Qitan
From Wikipedia
ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻯ: ﺗﯘﻣﺎﺱ A. ﺳﯩﺒﯩﻚ (ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ)[/align]
ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ « "ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» " ﮔﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﭽﯩﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﺩﺍﺧﯩﻠﻪ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ- ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﯗﺭ. ﻗﯩﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﻪﻟﺐ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﺧﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﯜﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﻘﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﯩﯟﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯜﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺟﯘﺟﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﯕﮕﯜﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺷﻪﻙ ﻳﻮﻕ. ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯜﭺ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ: ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ، ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ « "ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ»" ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ، ﻣﯩﻼﺩﻯ 947- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1152- ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ، "«ﻟﻴﺎﯞ»" ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻟﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺯﺍﯞﺍﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻫﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻫﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. "«ﻗﯩﺘﺎﻥ»" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﻣﯩﻼﺩﻯ V ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ . ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﯞﯦﻲ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﭼﺎﺧﺎﺭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ. ﻣﯩﻠﺪﻯVII ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 697- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﻗﺎﭘﺎﻏﺎﻥ ﻗﺎﻏﺎﻥ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 677- 716- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯘﺭﺧﯘﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻗﯩﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﻗﯩﺘﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ- ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭﺩﯨﻼﺭ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺗﯜﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﺑﯩﭗ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﭼﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺭﻣﯩﺶ. ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﺎﺗﻼﻣﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﻰ- ﻏﺎﺭﺍﻳﯩﭗ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘ ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﻼ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺑﻪﺯﻯ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯧﺘﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ، ﻗﯩﺘﺎﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﻳﺎﺭ ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ « "ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ»" ﻧﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺘﺎﻥ ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻠﻮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺑﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻧﺎ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺯﻭﺭﺍﻳﺪﻯ. ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎﺑﯘﺟﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﻮﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﯕﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ ﺗﻮﻏﻤﺎ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺗﻮﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﭖ- ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﯘﺟﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘ، ﻫﯘﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭺ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺭﻭﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﯨﺒﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭼﺎﺧﺎﺭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ) ﻏﺎ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﺎﺑﯘﺟﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﺘﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻼﺩﻯ 906- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﯞﻩﻗﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﺒﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﻳﯧﮕﯩﺮﻣﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﯘﺟﻰ (ﺟﯘﯕﮕﯘﭼﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻪﻳﺰﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ) ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺧﺎﺭﺟﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 924- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﯘﺟﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻏﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﯘﺟﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ (ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﯘﻥ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ) ﻧﻰ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﯘﺟﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 947- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﺎﯞﺷﯩﻴﻪﻧﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﯞﻩ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺟﯘﯕﮕﯘﭼﻪ ﺗﻪﻳﺰﯗﯓ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 927- 947- ﻳﯩﻠﻼﺭ) ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 947- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎ- ﺑﯘﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﻴﺎﯞﺧﯥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻟﻴﺎﯞ» ﻫﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺳﯘﻻﻟﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻟﻴﺎﯞ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1125- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺗﯘﯕﮕﯘﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﻪﭘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﻣﯩﻠﯩﻐﯩﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﺗﺎﺷﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ « "ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻟﻴﺎﯞ»" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﻣﯩﻼﺩﻯ 1124- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1211- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﺗﺎﺷﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ "«ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ»" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. (ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﯩﯟﯨﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯜﺯﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، «ﻗﯩﺘﺎﻥ» ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺧﯩﺘﺎﻱ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺷﻪﻙ ﻳﻮﻕ). ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻫﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ. ﺟﯘﯕﮕﯘﭼﻪ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻩﻟﯩﻞ- ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﻪﺱ. ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﺗﺎﺷﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺷﯘ ﺯﯨﻤﯩﻨﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﭼﯘﻗﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﺗﺎﺷﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯨﻠﻐﺎﻥ، ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯘﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭼﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ -‿ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺩﻯ ﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﺗﺎﺷﯩﻦ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﺌﻮﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ «ﺟﯘﺭﺟﺎﻥ» ﻳﻪﻧﻰ «ﺟﺎﻫﺎﻧﺨﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1124- 1143- ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺟﺎﻱ ﻣﺎﯞﺍﺭﺍ ﺋﯘﻧﻨﻪﻫﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺍﻝ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯩﺒﯩﺮﻳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﻛﯚﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﯘﺭﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﭙﺎﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1211- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻰ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﻨﯩﯔ ﺳﻮﻳﯘﺭﻏﺎﻝ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﻳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺧﺎﺭﻩﺯﯨﻢ ﺧﺎﻧﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﯞﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻳﻼ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﯩﻐﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ «ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯓ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ‿ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺧﯩﺘﺎﻱ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ «ﻛﺎﺗﺨﺎﻱ» (cathay ( ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ، VIII- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻧﺎﻡ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ. ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ، ﺗﯘﯕﮕﯘﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﯞﻩﻗﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻟﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﻰ. ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1122- 1134- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻕ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯘ ﺗﯩﺰﯨﺴﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺩﯨﻦ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ، ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯞ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻮﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺩﻭﺭﯨﻴﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺋﻮﯞﭼﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻏﺎ ﺋﻮﯞﻻﺵ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯘﺷﺎﻝ- ﺧﯘﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﯘﻻﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ، ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺧﯘﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ، ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻛﻮﺗﺎ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻫﺎﻧﻪﺕ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘﻻﺭ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺗﻮﺭﻻﺭﭼﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺟﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺗﯩﺮﺷﯩﭗ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ. ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻟﻴﺎﯞ، ﺟﯩﻦ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ، ﻛﺎﺭﻝ. . ﯞﯨﺘﻔﻮﮔﯧﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﯧﻦ ﺟﻴﺎ ﺷﯩﻦ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ «ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ (ﻟﻴﺎﯞ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ) (907- 1125- ﻳﯩﻠﻼﺭ) («ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻪﺕ- ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ» 1946- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 36- ﺗﻮﻡ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯨﻨﯩﺴﺪﻭﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﯩﻞ- ﺩﻩﯞﺭﻯ، ﭼﯧﺴﻼﺭﺟﻮﻥ ﺋﺎﻧﺪﺭﯦﯟ ﺑﻮﻳﻠﯥ ﯞﻩ ﺑﺮﯦﺘﺸﻨﺪﯦﺮﻻﺭﻧﯩﯔ 14- ﺑﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ. ﺳﻨﻮﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﺭﺟﯩﺘﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ «ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ» ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 249- 250- ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﻛﺎﺗﻮﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ --- ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ