺭﻧﯩﻠﻰ "" ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ )ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ 11- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ "" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ 1956- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ "" ﯞﻩ "" ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ "" ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ 20 ﻳﯩﻞ ﺋﻮﯕﭽﻰ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﻰ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ . 1959 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﻳﺪﯨﻠﯩﭗ ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ .1961 - ﺋﯘ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ 1966 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﯩﻤﺨﯘﻣﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "" ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ""ﻧﻰ ،"" 24ﺗﺎﺭﯨﺦ ""ﻧﻰ ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﻮﺭﮔﻰ ﺷﯧﻜﺴﭙﯩﺮﻧﯩﯔ 36ﺳﻪﻫﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ "" ﺭﺍﻣﺎﻧﺎﻳﺎ "" ، "" ﻣﺎﺧﺎﭘﯩﺮﺍﺗﺎ "" ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "" ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ "" 15ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ( 32 ﻛﯩﺘﺎﺏ )ﻧﻰ ، "" ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﯓ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ""ﻧﻰ ، ﺑﺎﻳﺮﯗﻧﻨﯩﯔ "" ﺩﻭﻥ ﺟﯘﺋﺎﻥ "" ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ، ﻫﻮﻣﯧﺮﻧﯩﯔ "" ﺋﯩﻠﻼﺩﺍ ﯞﻩ ﺋﻮﺩﯦﺴﺴﺎ "" ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻳﯘﻧﺎﻥ ﯞﻩ ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، "" ﻗﯘﺭﺍﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ""، "" ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ ﯞﻩ ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ""ﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﻪﭘﻼﺗﯘﻥ ، ﺋﺎﺭﺳﺘﻮﺗﯧﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺩﺍﻧﺘﯩﻨﯩﯔ "" ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ "" ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ ، ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﯞﻩ ﺗﻴﻪﻧﺨﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺭﺍﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻣﺎﺭﻛﯩﺲ - ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ، ﺑﺎﺑﯘﺭ ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ 30 ﻧﻪﭼﭽﻪﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ "" ﻗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻍ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ "" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ "" ﺳﯘﻣﯘﺭﻏﻼﺭ ﻗﻮﺷﯩﻘﻰ "" ، "" ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ "" ، "" ﺧﻪﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻫﺎﺭ "" ، "" ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺧﯘﺋﺎﺭﯗﯓ "" ، "" ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ "" ، "" ﺩﺍﺕ ﺑﺎﺳﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭻ "" ، "" ﭘﯩﻠﻪ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ "" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺭﺍﻣﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . "" ﺟﺎﯞﺍﻫﯩﺮﯗﻝ ﻫﺎﻗﺎﻳﯩﻖ "" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﯞﺯﯗﺩﺍ "" ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ "" ( ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ 1995- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ 4- ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﯩﻢ " ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﯞﻩﺯﯨﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻟﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻫﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﻕ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺭﭼﻪ - ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ 500 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﯩﮕﻪﻥ . "" ﺳﻪﯞﺩﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﻨﺎﻣﯩﺴﻰ "" ( ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻟﯩﺮﯨﻚ ﻧﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ . 1978- ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ 11- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 3 - ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ "" ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﻮﯕﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ 1980- ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺏ ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ، ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻲ ، ﺷﯧﺌﯩﺮ - ﻏﻪﺯﻩﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "" ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ""ﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ . 1986- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ "" ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯜﻙ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ _ " ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ " "" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ . 1980- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ 200 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ، "" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ "" ، "" ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ- ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺳﻪﻧﯩﺘﻰ "" ، "" ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ "" ، "" ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﺎ "" ، "" ﭼﻮﻏﻠﯘﻕ "" ، "" ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﺎﺕ "" ( 1 ) ، "" ﺭﯗﺑﺎﺋﯩﻴﺎﺕ "" ( 2 ) ، "" ﻗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻍ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ "" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . 1988 __ 1991 - ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ، ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ ، ﺋﯘ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﯨﺪﻯ ، ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﯩﺪﻯ ، ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﻯ ، ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺪﻯ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 1990 - ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ "" ﻗﺎﺳﺮﺍﻕ "" ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ - ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﺰﯨﻘﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "" ﺭﻭﻫﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ _ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ "" ، "" ﻫﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ "" ، "" ﺋﺎﺭﯨﻔﻨﺎﻣﻪ "" ، "" ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ "" ، "" ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ "" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ "" ﺳﯩﻜﺘﺎﻱ - ﺳﺎﻙ - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻖ "" ، "" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ "" ، "" ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺳﻪﻧﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ "" ، "" ﺋﻪﻟﯩﺸﯩﺮ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ "" ، "" ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﯞﻩ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﺨﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﻪﻧﯩﺴﻰ "" ، "" ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ "" ، "" ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ _ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﻰ "" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻥ "" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ "" ، "" ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮ ﺳﻪﻧﯩﺘﻰ "" ، "" ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ "" ، "" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﻰ "" ، "" ﺳﻪﯞﺩﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﻨﺎﻣﯩﺴﻰ "" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . "" ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ "" ، "" ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ "" ، "" ﺳﻮﻏﺪﯨﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ "" ، "" ﭼﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﺎﭼﯩﻨﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ "" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻳﯧﭙﻴﯩﯖﻰ ﺗﯜﺱ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﻰ . ﺳﺎﻧﯩﺴﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺗﻮﺷﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ "" ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ، ﺑﯩﺮ ﻛﯘﺗﯘﺑﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﻟﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ! "" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﻰ ، ﺗﯚﻫﭙﯩﻜﺎﺭ ﺑﺎﻏﯟﯨﻨﻰ ، ﻣﻮﻝ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﯨﻤﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ، 1995- ﻳﯩﻠﻰ 2- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27- ﻛﯜﻧﻰ ﺯﯨﻘﻘﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 62 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻳﺮﻟﻪﺷﺘﻰ . ﺑﯘ ﺟﯘﺩﺍﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ . _____ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺭﻭﺯﻯ ، 2001 - ﻳﯩﻞ ، ﺋﯩﻴﯘﻝ
( "" ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ "" ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ، 2001 - ﻳﯩﻞ 7 - ﺋﺎﻱ ، 1 - ﻧﻪﺷﺮﻯ )